جىددىي مەسلىھەت سورايمەن~~!!
مەن ئۆزەم قومۇلدىن، 2008 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،2009يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىگە ئوقۇتقۇچى(ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى ئەمەس) بولۇپ تەقسىم قىلىندىم (كەسپىم باشلانغۇچ خەنزۇتىلى).مانا ھازىر خىزمەت قىلغىنىمغا 4 يىل بولاي دەپتۇ . ئەينى چاغدا ئۆيىمىزدە دادام، مەن ۋە سىىڭلىم بار .ئانام كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كەتكەن ،بىز مېھرىبان دادامنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدۇق .شۇڭلاشقا ئۆزۈم قىز بالا دادامنىڭ تەربىيىسىدە ياخشى چوڭ بولدۇم . شۇ چاغدا دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىدى .بىراق ھازىر تۇيۇقسىز سالامەتلىكى ناچارلىشىپ قالدى .دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدىغان يەرگە كەلدى .شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 9-ئايدا مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ناھىيە مائارىپ ئىدارىسىگە ئىستىپا سوراش ئىلتىماسىنى سۇندۇم .بىراق ئىدارە باشلىقى قەتئىي ئىمزا قويۇپ بەرمىدى ،دېيىشىچە ئىمزا قويۇش مۇمكىن ئەمەسكەن .ئارخىپىمنى ماڭا بەرمىدى، ئامال قانچە ،نەچچە كۈن قېتىرىدىم،نەتىجىسى بولمىدى .ھەتتا مېنىڭ 3يېرىم يىللىق ئىش ئۈنۈم مائاشىم ۋە ئۆي-مۈلۈك پۇلۇمنى بەرمەيدىكەن.ئىدارە باشلىقىنىڭ دېيىشىچە مەن ئۆز يۇرتۇمدا ئىشىتاتلىق خىزمەت تاپسام ئاندىن ئارخىپىمنى ۋە ئېلىشقا تېگىشلىك پۇلۇمنى ئالالايدىكەنمەن. ئىمتىھان بېرەي دېسەم ئارخىپىم يوق ، ماناھازىر يۆتكۈلۈش ئىلتىماسىمنى قانداق سۇنىشىمنى بىلمىدىم .مەن ھازىر قومۇلدا،بىر تەرەپتىن دادامغا قارىغاچ بىر تەرەپتىن مۇشۇ ئىشلىرىم بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتىمەن.مانا ھازىر ئولتۇرۇپ ئامال چىقىپ قالارمۇ دەپ بۇ مۇنبەرگە خەت يېزىۋاتىمەن. زادى نەدىن ئىش باشلىسام بولار؟؟ خىزمىتىمنى يۆتكەشكە بىرەر چارە تېپىلارمۇ ؟خىزمىتىمنى يۆتكەشتە ئۈمۈد بارمىدۇ؟؟ يا ئارخىپلىرىم شۇ جايدا تۇرىۋېرەمدۇ؟؟ قانداق قىلسام بولار ؟؟ ناۋادا مەن قايتىپ بارماي كېلەر يىللىق ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانغا قاتناشقۇچە بولغان ۋاقىتتا،مەن ئۆزلىكىدىن ئىستىپا بەرگەن دەپ يوللانسام ،ئارخىپىمنى قاچان ئالالايمەن؟؟؟ ياكى مەن تا ئاشۇنداق ئىشىتاتلىق خىزمەت تاپقۇچە شۇ يەدە تۇرامدۇ؟؟؟ئىمتىھاندىن ئۆتسەممۇ باشقا تەكشۈرۈشلەرگە تەسىر قىلارمۇ؟؟
ئەمما شۇ ئارخىپىمنىڭ قاچان قولۇمغا ياكى قومۇلغا كېلەركىن دېگەن ئىشىنى ئويلىسام بەك بىئارام بولىمەن...شۇ ئارخىپنى بەرگەن بولسا ماڭا ئۇنداق ئىشىتاتلىق خىزمەتنىڭمۇ لازىمى يوقتى... باشقا ئىش قىلىپمۇ جېنىمنى باقاتتىم...بۇ ئىشلارنىڭ مۇنداق مۇرەككەپلىكىنى ئويلىماپتىمەن...بىزنىڭ يا ئۇنداق ئورۇنلاردا ئەمەلدار ئۇرۇق -تۇغقانلىرىمىزمۇ يوق...بىزدەك دېھقان خەقنىڭ نەدىمۇ ئۇنداق يولى بولسۇن ....كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى مۇشۇ مۇنبەردە دەۋېلىپمۇ خېلى يېنىكلەپ قالدىم...ئوغۇل دوستۇممۇ ماڭا كۈندە مەدەت بېرىپ،خىزمىتىڭىز بولمىسىمۇ،سىزنى مەن باقىمەن دەپ يۈرىدۇ...لېكىن مەن دادامنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغاچقا يەپ يېتىپ ئۆتىدىغان تۇرمۇشقا قىززىقمايمەن...شۇڭا ئۇنىڭ بىلەنمۇ دېيىشىپ قالىمەن..بىراق ئۇ مېنى چۈشەنگەچكە، ماڭا خىزمەت ئىزدەپ يۈرىدۇ...راستىنى دېسەم بەك چارچاپ كەتتىم....
ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىمزا قويۇشى شۇنداق تەسمىدۇ؟؟