- تىللا
- 203
- تۆھپە
- 134
- نادىر
- 0
- يازما
- 134
- جۇغلانما
- 605
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-4
- تىزىملاتقان
- 2012-8-31
- UID
- 25911

- تىللا
- 203
- تۆھپە
- 134
- UID
- 25911
|  |  |  |  | قىز قەبرىسى 
(تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 1982-يىلى ئىشلىگەن) سىنارېست-ئالىمجان، رېژىسسور-تاڭ گۇاڭتاۋ ئاساسلىق روللاردا: قالى-مۇختەر، شەربەت-كابىلا.مايباس-باياخۇن ،داكەن- توختاسىن، لى جۈيجاڭ-دې گاۋ قاتارلىقلار فىلىمنىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىكى مۇنداق: بۇ ھېكايە فىلىمدە 1944-يىلى شىمالىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاساس قىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن يەرلىك ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىرلىشىپ، قازاق خەلقىنى ئېزىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغايدۇ. بۇ بىر مەيدان كۆرەش جەريانىدا قازاق ياش يىگىت-قالى بىلەن ئۇنىڭ چىن ئاشىقى-شەربەت ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئېزىشىگە ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇلار زوراۋانلارغا باش ئەگمەي، خەلق ئاممىسىنى تەشكىللەپ، ئەكسىيەتچىلەر بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئاقتاش تېغى ئۈستىدە بىر قەبرە بولۇپ، بۇنى كىشىلەر ھازىرغىچە «قىز قەبرىسى» دەپ ئاتىشىپ كەلمەكتە. 1944-يىلى قازاق خەلقى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدار-مايباس قاتارلىقلار بىلەن كەسكىن كۆرەش قىلىدۇ. گومىنداڭنىڭ سادىق چاپارمىنى-لى جۈيجاڭ يەرلىك ئەمەلدار مايباس بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە سالمىغان زۇلىمى قالمايدۇ. قازاق ياش يىگىت قالى بۇ يايلاقتا شەربەت ئىسىملىك بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ئىككى ياشنىڭ چىن مۇھەببىتىنى يايلاقتىكى ھەممە كىشىلەر بىلىشىدۇ. بۇ قىزنىڭ شۇنچە گۈزەللىگىدىن خەۋەر تاپقان ئاچكۆز مايباس قالىغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەرخىل تۆھمەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنى يوقۇتۇپ، شەربەتنى 3-خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولىدۇ. مايباسنىڭ بۇ سۈيقەستىنى بىلگەن شەربەت بىلەن قالىي يىراق جايغا قېچىپ كېتىدۇ. ئەمما مايباسنىڭ ئىنىسى-داكەننىڭ ئەسكىرى بولۇپ، بۇ ئىككى ياشنى تۇتۇۋىلىپ، مايباسنىڭ ھۇجرىسىغا قاماپ قويىدۇ.مايباس يېرىم كىچىدە شەربەتنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا پوخورلۇق قىلماقچى بولغاندا شەربەت بۇ قېرى ئەبلەخنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، ئىشىك ئوچۇق قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھويلىدىكى ئاتقا مىنىپ، بۇ يولۋاس ئۇۋىسىدىن قېچىپ چىقىدۇ. داكەن ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ غالچىلىرى شەربەتنى ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ تۇتۇۋالىدۇ. شەربەت ئەمەلدارنىڭ ئۇرۇۋاتقان قامچىسىنى تارتىۋىلىپ، ئەمەلدارنى ئۇرىدۇ. ئۇ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ، تاغ يولىدا قېچىپ كېتىۋىتىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا قايتا چۈشۈپ قېلىشنى راۋا كۆرمەي،تىك ياردىن ئۆزىنى پەسكە تاشلايدۇ. بەختىكە يارىشا ئۇ سۇ ئۈستىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنى كۆرگەن بىر ئاقكۆڭۈل بوۋاي ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بوۋاي قىزنى مايباسنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، «شەربەتنى ئۆلدى»دەپ يالغاندىن ئاقتاش تېغى ئۈستىگە بىر قىز قەبرىسىنى ياسايدۇ. بۇ قەبرىنى كۆرگەن كىشىلەر شەربەتنى ئۆلۈۋاپتۇ دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ بىلەن شەربەت غارلاردا يوشۇرۇنچە ياشاپ، تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. داكەن ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار قالىينى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرىدۇ. قالىي سولاقخانىدا ھوشىغا كېلىپ، شەربەتنى ئەسلەيدۇ. ئاقكۆڭۈل جاڭ ئەرۋا ئىسىملىك بىر كىشى قالىنى سولاقتىن قاچۇرىۋىتىدۇ. قالىي جاراھەتلەنگەن ۋە ئاچ قوساق ھالدا تەستە يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مايباس ئاتلىق قوغلاپ كېلىپ، قالىنى ئاتماقچى بولغاندا شەربەت قارشى تەرەپتىن كېلىپ، مايباسنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. شەربەت قالىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولىدۇ. ئۇنىڭ يارىسىنى تېڭىپ، ھاپاش قىلىپ يۈدۈپ، خالىي جايغا ئېلىپ بېرىپ،ئۇنىڭ يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىدۇ.ئاخىرىدا بۇ بىر جۈپ ياش ئاشىق-مەشۇق ئاممىنى تەشكىللەپ، ئەكسىيەتچىلەرنى يوقۇتۇپ، ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئاخىرىدا بۇلار توي قىلىپ، مەقسەت- مۇرادىغا يېتىشىدۇ. تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 24-سېنتەبىر ، قەشقەر تېلفۇن- 13779894333



|  |  |  |  |
|
|