كۆرۈش: 9639|ئىنكاس: 3

يىگىت تاللاشتا كەتكۈزۈپ قويىدىغان قىزلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 13:55:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىگىت تاللاشتا كەتكۈزۈپ قويىدىغان قىزلار



    دائىم دېگۈدەك شارائىتى خېلى ئوبدانلا قىزلارنىڭ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز ياكى يىگىتنى ئۆزىگە ئانچە ماس كەلمىگەندەك ھېس قىلىمىز. بۇ تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن:
    زىيادە كەڭ قورساق قىزلار. بۇنداق قىزلار يىگىتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى باشقا قىزلارغا قارىغاندا بەكرەك قۇبۇل قىلالايدۇ، شۇڭىمۇ، يىگىت تاللىغاندا ئەزۋەيلەپ كەتمەيدۇ. ئۇلار يىگىتلەرگە قاتتىق تەلەپ قويمىغاچقا، گۈزەللىك ئۆلچىمىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ.
   ئۆگىنىشكە زىيادە بېرىلگەن قىزلار. بۇنداق قىزلار ياشلىق مەزگىلىنى ئوقۇش، ئىمتىھان بېرىشكە ئاجراتقاچقا، ئەتراپىدىكى يىگىتلەرگە دىققەت قىلىشقا چولىسى تەگمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يىگىتلەرگە باھا بېرىش ئىقتىدارىدا قىلچە ئىلگىرىلەش بولمايدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كېيىنكى تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بىلىم ئېلىش بىلەن بىللە، ھېسىياتنىمۇ بېيىتىپ بارغان ياخشى.
    تەقدىر-پىشانىگە زىيادە ئېشىنىدىغان قىزلار. بۇنداق قىزلار بىرەر قېتىملىق تاسادىپىي ئۇچرىشىشنى پىشانىسىگە پۈكۈلگەن، دەپ بىلىدۇ، شۇڭىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئارتۇقچە ئويلاشمايدۇ.
    ساددا قىزلار. قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى چۈشىنىشى تولىمۇ تەس، بولۇپمۇ ساددا قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى چۈشىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بۇنداق ساددا قىزلارنىڭ كۆرىدىغىنى يىگىتلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
   زىيادە ئابرۇيپەرەس قىزلار. ئابرۇيپەرەسلىكنى يامان ئىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، مۇۋاپىق بولسا كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى يىگىت تېپىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، بىراق چەكتىن ئاشتىمۇ، ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. بۇنداق قىزلار يىگىتلەرنىڭ قول-ئىلكىدە بار-يوقلىقىغا قارايدۇ، ئەلۋەتتە، يىگىتلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم سانىلىدۇ، بىراق ئۇلار ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ سەۋەبىدىن يىگىتلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
زۇننار
تىللا
73
تۆھپە
42
UID
208
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 15:22:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەپشەك قىزلار  --بۇنداق قىزلارمۇ ئاسانلا  ئايپاتەم بوپ قالىدۇ ،
ئۆزىدىكى شەپشەكلىكى  ئۆزنىڭ بەخىتىگە  ئولتۇرۇپ قالىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىل
تىللا
188
تۆھپە
78
UID
125
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 19:42:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاغرا تىلىمىز بۇيۇنچە ئېيىتقاندىكى سۇيۇق قىزلار توغۇرلۇق قېتىپمۇ قويماپسىز .


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
7
UID
28551
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 14:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:38, Processed in 0.071543 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991