كۆرۈش: 4097|ئىنكاس: 3

چىن مۇھەببەتنى ساقلاپ قالالامسىز؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 13:48:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  چىن مۇھەببەتنى ساقلاپ قالالامسىز؟



    ئەگەر باشقا جايغا خىزمەتكە ئەۋەتىلسىڭىز، كىم سىزنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغىيالايدۇ؟
ئاۋۋال تاللىۋېلىپ، ئاندىن جاۋابنى ئوقۇڭ
A. شۇ جايدا تونۇشقان يېڭى دوستىڭىز.
B.ئۇزاقتىن بۇيان بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىڭىز
C. شۇ جايدا ئۇچرىشىپ قالغان كونا دوستىڭىز
D.يولدا تونۇشۇپ قالغان سەپەردىشىڭىز
E.تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالغان كونا ئاشىقىڭىز
A جاۋابنى تاللىغانلار چىن مۇھەببەتنى مېھىرى بىلەن ئاسرايدۇ، ئۇنى ئالقىنىدىكى ەۆھەر ئورنىدا كۆرىدۇ. مۇھەبەتنىڭ ساقلنىپ قېلىش نىسپىتى%80 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىكى دۇنياسى رومانتىكىلىق بىلەن تولغان بولىدۇ، ئۇلار مىڭ تەستە ئۇچرىغان چىن مۇھەببەتنى كۆپ ۋاقىت سەرپ ئېتىپ قوغداش كېرەك دەپ قارايدۇ.
B جاۋابنى تاللىغانلار ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى چىقىش قىىلپ، چىن مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىش-كەچمەسلىكنى قارار قىىلدۇ. مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى%55 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇھەببەتلەشكەندە ھېسىياتقا بېرىلىدۇ. بىراق قارار چىقارغاندا ئىدراكىغا تايىنىدۇ. ئۇلار قارشى تەرەپنى بەختلىك قىلالايمەنمۇ-يوق دېگەننى ئويلىنىدۇ، خىزمەت سەۋەبىدىن قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلەلمىسە، بولدى قىلىشنى تاللايدۇ.
C جاۋابنى تاللىغانلار ئىش چىڭىغا چىقىپ، چىن مۇھەببەتتىن مەھرۇم قېلىش ئالدىدىلا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى % 40 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇھەببەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ، پەقەت مۇھەببەتتىن ئايرىلىش ئالدىدىلا ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، قارشى تەرەپنى تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىدۇ.
D جاۋابنى تاللىغانلار چىم مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارچە جاسارىتىنى ئىشقا سالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشقىمۇ رازى بولىدۇ،  مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى%99 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر چىن مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى قارشى تەرەپنى تېزلا تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.
E جاۋابنى تاللىغانلار نىمىنىڭ چىن مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالمايدۇ، شۇڭىمۇ چىن مۇھەببەتنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى بىلىپ كەتمەيدۇ. مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى %20 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ساددا رومانتىك بولىدۇ، ئۇلار نىمىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن قايسىسىنى ساقلاپ قېلىشنى بىلەلمەيدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
7
UID
28551
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 14:56:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

ئىسىمى
ئابدۇلئەزىز كېرىم
تىللا
44
تۆھپە
17
UID
15290
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:24:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز مېنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى.
رەھمەت ھە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:35, Processed in 0.075308 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991