كۆرۈش: 8551|ئىنكاس: 10

بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
39
تۆھپە
16
UID
675
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 17:44:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟



     ھازىر جەمئىيىتمىزدە دوستلار بىرگە سىرتقا چىقىپ تاماق يەيدىغان ياكى يىغىلىدىغان ئىشلار جىق بولۇپ قالدى، مەقسەتسىز ياكى مەقسەتسىزلا كونا-يېڭى دوستلار بىر تاماق جوزىسىغا جەم بولۇپ قالىدىغان بولدۇق. ھازىرقى ئاشخانا رېستۇرانلار قىممەتلىكىدىن ئادەمنى قاقشىتىدۇ. نەچچە ئادەم تاماق يېسە نەچچە يۈز يۈەن يوق. بۇنداق ئەھۋالدا غەربنىڭ AA تۈزۈمى بويىچە ھەممە ئادەم ئوخشاش چىقارسا بۇ بىزنىڭ بەزى ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىن تازا ئۆتمەيدىكەن، سىلەرچە قانداق قىلسا ياخشىراق بولىدۇ؟

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
11
UID
28596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 22:20:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىنلا ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى تۆلەش كىرەك ئىدى ،ھازىر بۇ خىلى ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالدى ،ئاشۇ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلەر ئانچە -مۇنچە ئەمىلى بارلار ياكى ئۆزىنى چوڭ كۆرىۋاتقان يۈزى قىلىنلار . تاماق پۇلىنى تۆلەۋاتقانلار كىرىمى ئاز ،بارىغا شۈكرى قىلىدىغان ، ھالال تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلار  ياخشى تىما بوپتۇ .

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 22:55:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئويلەردە مىھماندارچىلىق قىلاتۇق،ھازىر بولسا رېستۇرانلاردا يەپ ئىچىدىغان بولدۇق،بۇرۇنغۇ ئويلەردە تەجەشلىك ئىدى،ھازىر رىستۇرانلاردا ئىسراپچىلىق قىلىۋاتىمىز،مىنىڭچڭمۇ بۇندىن كىيىن قانداق قىلساق بولۇدۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم،ئۇنۇڭدىن كۆرە ھىشكىمنىڭ ئىگدارچىلىغى يوق ئاشۇ ئاي شارىغا چىقىپ مىكماندارچىلىق قىلغىنىمىز ياخشىمىكىن. ئىسراپرىلىقمۇ بولمايدۇ، خەقمۇ كۆرمەيدۇ شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 14:39:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى تېما بولۇپتۇ ، ئەگەر سىز ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا ۋاقىتلاردا دوسلىرىڭىز بىلەن تاماق يىگەندە، (سوممىسى كۆپرەك ) ئۆز پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە سىزگىمۇ قارشى تەرەپكىمۇ ئېغىر كەلمەيدۇ. ھازىر پۇل تېپىش تەس خەجلەش بەك ئوڭاي بولىۋاتىدۇ.
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1383
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 19:48:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئاغىنىلەر بار-ھە،‹ۋاي توختاپتۇر، ۋاي مۇشۇ قېتىم بولسىمۇ جىم تۇرغىن.........›دەپ ئوڭ قولىدا سىزنى تۇتىۋېلىپ سول قولىدا ئوڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ بولۇپ، يەنە سول قولىدا سىزنى تۇتىۋېلىپ ئوڭ قولىدا سول يانچۇقىنى ئاختۇرغىلى باشلايدۇ. ئامال يوق پۇلنى تۆلەپ بولۇپ ‹ھېچقىسى يوق ئاداش، سېنىڭ پورتىمالىڭ يانچۇقۇڭغا چاپلىشىپ قالغان تۇرسا› دەپ قويىسىز. ئىككى كۈندىن كېيىن (ياكى ئەتىسىلا) ئوخشاش ۋەقە قايتا تەكرارلىنىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1383
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 19:53:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمبەر يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 22:20
ئەسلىدىنلا ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى تۆلەش كىرەك ئىدى ،ھازىر ب ...

ھاي سىڭلىم، مەنمۇ ‹پۇچۇق قوشۇقنىڭ› سېپىنى تۇتۇپ قالغان ئادەم، بەش قول تەڭ ئەمەس-جۇمۇ.
8ئاغىنەم بىلەن 10قېتىم تاماققا بىرگە كىرسەم  4قېتىم پۇل تۆلەش قائىدىسىنى مەنمۇ بىلىمەن، چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ‹ئادەمنىڭ يۈزى› يورۇق بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۆت ئېغىز گېپىڭىز ئۆتىدىغان بولىدۇ.

Rank: 1

تىللا
53
تۆھپە
13
UID
10992
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 21:57:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر بار، ئاۋۋال ئاتالمىش ''مەردلىك''ىنى بىر پەش قىلىۋىتىپ ، ئاندىن بىر قىتىملىقىنى 10 قىتىملىق ''مۆرىتى''گە ''تىگىشىدۇ''

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
11
UID
28596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 22:17:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 19:53
ھاي سىڭلىم، مەنمۇ ‹پۇچۇق قوشۇقنىڭ› سېپىنى تۇتۇپ قالغ ...

ھەممە ئادەم سىلىدەك ئويلايدىغان بولسا بۇ تىما چىقمىغان بولاتتى ،مەنمۇ ئاشۇ قىسمەنلەرنى دىمەكچى ئىدىم ،كەچۇر سىلە سىلىنى رەنجىتكىم يوق .

Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 02:34:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار پۇلىنى تۆلىگەن تاماق ماڭا ئانچە تېتىمايدۇ

Rank: 3Rank: 3

تىللا
211
تۆھپە
40
UID
671
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:35:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھەقىقىي چۈشىنىشىدىغان دوسىتلار ئارا بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ياخشى دەپ قارايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 16:01, Processed in 0.078288 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991