كۆرۈش: 2176|ئىنكاس: 2

ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
381
تۆھپە
211
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 15:40:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال

ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،

قاقراپ تۇرغان باغرىمنى كېزىپ.

سەرسان روھتىن يوقالدى ئازاب،

پەسلى كەتكەن قۇشلاردەك تېزىپ.

ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،

مەينەت باسقان يۈرەكتىن يۇلۇپ.

ئالماس ھېسلار چاقنىدى نۇردەك،

جاننىڭ شېرىن ھۇزۇرى بولۇپ.

ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،

چۈشكۈن كۈينىڭ پەيزىنى بۇزۇپ.

ھىجران گۈلى شېخىدىن ئاجراپ،

ئۇچۇپ يۈرەر بەرگىدىن توزۇپ.

ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،

چىڭقى چۈشتەك ئالدىغا سېلىپ.

ناخشا ئېيتىپ ھاياجان بىلەن،

دىلدا شادلىق سازىنى چېلىپ.

ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،

سالقىن كەچتەك قۇچاقلاپ مەھكەم.

ئۇنتۇپ كەتتىڭ نېمىشقا دەرسەن،

بەختى كۈلۈپ يايرىغان ئەركەم.



مەنبە: ئىجادىيىتىم


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:42:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزغا تەشەكۈر.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 10:50:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېرى تىل شۇنداق راۋان بوپتۇ ، ھارمىغايسىز .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:34, Processed in 0.071599 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991