- تىزىملاتقان
- 2012-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-27
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2449
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
 
- 真实姓名
- تاھىرجان
- تۆھپە
- 341
- مۇنبەر پۇلى
- 1972
- ئىشەنىچ
- 341
| ئاشنا ئىزدەش داۋامى(7)
-ئاھ ئەنۋەر سەن نېمە دېگەن ئەقىللىق-ھە،-تۇيۇقسىزلا كاللامغا كەلگەن بۇ ئەقىلدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم-دە،ئالىيە قىزغا جىددىيلىك بىلەن-مېنى چۈشەنگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئالىيە،سىزگە دەيدىغان بەزىبىر گەپلىرىم بار ئىدى،ئەتە ۋاختىڭىز بولسا كۆرۈشسەك بولامدۇ؟-دەپ ئۇچۇر يوللىۋەتكەندىن كېيىن،ئالىيەنىڭ ئۇچۇر قايتۇرۇشىنى كۈتتۈم.
ئالىيە شۇ ھامانلا-بولىدۇ ئاكا،ئەمىسە قانداق ۋاقىتتا قەيەردە كۆرىشىمىز -دەپ،ئۇچۇر قايتۇردى.
مەن-رەھمەت سىڭلىم،كۆرىشىدىغان ئورۇن بىلەن ۋاقىتنى سىز بەلگىلەڭ-دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم. ئالىيە-ئېدارىگە يېقىن ئەتراپتا كۆرۈشسەك ،مېھراي ئاچامنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن،شۇڭا سەل يىراقراى يەردە كۆرۈشسەك بولارمىكىن،مەن كۆپ يەرلەرنى بىلىپ كەتمەيمەن ،سىز بىكىتسىڭىز قانداق-دەپ ئۇچۇر قايتۇردى. مەن-ھېچقىسى يوق،سىز دەۋىرىڭ،مېھرايدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق-دەپ ئۇۇر قايتۇرغاندىن كېيىن،ئالىيە-ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى تاماقخانىدا ،دەل سائەت 12 دە كۆرشىلى بولامدۇ؟-دەپ ئۇچۇر قايتۇردى .
مەن-ئوكەي-دېگەن ىەتنى يوللاش ئارقىلىق ماقۇللۇقۇمنى بىلدۈرگەندىن كېيىن،ئاغىنەمگە بۈگۈنكى قونۇپ قېلىشىمنى قانداق چۈشەندۈرۈش توغرۇلۇق باش قاتۇرۇشقا باشلىدىم؛ راستىنى دەي دېسەم،ئۇ چوقۇم-مەن ساڭا نېمە دېگەنتىم،قايسى كۈنى بەك شىلتىڭ ئېتىپ كېتىۋاتاتتىڭ،قانداق ،مەن بىر نەرسىنى بىلىپ دەمدىكەنمەن،گېپىڭ بولسا ئەمدى قىلە قېنى -دەپ كۆرەڭلەپ،ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشى ئېنىق. مېھراي بېلەن ئۇرۇپ قالغان ،شۇڭا سېنىڭكىدە قونغىلى كەلدىم ،دەي دېسەم،-خوتۇنۇڭغا ەېپىڭنى ئۆتكۈزەلمەي يامانلاپ كەلدىڭما-دەپ زاڭلىق قىلىشى ھەم يىپىدىن يىڭنىسىغىچە كوچىلاپ سوراپ تۇرۋېلىشى ئېنىق. بولدىلا،بۇ ئېگىلمەيدىغان قاتتىق بوينۇمنى بىر قېتىم تۆۋەن تۇتۇپ-قايسى كۈنى ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلدىم-دەپ تۇراي،شۇنداق دېسەم ،مەنمۇ ئاسانلا قۇتۇلىدىكەنمەن،ئۇمۇ خۇش بوپ نېمە قىلارىنى بىلمەي كەتكۈدەك. -ئاداشوي،مۇشۇ يەردە چۈشەمسىلە يا-پەرھاتنىڭ خۇشلۇقىدا ئالدىمدا پايپېتەك بولۇپ كېتىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ،ھېجىيىپ ئولتۇرغۇنىمدا ،شوپۇرنىڭ تۇيۇقسىز چاقىرىشىدىن چۆچۈپ،ئۆزۈمنىڭ ماشنىدا ئولتۇرۇۋاتقانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىم،ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن: -ياق تېخى،ئالدىمىزدىكى دوقمۇشتىن ،ئوڭدىكى كوچىغا يەنە ئازىراق ماڭىمىز-دەپ جاۋاب بەردىم. -ۋايجان-پەرھات مەن خېلى ئۇزاق ئىشىكنى ئۇرغاندىن كېيىن ،ئىشىكنى ئېچىپ مېنى كۆرۈپلا ،قورقۇپ كەتكەندەك كەينىگە داجىدى. -ئاداش،بۇ مەن ،ئالۋاستى ئەمەس قوقما-بېرىپ پەرھاتنى يۆلىدىم. -سەنلىكىڭنى بىلىپ،چۆچۈۋاتىمەن،جىندىن قورقىدىغان پەرھات ئەمەس مەن-دېدى پەرھات ئكزىنى مەردانە كۆرسىتىپ-ھە خوتۇنۇڭ قوغلاپ چىقارغان ئوىشىمامدۇ نوچى ،بۇ كېچىدە بولمىسا بۇ يەرگە كېلىدىغان ئەنۋەر ئەمەس ،سەن. -ۋاي ئاداش ،نېمە دەيدىغانسەن،قايسى كۈنى يېقىن ئاغىنەمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدۇم-دەپ ،پۇشايمەن قىلىپ،بۈگۈن ئاتايىن خوتۇننىڭ ئۇنمىغنىغا قويماي،شۇ ئاغىنەمدىن كەچۈرۈپ سوراپ ،كۆڭلىنى ئېلىۋالغاچ،بىر ئاخشام مۇڭدىشىپ كېلەي ،دەپ كەلسەم،مېنى مۇشۇنداق قارشى ئالامسەن،قارىغاندا كەتسەم بولىدىغان ئوخشايدۇشۇنداق دەپ ئارقامغا ئۆرۈلىشىمگە ،پەرھات قولۇمغا ئېسىلىپ-ۋاي ئاداش،كۆڭلۈڭنى چۈشەنمەپتىمەن، نەگە بارماقچىدىڭ ،مۇشۇ كېچىدە ،ئۆيگە كىرە،چاقچىقىمىز بارغۇ ئۇنچىلىك،كۆتۈرىسەنغۇ ئەمدى-دەپ قولۇمدىن تارتىپ يۈرۈپ،بىر ئېىغزلىق ھۇجرىسىغا تارتىپ ئەكىردى . پەرھات مەن ئويلىغاندەكلا ،پايپېتەك بولۇپ ،مېنى خېلى ئوبدانلا كۈتۈپ قويدى ،ئەتىسى ئەتىگەن پەرھات بىلەن بىللە ناشتا قىلىۋەتكەندىن كېيىن،مېھرايدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشكە ئالدىراپ،ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەىندىن كېيىن،ئۆزۈمنىڭ ئاچقۇچۇم بىلەن ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ،مېھراينىڭ ئىشقا ماڭغان ،ماڭمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،مېھمانخانا،ئاشخانا ئۆيلەرنى بىرقۇر كۆزىتىۋەتكەندىن كېيىن،ئاستا مېڭىپ،ياتاق ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ،غۇۋا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن،مېھراينىڭ ،مىشىلداپ يىغلاپ ياتقان ھالىتىنى كۆرۈپ،دىللىرىم يايراپ كەتتى .خوپ بولدى ،سەن كېچىكىپ كەلسەڭ،مەن كېچىچە كەلمەيمەن،،ئەمدىغۇ بىلگەنسەن ،ئېرىڭنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كېلىدىغانلىقىنى -ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ قويغاندىن كېيىن،مېھراينىڭ يىغلاۋاتقان ھالىتىگە يەنە بىر قېتىپ قارىۋېتىپ،تۈنۈگۈن بىر كۈن تاشلاپ قويغان ئىشلىرىمنى قىلىش ئۈچۈن ،دۇكىنىمغا قاراپ ماڭدىم. چۈشكىچە خېيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ،قولۇم تۈزۈكرەك ئىشقىمۇ بارمىدى -نېمىشقىكىن،ئاغزىمدا خۇشال بولغاندەك قىلغان بېلەن ،مېھراينىڭ يىغلاۋاتقان قىياپەتلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىنى بەكلا يېرىم قىلىۋاتاتتى ،مېھراي،مېھراي،نېمىشقىمۇ بۇنداق قىلغانسەن-دەپ ئۇھسىنىپ قوياتتىم،كۆزلىرىم كۆرگەنگە خېياللىرىم ئىشەنمەي ،ماڭا-مېھراي سېنى ياخشى كۆرمىسە ،نېمە ئۈچۈن ،سەن ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدۇ،سەن بىلەن كارى بولمىسا،ئۆيگە كىرمىگىنىڭدىن خۇشال بولسا بولاتتىغۇ؟نېمىشقا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلايدۇ؟مەن سەل ئاشۇرىۋەتتىمممۇ قانداق ،نېمىلا دېگەن بېلەن،كۆرگەنلىرىمنى ئاۋال ئۇنىڭغا دەپ،ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ،پوزىتسىيەسىگە قاراپ بىر ئىش قىلساممۇ بولاتتىغۇ،بۇرۇن مېھرايغا ،كۆزىڭىزدىن بىر تامچە ياش ئاققۇزمايمەن ،دەپ، ۋەدە بەرگەن ئېدىم،مانا ئەمدىلىكتە ،ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،تەسەللىي بېرىشكىمۇ يارىماستىن......ھەي مەن زادى نېمە بولغاندىمەن؟ گادىرماچ خېياللار بېلەن كۈننى چۈش قىلغاندىن كېيىن،ئالىيە بىلەن دېيىشكەن ئورۇنغا كېلىپ،ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلىدىم،بولدىلا ئالىيەگە ھېلىقى گەپنى دېمەي تۇراي،ئاۋال مېھراي بېلەن چىرايلىق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ باقاي،گۇمان ئىماننىڭ قاچۇرۇپتۇ دېگەن ەەپ بار،مېھراينىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى يېتەرسىز بولغان چاغدا ،ئاندىن ،يەنە ئالىيەنى ئىزدىسەممۇ كېچىكمەيمەنغۇ-شۇ خېياللار بېلەن ئالىيەگە دەيىغان سۆزلىرىمنىڭ تېمىسىنى مېھراينى ئاقلاشقا ئۆزگەرتىپ ئولتۇرسام،ئالىيە قىزغىن سالاملار ھەمدە ئازىراق كېچىكىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك سورالغان ئۆزرىلەر بىلەن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. -ئەنۋەر ئاكا،سىزگە يەتكۈزىدىغان بىر مۇھىم خەۋىرىم بار-مەن ئېغىز ئاچاي ەپ بولغۇچە ،ئالىيە <خەۋەر> دېگەن بۇ سۆزى قىزىقىشىمنى قوزغاپ، -ھە قانداق خەۋەر ئۇ،تېزىراق دەڭا-دەپ،ئالىيەنىڭ ئاغزىغا تەلمۈردۈم. -بۈگۈن مېھراي ئاچام خىزمەتكە سەل كېچىكىپ كەلدى. -بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. -توختاپ تۇرمامسىز ،گېپىمنىڭ ئاخىرى تېخى تۈگىمىدى-ئالىيە گېپىگە قوشۇق سالغىنىمدىن نارازى بولغاندەك،ماڭا قاراپ،ئەركىلەش ئارىلاش ئالىيىپ قويغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-مەن ئىككىڭلارنى ئۇرۇشۇپ قالغان چېغى دەپ ئويلاپ،مېھراي ئاچامنىڭ كەيپىياتىنى كۆزەتىۋېتىپ،مېھراي ئاچامنىڭ،بىرسى بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشۈپ-ئەنۋەر سېزىپ قالغان ئوخشايدۇ،تۆنۈگۈندىن بېرى ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى باشقىچە ئۆزگۈرۈپ كەتتى ،تېخى ،ئاخشام كېچىچە ئۆيگىمۇ كىرمىدى،بۇنداق كېتىۋەرسە،بىزنىڭ ئائىلىمىز ھامان بۇزۇلۇش گىرداۋىغا كېلىپ قالىدۇ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتايلى،سىزمۇ،مەنمۇ،ئەنۋەرمۇ بۇ ئازابلاردىن تەڭلا قۇتۇلايلى-دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم،قارشى تەرەپ قوشۇلمىدى بولغاي،مېھراي ئاچام تېلىفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ،يىغلاپ كەتتى ،قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ گۇمانلىرىمىز راس ئوىشايدۇ ئاكا. -خاتا ئاڭلاپ قالمىغانسىز،مېھراينى چوقۇم شۇنداق دېدى ،دەپ ئېيتالامسىز؟-ئالىيەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،ئۈمۈد يىپلىرىم ئۈزۈلگەندەك بولۇپ،بۇ گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئاخىرقى قېتىم جەزىملەشتۈرىۋالماقچى بولغاندەك ئالىيەگە تەلمۈردۈم،شۇ تاپتا ئۇنىڭ-ئاكا چاقچاق قىلىپ قويدۇم،ئۇنداق ئەمەس،دېيىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى،ئۆزۈممۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم،بىراق ئالىيەنىڭ-ئاكا،ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز؟سىزنى ئالدىسام ماڭا نېمە پايدىسى تېگەتتى -دەپ،مەندىن يامانلاپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،مېھراينىڭ پاكلىقىغا بولغان ئاخىرقى ئىشەنچىممۇ يوقالغاندەك بولۇپ،ئىچ-ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ،غورۇرۇمنىڭ ئېزىلىشىدىن ھاسىل بولىۋاتقان ،ئازاب ئېقىنىنىڭ بېسىمى بېلەن،ئاخشامقى پېلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خېياللىرىم ئارقىلىق ماقۇلللىغاندىن كېيىن،ئالىيەگە قاراپ ئېغىز ئاچتىم. -ئالىيە سىزنىڭ بۇ ئىشلارنى سىر ساقلىيالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، بىلەمسىز ،مېنىڭ مېھرايغا بولغان مۇھەبببىتىم بەكلا چوڭقۇر ئېدى،شۇڭا ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئاسىيلىقىدىن پەيدا بولغان ئۆچمەنلىكلەرمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك،شۇڭا،ئۇنىڭدىن بۇنداق ئاسان ئاقىرىشىپلا ،مۇرادىغا يەتكۈزگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،مەن ئۇنىدىن ئۆچ ئېلىش توغرىلۇق بىر پېلان تۈزەپ قويغان،سىز خالىسىڭىز ،بۇ پېلانىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى باش پېرسونازنىڭ رولىنى ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز،سىزدىن بەكلا مىننەتدار بولغان بولاتتىم،ھەم ئەجرىڭىزگە تۇشلۇق ھەق بېلەن رازى قىلاتتىم-ئالىيەنىڭ ئۆچ ئېلىش دېگەن سۆزلىرىمنى باشقىچە چۈشىنىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولغان چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ،سۆزۈمنى تۈگۈتۈپ بولغاندىن كېيىنكى سۈكۈتنى بۇزۇپ يەنە ئېغىز ئاچتىم-بۇنداق دېسەم مېنى مېھرايغا بىرەر زەخمە يەتكۈزىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ،مەن ئۇنىڭغا جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزمەيمەن ھەم زىيان يېتىشىنىمۇ خالىمايمەن،پەقەت ئۇنى خۇددى ماڭا ئوخشاشلا غورۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىن پەيدا بولغان ئازابنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسىكەن ،دەپ،ئويلايمەن ،خالاس. -ھە قانداق رول ئۇ-قولۇمدىن كەلسىلا چوقۇم ياردىمىمنى ئايىمايمەن،دەۋىرىڭ ئاكا-ئاخىرقى سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،ئالىيەنىڭ چىرايىدىكى ئەندىشىنىڭ ئورنىنى ،مۇلايىم كۈلكىلەر ئېگەللەپ،سۆزلىرىمگە ماقۇللۇق بىلدۈردى. -سىزگە قانداق ئېغىز ئېچىپ،قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەمەيۋاتىمەن،بىراق مەن راستىنلا سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج،شۇڭا سۆزلىرىمنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ،ئويلۇنۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،مېنىڭ پېلانىم مۇنداق،ئىككىمىز مېھرايغا بىلۈرۈپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئارلاشقاندەك قىياپەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق،ئۇنىڭغا بېسىم شەكىللەندۈرىمىز،مەن ئويلايمەن،ئۇ ھەرقانچە مېنى ياخشى كۆرمىسىمۇ،بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن،مېنىڭ كۆز ئالدىدىلا ،سىزدەك چىرايلىق ھەم ياش بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ يۈرگىنىمنى كۆرسە،ئازابلىنىپ قىلىدىغانغا قىلىق تاپالماي قالىدۇ،بۇ مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش پېلانىم،سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،مەن سىزدىنمۇ مۇۋاپىقىراق بىرسىنى تاپالمىدىم،شۇڭا،سىزنى يېقىن كۆرۈپ مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتىمەن،خاتىرجەم بولۇڭ سىڭلىم،بىز پەقەت ئاتقىلا ئارلىشىمىز،ئەمەلىيەتتە ئارلىق ساقلايمىز،ماڭا ئىشىنىڭ،مەنمۇ سىزنى خۇددى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرىمەن،سىزگە نىسبەتەن كۆڭلۈمدە ھېچقانداق يامان نېيەت يوق.رول ھەققىگە كەلسەك،سىزنىڭ تەلەپ قىلغىنىڭىزچىلىك بېرىشكە ۋەدە بېرىمەن. سۆزلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن،ئالىيەنىڭ ماڭا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ ،يۈرۈكۈم دۈپۈلدە،قوقاسنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغاندەك،بېئارام بولۇشقا باشلىدىم.شۇ تاپتا خېيالىمدا،ئالىيەنىڭ ماڭا ماقۇل دېيىشىدىن كۆرە-مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ ۋۇ ئەبلەخ،ئۇنداق مەينەت پۇلۇڭنى چېكەڭگە تاڭ،ساڭا ياردەم قىلىمەن دەپ،خەقنىڭ ئاغزىدا سەندەك بىرنىمىگە ئاشنا بولۇپ يۈرەمدىمەن ئەمدى-دەپ،ئالدىدىكى ئىستاكاندىكى ئىچىملىكنى يۈزۈمگە چېچىۋېتىدىغانلىقى ،ئېھتىمالغا بەكىرەك يېقىندەك تۇيۇلۇپ،كېتىۋاتاتتى. -ھىم،سىزنىڭ ئاتتىكى ئاشنىڭىز بولىمەن، دەيلى-ئالىيە سوغاق كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن،شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ،ھېلىلا خېيالىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىم بېشىمغا كېلىپ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولىدىغاندەك ،ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ،خىجىللىقتىن يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ،پۇتلىرىم جاقىلداپ،تىترەپ،تىزلىرىم بىر-بىرىگە سوقۇلۇشقا باشلىدى. داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ................. |
|