كۆرۈش: 7514|ئىنكاس: 7

«ئەسكى ئەر» لەر بىلەن «ياخشى ئەر» لەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 20:50:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئەسكى ئەر» لەر بىلەن «ياخشى ئەر» لەر




   كۆڭلىدىكىدەك «ياخشى ئەر» نى تېپىش ھەربىر ئايالنىڭ ئۈمىدى بولسا كېرەك، بىراق ئاياللارغا «ياخشى ئەر» گە قارىغاندا «ئەسكى ئەر» نىڭ بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكىم كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە گېپى بولىۋاتقان «ئەسكى ئەر» قانداقتۇر ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق دېگەندەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى كەسپ قىلىۋالغان ئەرلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قارىماققا خىيالى تەسىر بېرىدىغان، ھە دېسىلا شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا «دۇرۇس» كۆرۈنمەيدىغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
       ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەر يۇمۇرىستىك، زېرەك، كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان كېلىدۇ. بۇنداق ئەرلەر تۇنجى كۆرۈشۈشتە ئۈجمە كۆڭۈل، ئىشەنچىسىز، مەسئۇلىيەتسىز تەسىر بېرىدۇ، شۇ سەۋەبلىك «ئەسكى ئەر» لەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئارتۇقچىلىقلىرى كۆزگە كۆرۈنمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى نۇرغۇن «ياخشى ئەر» لەر بىر ئۆمۈر ھازىرلىيالمايدۇ، شۇڭا قىزلارغا تەۋسىيەم، ئەرلەرگە تاشقى قىياپىتى، تۇنجى بەرگەن تەسىرى بىلەنلا باھا بېرىشكە ئالدىرىماي، ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. «ئەسكى ئەر» بەلكىم سىز ئىزدەۋاتقان كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەر بولۇشى مۇمكىن.
     ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەر ئۆزىنى تۇتىۋالغان كېلىدۇ. بۇنداق دېسەم ھەيران بولماڭ، چۈنكى «ئەسكى ئەر» لەر كۆپنى كۆرگەن بولغاچقا، ئانچىكى ئىشلارغا كۆز قىرىنى سېلىپ كەتمەيدۇ. «ياخشى ئەر» لەر بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار توي قىلىش يېشىغا يەتمىگۈچە، مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ، شۇڭىمۇ بۇنداق ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.
        ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەرنىڭ ئۆز ھېسياتىغا بولغان چۈشىنىشى ئېنىق بولىدۇ. مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەي: «ياخشى ئەر» لەرنىڭ ئالدىغا بىرلا خىل مېۋە، يەنى ئالما قويدۇق دەيلى، ئۇلار ئامالسىز يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىراق كۆڭلىدە باشقا مېۋىلەرنى تېتىپ بېقىشنى ئويلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقا مېۋىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ-دە، لېكىن كۆپنى كۆرگەن «ئەسكى ئەر» لەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق مېۋىگە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ھەرگىز ئالما يەپ ئولتۇرۇپ، باشقا مېۋىنىڭ خىيالىنى سۈرمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى شەخسىي قاراش، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئۆزىڭىزىدىن.
                                         
                                                                                 مەنبە:خاتىرەم


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
919
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:34:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ، بىلۋالسا بولغىدەك.


Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
94
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 16:04:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنى ئەجەپ بىر يەردە ئوقۇغاندەكلام قىلىمەن. قەيەردە كۇرگەندىمەن؟


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
2
UID
22632
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 18:57:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە يەنىلا ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتقۇلۇق.....ياخشى ئادەم ئەسكى بۇلىمەن دەپمۇ بولامايدۇ،لىكىن ئەسكى ئادەم ياخشى بۇلىمەن دەپ ياخشى ئادەم بۇلالىشى مۇمكىن لىكىن قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ .....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
581
تۆھپە
213
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 23:05:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بۇ تېما مۇشۇ مۇنبەردە بىر قېتىم ئېلان قىلىنىپ بولغان! مەن بۇ تېمىغا ئىنكاسمۇ قايتۇرغان بۇنى «ئۈممەت»  ئىككى يۇلتۇزلۇق ئەزا ئىسمى ئېلياسجان يوللىغان ،بەلكىم باشقىلارمۇ كۆرگەن بۇلىشى مومكىن بۇنداق تىېتىقسىز تېمىنى قايتا-قايتا يوللاشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن! مەن بۇنىڭغا تۇپتىن قارشى تۇرىمەن بۇ تېمىنى ئۆچۈرۋېتىش كىرەك!
ئەينى چاغدا قايتۇرغان ئىنكاسىمنى قايتا يوللىماقچىمەن.
مەن بۇ تېمىنى قەتئى قوللىمايمەن ئەگەر ھەرقانداق ئەر ئالدىغا كەلگەن «مىۋە» نى تېتىپ بىقىشى كىرەك بولسا ئۇ چاغدا بىزنىڭ مىللىتىمىز خۇتۇن قىزلىرىنىڭ ياپۇنىيە«ھال سورىغۇچى» خېنىملىرىدىن نىمە پەرقى بولسۇن !!!!!!!!!!!

قەتئى بولمايدۇ     بۇ تېمىنى ئۆچۈرۋېتىش كىرەك


Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 02:19:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاقتىن بېرى ئاياللار توغرىسىدا تېمىڭىز كۆپىيىپ كەتكەن ، مەن ھەتتا سىز ئاياللارنى تەتقىق قىلغۇچىمۇ دەپمۇ سورۇغۇم كەلگەن . مانا ئەمدى بۈگۈن ئەرلەر ئۈستىدىمۇ توختۇلۇپسىزدە .


Rank: 4

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
295
تۆھپە
84
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koraxqan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 23:05
توغرا بۇ تېما مۇشۇ مۇنبەردە بىر قېتىم ئېلان قىلىنىپ بو ...

مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
446
تۆھپە
223
UID
3842

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلاردا مەسلە بار، ئۆزلىرى جاۋاب بەرسۇن!!!


بۇ ماكانغا كەلمىگىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 16:39, Processed in 0.075821 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991