ئاپتورى:تاھىرجان يۈسۈپ (ئوغۇز)
تېخى ئوتتۇز ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بېشىمدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسسىق سوغاقلار ئۆتۈپتۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنى 30 ياشقا كىرمىگەن يىگىت ئەمەس،100يىل ياشىغان قېرى بوۋايلاردەك ھالسىز ھېس قىلىمەن . كىچىك چاغلىرىمدا ،دادام داۋاملىق ھاراق ئىچىپ كىرىپ ،ئاپامنى ئۇرىدىغانلىقى ھازىرمۇ ئېسىمدە ،ئانام ھەر قېتىم دادامدىن تاياق يەپ بولغاندىن كېيىن ،سىڭلىم ئىككىمىزنى باغرىغا بېسىپ ،توختىماي يىغلايتتى ،بەزىدە بىزنى ئېلىپ چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپمۇ قالاتتى ،لېكىن ئەتىسى دادامنىڭ مەسىتلىكتىن يېشىلىپ كېلىپ ،قىلغان يالۋۇرۇشلىرىغان چىدىيالماي ،يەنە بىزنى ئېلىپ ،ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى ،دادام ئاپام قايتىپ كېلىپ بىر نەچچە كۈنگىچە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ خېلى تۈزۈلگەندەك قىلاتتىيۇ ،ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتمەي تۇرۇپلا يەنە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيتتى. بۇ بەلكىم دادام يېتىم بولغانلىقتىن يۇقتۇرىۋالغان خۇيلار بولسا كېرەك ،بىز ھەرقېتىم چوڭ ئۆيگە كەلگەن چاغلىرىمىزدا چوڭ ئانام ،ئانامنىڭ يۈزىدىكى كۆكلەرگە قاراپ -ئېسىت نېمىشقىمۇ شۇ يېتىمگە قىز بەرگەن بولغىيتىم ،كۆيۈپ تەگكىنىڭ كۆيدۈردىغۇ قىزىم،خەق يېتىمغا قىز بەرمەڭلار ،پۇشايمەن قىلسىلەر ،دېسە ،داداڭ ئىككىڭلار كاجلىق قىلدىڭلار ،كۆرگەن كۈنلىرىڭ ئۆزۈڭگىمۇ ئاز جېنىم قىزىم -دەپ بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كېتەتتى، ئۆزۈم كىچىك بولساممۇ ،چوڭ ئانامنىڭ دادامنى يېتىم دېگەنلىكىنى ،دادامنىڭ ئانامغا ئوخشاش دادىسى بىلەن ئاپىسى بولمىغانلىقى بولسا كېرەك دەپ چۈشىنەتتىم. مەن توققۇز ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئاپام ئارقا-ئارقىدىن تۈگەپ كەتتى ،ئۇلار تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن،دادام تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ،ئاپامغا قىلىدىغان زۇلۇملىرى ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى،دادامنىڭ ئۆي بىلەن كارى بولماستىن ،ئانامنىڭ خەقنىڭ كېيىملىرىنى تىكىپ تاپقان ئازغىنە پۇللىرىنى تارتىۋېلىپ ،ئىچىپ،چېكىپ كىرىپ ،يەنە ئانامنى ئۇرۇشلىرىغا قاراپ ،كىچىككىنە يۈرىكىمدە ،ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئۆچمەنلىكلەر پەيدا بولاتتى . ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ،بىر كۈنى دادام يەنە قىلغۇلىقىنى قىلىپ كىرىپ، ئانامنى قاتتىق ئۇردى ،ئانام بىچارىنىڭ ، ئاھۇ-زارلىرىغا چىداپ بولالماي ،دادامنىڭ پاچىقىغا ئېسىلىپ،ئاپامنى ئۇرغان قوللىرىنى قاتتىق چىشلىدىم ،دادام ئاپامنى ئۇرۇشتىن تۇختاپ-ۋۇ ھارامزادە ،ماڭا قول ياندۇرغىدەك بولدىڭمۇ ،ئۆلگۈڭ كەپتۇدە سېنىڭ -دېگىنىچە ماڭا قاراپ ئېتىلدى ،دادامنىڭ قاتتتىق تەگكەن بىرنەچچە تېپىكىدىن كېيىن ئۇرۇش توختاپ، تولىمۇ ئىللىق بىرخىل سېزىم ۋۇجۇدۇمغا تاراشقا باشلىدى ،ئەسلىدە ئانام بەدىنى بىلەن مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ،دادامنىڭ تاياقلىرىنى توسىدىغان يېپىنچا بولىۋاتقان ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ شۇ ،كۈنى كېچىچە ئانام ،سىڭلىم ئىككىمىزنى باغرىغا باسقىنىچە ئاغرىق ئازابىدا ئىڭرىغاچ ،مىشىلداپ يىغلاپ چىقتى ، باشلىرىمنى سىيلاپ -بالام ،سەن دېگەن ئوغۇلبالا ،ھەقىقى ئەركەكتەك ياشىغىن ،ھەرگىز داداڭنى دوراپ قالمىغىن، ئوغۇلبالا دېگەن ئايال كىشىگە قول كۆتۈرمەيدۇ ، ئاياللارغا كۆيۈنىدۇ ، قوغدايدۇ ، ئۇلارنى ئەرزىيەتتىن ساقلايدۇ ، ئەركەك دېمەك ئاياللارنىڭ قالقىنى دېمەكتۇر ، ئاياللار ئۆز ئەركەكلىرى ئارقىلىق ،ياتلاردىن ،ئىسسىق سوغاقلاردىن ، ئاچ-زېرىنلىقتىن قوغدىنىدۇ ، ئاياللارنى خارلىغان ئەرلەرنى ئاللاھمۇ كەچۈرەلمەيدۇ ، سەن مېنىڭ ئوغلۇم بولساڭ ، كەلگۈسىدە ،ئايالىنى قوغدايدىغان ،ئاجىزلارغا قالقان بولالايدىغان ،ھەقىقى ئەركەك بولۇپ يېتىشكىن،ماڭا ۋەدە بېرەلەمسەن ئوغلۇم-دېدى. -خاتىرجەم بول ئانا ،مەن چوڭ بولغاندا ،دادامنى ئۇرۇپ سېنىڭ ئۆچۈڭنى چوقۇم ئەپ بېرىمەن . -نېمە دەۋاتىسەن ئوغلۇم،سەن ئاتا-ئانىسىغا قول كۆتۈرىدىغان نائەھلى بولماقچىمۇ؟-ئاپام مېنىڭ گۆدەكلەرچە ئېيتىلغان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،قاتتتىق ئەندىكىپ كەتتى -بىلەمسەن بالام ،ئاتا-ئانىسى مىڭ ئەسكى بولسىمۇ ،پەرزەنت دېگەن ئاتا-ئانىسىغا قول كۆتۈرمەيدۇ ، ئاتا-ئانىسىنى خارلىغان پەرزەنىتنىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھ كەچۈرەلمەيدۇ ،مەندىن كېيىن قالساڭ ،داداڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا ۋەدە بەرگىن،ئانا رازى خۇدا رازى ،ئوغلۇم داداڭنى دورىما ،لېكىن ئۇنىڭغا قارشى چىقما ،جېنىم بالام ،ئەگەر شۇنداق قىلالىساڭ،مەن سەندىن ،ئۇدۇنيا،بۇ دۇنيا رازى بالام . -ۋەدە بېرەي ئانا،چوقۇم سەن دېگەندەك ئەركەك بولۇشقا ۋەدە بېرىمەن . ئانام مېنىڭ ۋەدەمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇرسەن بولۇپ ،ئۇلۇغ كىچىك تىندى ،ئاندىن خۇدددى مېنى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك باغرىغا چىڭ تېڭىپ ،چىرايىمدىكى تەبەسسۇملارغا قايتا-قايتا قارىۋەتكەندىن كېيىن ،پېشانەمگە .مەڭزىمگە تويماي سۆيۈپ،چاچلىرىمنى پۇرىدى ...... ئەتىسى ئويغۇنۇپ،بىر ئىشتىن ئەنسىرىگەندەك يېنىمغا قارىدىم ،ئانام بىلەن سىڭلىم يوق،ھويلىنى باغلارنى ئېتىزلارنى ئاختۇردۇم ،ھېچيەردە يوق،قايتىپ كىرگىنىمدە مەن ئوقۇيالىغۇدەك ئايرىپ،ئايرىپ يېزىلغان بىر پارچە خەتنىڭ ياستۇقۇمنى تېگىگە باستۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم : ئوغلۇم ئەنۋەر ،مەن كەتتىم،سەن تاپالمايدىغان ،يىراق ،تولىمۇ يىراق بىر جايغا كەتتىم ،ئەسلىدە سېنىمۇ ئېلىپ كېتەي دېگەنتىم ،بىراق داداڭنىڭ يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم، مېنىڭ سېنى تاشلاپ كەتكىنىمدىن مەيۈسلىنىپ ،ئانام مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دەپ ،ئويلاۋاتقانسەن لېكىن ،ئۇنداق ئەمەس ،مەن سېنى سىڭلىڭغا ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمەن ،ساڭا چىدىمايمەن،بىراق سەن ئەمدى چوڭ بولدۇڭ،ئاناڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشۈڭ ،ھاراقكەش داداڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭ كېرەك ،ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىڭ ،ھېلىمۇ ئېسىڭدىمۇ ؟مەن سېنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن مەن دېگەندەك قىلالىساڭ ،مەن چوقۇم يېنىڭغا قايتىپ كېلىمەن ،ئۆزۈڭنى ئاسرا جېنىم بالام ،داداڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال . ئانامنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇپ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتىم ،بىراق ئۇنى توغرا چۈشىنەتتىم ،ئۇنىڭ قارارىنى ھۆرمەت قىلاتتىم ،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئانامنىڭ مېنى ئېلىپ كەتمىگەنلىكىگە نارازى بولساممۇ ،بىراق ئانامنىڭ بۇ ئازاب دۇنياسىدىن خالاس بولۇپ ،ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغانلىقىغا خۇشال بولاتتىم . ئانام كەتكەندىن كېيىن ،دادام كۆپ ئۆزگەردى،مېنى ئاچ-توق قويماسلىق ئۈچۈن ئىش تېپىپ ئىشلىدى ،مېنى ئۇرمايدىغان تىللىمايدىغان بولدى ، بىراق جان بىلەن كىرگەن خۇي ،جان بىلەن چىقىدۇ دېگەندەك ،ھېلىقى خۇيىنى زادىلا تاشلىيالمىدى . بۇرۇن ئىچىپ كىرگەن چاغلىرىدا ،ئانامنى ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقارغان بولسا ،ئەمدىلىكتە ،ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە -ھۆرەم ،نېمىشقا مېنى تاشلاپ كېتىسەن ،مەن ئىپلاس،مەن نومۇسسسىز ،سېنى ئۇرغان قوللۇرۇم قۇرۇپ كەتسۇن دەپ ،ئۆزىنى ئۆزى ئۇرىدىغان بولىۋالدى ،دادامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى ،ئانامنىڭ بىر يەرلەردە دادامنىڭ پۇشايمانلىرىنى ئازابلىرىنى كۆرۈپ تۇراىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىپ ، يېنىمىزغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم ، بىراق تولىمۇ ئەپسۇس،ئانام شۇ كەتكەنچە يېنىمىزغا قايتىپ كەلمىدى ،بەزىدە ئانامنى باغرى تاش ئانا ،دەپ ئىچىمدە تىللاپ ،ئۇنتۇپ كېتىشكە،بەل باغلايتتتىم ،بىراق ئۇنىڭ بۇرۇن كۆرگەن كۈنلىرىنى ،مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئويلىغىنىمدا ،ئۇنىڭغا بولغان ئوتتەك سېغىنىش قايتىدىن يۈرىكىمنى قاتتتىق مۇجىيتتى . دادام ئانام كەتكەندىن كېيىن، قىلغانلىرىغا ھەقىقەتەن كۆپ پۇشايمان قىلدى ،ئۆكۈندى ، ھېلىقى خۇيى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ ،ماڭا بەكلا كۆيۈندى ،ھەتتا مېنى دەپ قايتا تويمۇ قىلمىدى ،مېنى دوراپ قالمىسۇن ،دەپ مېنى ئالىي مەكتەپكە قەدەر ئوقۇتماقچى بولغان ئېدى ، بىراق مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قەھرىتان قىش كېچىسىدە ،ھاراق ئىچىپ،كوچىدا يېتىپ قېلىپ ،توڭلاپ ،ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئاشۇ كۈنلەرنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن، دادام كېچىچە ئۆيگە قايتىپ كىرمىدى ، سىرىتقا چىقىپ ئىزدەپ ھېچيەردىن تاپالماي ،ئامالسىز ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ،ئەتىسى ئەتىگەندەمەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ،باشقىلار دادامنىڭ ،مۇزلاپ كەتكەن جەسىتىنى دەريا بويىدىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ كۆتۈرۈپ كەلگەن چېغىدا ،ئاخشام دەريا بويىغا بېرىپ باقمىغانلىقىمغا قاتتتىق پۇشايمان قىلىپ،ئۆزۈمنى قاتىلدەك ھېس قىلىپ ،قاتتىق ئازابلاندىم .بىر نەچچە ئايغىچە دادامنى خۇددى قايتىپ كېلىدىغاندەك ھېس قىلىپ،خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك خامۇش يۈردۈم .ئۇنىڭدىن كېيىن ،دادامنىڭ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئانامنىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىشىنى كۈتتۈم، بىراق ئۇ كەلمىدى، باشقىلار،ماڭا قاراپ-ۋاي بىچارە ئانىسى تاشلاپ كەتتى ،دادىسمۇئۆلۈپ كەتتى ،بۇ دۇنيادا تىغدەك يالغۇز قالدىدە، دېگەن چاغلىرىدا ،ئانامغا باشقىچە ئۆچ بولۇپ كېتەتتىم . دادام ئۆلۈپ كېتىپ ،ئۈچ ئايدىن كېيىن،تاغام مېنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى ،بىراق تاغامنىڭ ئايالى بىلەن بالىلىرى مېنى ھېچ پاتۇرىدىغاندەك قىلمايتتى ،مېنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغىنى يەتمىگەندەك ، ئۆينىڭ ، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا سېلىپ، ھە دېسىلا يېتىم-دەپ ھاقارەت قىلاتتى . بىر قېتىم ،تاغامنىڭ چوڭ ئوغلى ،مېنى -يېتىم دەپ تىللىغاندا -مەن يېتىم ئەمەس ،ئانام بار -دەپ جاۋاب ياندۇرسام ، تاغامنىڭ ئايالى يۈگىرەپ كېلىپ -قايسى ئاناڭكەن ئۇ ؟داداڭنى تاشلاپ ،باشقا ئەرگە تېگىۋالغان بۇزۇق خوتۇننى ئانام دېگۈچە ئۆلىۋالساڭچۇ -دەپ جالداقشىپ كەتتى .مەن -مېنىڭ ئانام ئۇنداق ئايال ئەمەس ،ئۇ باشقا ئەرگە تېگىۋالمايدۇ ،يالغان سۆزلىمەڭ-دەپ بوش كەلمەي ۋارقىرغان چېغىمدا ئۇ -ئىشەنمىسەڭ خەقتىن سوراپ باق ،سەن بۇ يەردە غالچىلىق قىلغىنىڭ بىلەن ،ئاناڭ دېگەن خوتۇن ،ئۈرۈمچىدە بىر بايغا خوتۇن بولۇپ ھوزۇر سۈرۈۋاتىدۇ ،داداڭنى ئۆلتۈرگەن قاتىلمۇ شۇ ،ئاناڭ تاشلاپ كەتمىگەن بولسا ،داداڭ شۇ ھالغا چۈشۈپ قالامتى ،داداڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتسىمۇ ،بالام بارتى دەپ ئىزدەپ قويمىغان خوتۇننى ئانام بار دەپ يۈرگىنىنى قارا بۇنىڭ-دەپ يۈزۈمگە بىر تەستەك سالدى ،قاتتىق ئېچىشىۋاتقان يۈزلىرىمنى سىلىغىنىمچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىمچە قايتا كىرمىدىم .بىر نەچچە كۈن مەدىكار ئىشلىگەندىن كېيىن،ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم ،ئۆزۈمنىڭ ئۈرۈمچىگە نېمىشقا چىقىدىغانلىقىمنى دەپ بېرەلمىسەممۇ ،بىراق تاغامنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راس-يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش نېيتىم بەكلا كۈچلۈك ئىدى ،ئەگەر ئۇنىڭ ئېيىتقانلىرى راس بولسا ،ئانامنىڭ يۈزىگە ئىككىنچى قارىمايتتىم ،ئۇنىڭ سىماسىنى قەلبىمدىن چىقىرىپ تاشلاپ مەڭگۈ ئۇنتۇپ كەتمەكچى ئېدىم . بىراق ماڭا ناتۇنۇش ،بۇ يىراق شەھەردە بىرقانچە يىل مۇساپىرلىقتا تۇرمۇش كەچۈرگەن بولساممۇ ئانامنى تاپالمىدىم ،بىراق ئۆزۈمگە يارىشا بىر كىچىككىنە چىقىش يولىنى تېپىۋېلىپ ،كۆڭلۈمدىكىدەك بىر قىز بىلەن توي قىلىۋالدىم . مېھراي ئىسىملىك بۇ قىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىمدا ،ئۇنىڭ ئانامغا ئوخشاش تەبەسسسۇملۇق چىرايى مېنى مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى ،ئارقىدىن پايپېتەك بولۇپ ئاران دېگەندە كۆڭۈل قەسىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان چېغىمدا ،ئىككىمىزنىڭ تويى مېھراينىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى،ئۇلارنىڭ بىردىنبىر باھانىسى ،يېتىمگە قىز بەرمەيمىزدىن ئىبارەت ئىدى ،مېھراي ئىككىمىزنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئاخىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىپ ،تويىمىزغا ماقۇل كەلتۈردۇق ،25 ياشلىق يىگىتلىك مەۋسۈمۈمدە مېھراي بىلەن توي قىلىپ بەخىت قوينىغا چۆمۈلدۈم، بۇرۇنقى ئازابلىق ھېسلىرىممۇ مېھراينىڭ قەلبىمنى ئېگەللىشى بىلەن بارا-بارا سۇسلاشقا باشلىدى ، مېھراي بېشىمدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە يېقىملىق مۇئامىلە قىلدى ، ئىككىمىزنىڭ يېڭى قۇرۇۋالغان ئائىلىمىزمۇ شۇ قەدەر ئىللىق ، ئارامبەخىش بىر ماكانغا ئايلاندى . بىراق نېمىشقىكىن ،يېقىندىن بۇيان،مېھرايدا يۈز بېرىۋاتقان بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر مېنىڭ گۇمانىمنى قوزغاپ،قەلبىمدە يېشىلمەيدىغان بىر تۈگۈچنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى ،ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، يەنىلا شۇنداق يېقىملىق ، بىراق ،بۇرۇنقىدەك ئىشتىن يانغاندا ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدۇ ،چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بۇرۇنقىدەك مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى ساقلىمايلا -سۆيۈملۈكۈم ،تامىقىڭىزنى ئىسسسىق ساقلاش قاچىسىغا ئۇسسۇپ قويدۇم ،ئۆزىڭىز ئېلىپ ،يەڭ -دەپ تېلېفونۇمغا ئۇچۇر يوللاپ قويىدۇ .ئۇنىڭدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەر كۆڭلۈمدە بىر گۇماننى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ ،بىراق ،دىلىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن بېۋاستە سوراپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن . بەزىدە ئۆزۈمچە ئولتۇرۇپ،سۆيۈملۈكۈم مېھراي سىزگە زادى نېمىش بولدى -دەپ پىچىرلاپ قويىمەن .ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغلىرىدا نېمىشقا كەچ كېلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ ئاغزىغا شۇنچە تەلمۈرىمەن ،بىراق ،ئۇ يەنىلا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەستىن ،شېرىن شىكەر گەپلەر بىلەن ،ماڭا بىر ئەركىلىۋەتكەندىن كېيىن، تاماققا تۇتۇش قىلىدۇ ، مەن بولسام ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ ،تېلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرىمەن . بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ،مېھراينىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلىدىم ،ئۇنىڭ بۇرۇن قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىدىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتقانلىقىنى ئويلىسام ،جۇدۇنۇم قاتتىق ئۆرلەپ كېتىۋاتاتتى . -قەدىرلىكىم مەن قايتىپ كەلدىم، بەك پۇزۇر ئولتۇرۇپ كېتىپسىزغۇ -ئايالىم ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپلا بوينۇمغا گىرە سالدى . ھەئە ئولتۇردۇم،ئاشتا پوزۇر-كەيپىياتىمنى ئۇنىڭغا چاندۇرماستىن زورىغا تەبەسسۇم قىلدىم. -ئۇنداق بولسا يەنە بىردەم مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ -مەن كىرىپ تامىقىڭىزنى تەييار قىلار-ئايالىم شۇنداق دەپ قويۇپ ،ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى . -تىلتۇڭ-ئۇ كىرىپ كېتىشىگىلا ،ئالدىمدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان تېلفونىغا بىرتال ئۇچۇر كەلدى. -بۇ دېگەن شەخسىي مەخپىيەتلىك جېنىم ،سىز كۆرسىڭىز بولمايدۇ -ئايالىم قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ،يۈگىرەپ چىقىپ ،ئۇچۇرنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن قولۇمغا ئالغان تېلىفوننى قولۇمدىن تارتىۋالدى . داۋامى ئېنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ............
|