تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: ئوغۇز

ئاشنا ئىزدەش(پوۋسىت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

808

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
126
مۇنبەر پۇلى
678
ئىشەنىچ
126
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-25 12:43:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

28

تېما

9

دوست

2449

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1972
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-27 13:39:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاشنا ئىزدەش(23)

ساپمۇ-ساق،بىر كېچە بىر كۈندۈزدىن كېيىن،قارىقاشقا يېتىپ كېلىپ،ماشنىدىن چۈشۈپ ،ھېلىقى تېۋىپ بېلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ماشىنا بېكتىگە كېلىپلا ،ئۇدۇل شۇ يېزىغا قاراپ ماڭدىم.

-قارىغاندا ،سىزمۇ ئاق كېسەل بولۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟-شوپۇرنىڭ تويۇقسىز سورىغان سوئالىغا دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تىڭىزقاپ قالدىم.


-قاااااانداق دەيسىز؟
-سىز بارىدىغان تېۋىپنى بىزنىڭ يېزىدا بىلمەيدىغان ئاەم يوق،ئۇ مەخسۇس مۇشۇ كېسەلنىلا داۋالايدۇ،پەرھىز تۇتۇش ھەم ،ئاپتاپقا قاقلىنىشقا چىدىيالىسىڭىزلا يۈز پىرسەنت ساقايتالايدۇ،چىدىيالمىسىڭىز ،ھەيدىۋېتىدۇ .
-ھە-شوپۇرنىڭ سۆزىگە شۇنداق دەپ قويۇپلا ،زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرىۋېلىپ،ئىچىمدە، جاپا تارتسام نېمە بوپتۇ،مەن تارتىپ باقمىغان جاپامۇ بارمۇ بۇ دۇنيادا، خەقنىڭ ئاق كېسەلكەن دەپ قېچىپ يۈرگىنىنى كۆرگەندىن كۆرە،جاپا تارتساممۇ ساقىيىپ كېتىپ،بېشىمنى كۆتۈرۈپ ياشىغىنىم ياخشى ئەمەسمۇ-دەپ، ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەپ قويدۇم.

-ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم-شوپۇر مېنى ئۇدۇللا تېۋىپنىڭ،بازارغا جايلاشقان كىچىككىنە دورىخانىسىغا ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن،كىرىپلا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي بوشقىنە ئاۋاز بېلەن شۇنداق دېدىم.


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،تېنىچ كەلدىڭىزما-60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان تېۋىپ،خوشخۇيلۇق بېلەن ماڭا سالام قايتۇرۇپ،كۆرىشىۋەتكەندىن كېيىن،مېنى بىر تەرەپكە تىزىپ قويۇلغان ئورۇندۇققا باشلىدى .
-قارىسام ،بەكلا ھالىڭىز بوشاپ كېتىپتۇ،بۇنداق بولۇپ كەتسىڭىز بولمايدۇ،بۇ كېسەل ساقايماس كېسەل ،ئەمەس، داۋالاشقا ماسلاشسىڭىزلا يۈز پىرسەنت ساقىيىپ كېتىسىز ،بۇنچىۋالا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،كېسىلىڭىزگە ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغانمۇ؟
-ھەئە ،ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان-تېۋىپنىڭ سۆزلىرىدىن سەل غەيرەتكەن كەلگەندەك بولۇپ،ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ سۆزلىدىم.
-شۇنداقتىمۇ،ئەتە -ئۆگۈن ئىككى كۈن ،پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ئاپتاپقا قاقلايمىز، كېسەللىك ئورۇنلىرى ئاپتاپقا قاقلانغاندىن كېيىن،تېخىمۇ روشەنلىىشىپ،يوشۇرۇنغان كېسەللىك ئورۇنلىرىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا يىلتىزىدىن داۋالىشىمىزغا پايدىسى بولىدۇ،-تېۋىپ،ئەستايىدىللىق بېلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى -ئەسلىدە ،ئۈرۈمچىدىن ،ئاقسۇ،غۇلجىدىن كەلگەنلەرنى داۋالىمايتتىم،چۈنكى ئۇلار بوشاڭ ،بىر ھەپتىگىمۇ چىدىماي كېتىپ قالىدۇ ،سىزنى تونۇشتۇرغان قارىم،بۇرۇن مېنىڭ قولۇمدا داۋالانغان ،ئۇ سىزنى بەك ئېرادىسى كۈچلۈككەن دېگەنلىكى ئۈچۈن ،بوپتۇ داۋالاپ قوياي ياش بالىكەن دەپ، كەلسۇن دېدىم،ئاال سىزگە دەپ قوياي ،مەن باشقا تېۋىپلارغا ئوخشاش،بىر كۈندە،بىر ئىككى سائەت ئاپتاپقا قاقلاپ بولدى قىلمايمەن، كۈن قىززىغاندىن تارتىپ،كۈن سوۋۇغىچە تولۇق ئاپتاپتا ياتىسىز ،ئاپتاپتىن قېچىشىڭىزغا بولمايدۇ ،چۈشتە ئىككى سائەت ئارام ۋاقتى بېرىمەن ،يېمەك ئىچمەكتىن قاتتىق پەرھىز تۇتىسىز،لەڭپۇ،زاڭپىزا،قېتىق،سۈت، تۇخۇم،بېلىق ،مېۋە-چېۋە، دىكى بارلىق يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېيىشىڭىزگە بولمايدۇ،داۋالىنىش جەريانىدا، سوغاق سۇ ئىچىشىڭىزگە بولمايدۇ،بىز دەملەپ بەرگەن چايلىقنىلا ئىچىسىز ،ئايدا بىر قېتىمدىن ئارتۇق يۇيۇنىشىڭىزغا بولمايدۇ،داۋالىنىش تۈگىگىچە ئايالىڭىزدىن ئايرىلىپ تۇرىسىز،ئەگەر مەن دېگەن قائىدىلەرگە بويسۇنمايدىغان بولسىڭىز ھازىرلا كەتسىڭىز بولىدۇ، ھازىر ماڭا ماقۇل دەپ قويۇپ،بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن،ئۆزىڭىز بىلگەننى قىلسىڭىز ،يەنە ئوخشاشلا ئۆزۈم يولغا سەپ قويىمەن.
-چاتاق يوق،سىز دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆزۈمنى چەكلەيمەن، داۋالاشنى ھازىرلا باشلامدۇق-تېۋىپنىڭ مېنى چەكلەۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئامىراق نەرسىللىرىم بولسىمۇ ،بىراق كېسەللىكتىن بالدۇرراق قوتۇلۇش ئۈچۈن ،ئۇنىڭغا تېزلا ماقۇل بولدۇم.
-ئالدىرىماڭ،تېخى سىزدىن سورايدىغان گەپ بار،ئايالىڭىز بارمۇ؟
-بار-دوختۇرنىڭ سۆزىگە ئايالىم يوق دەپ ئېيتىشنى لايىق كۆرمەي شۇنداق دەپ جاۋاب بەردىم-لېكىن ھازىر ھامىلدار،شۇڭا ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتىدۇ .
-ھە ئۇنداقتا ياخشى،ھازىر كۈن باتاي دەپ قالدى، ئاپتاپقا چىقسىڭىزمۇ قىززىقى يوق، بۈگۈن بازاردىن ئۆزىڭىزگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ سودىلىق قىلۋېلىڭ،مەسىلەن ،ئاپتاپتا،ياتىىدىغان ئەدىيال،چايدان، چايلىق ئىچىدىغان چايدان دېگەندەك نەرسىلەرنى  ئېلىپ بولۇپ كەلسىڭىز ،سىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي،ئەتىدىن باشلاپ داۋالاشنى باشلىساق بولىدۇ .
-ماقۇل-مەن تېۋىپ بېلەن خوشلۇشۇپ،ئۇ دېگەن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ ماڭدىم،تەلىيىمگە بۈگۈن بۇ يېزىنىڭ بازار كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن ،ماڭا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆپ ئىزدىمەيلا تېپىپ،سېتىۋېلىپ،يەنە تېۋىپنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم ،تېۋىپ،مېنى باشلاپ،1 كىلومىتىرچە ماڭغاندىن كېيىن،بىر قورونىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ،مېنى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ،قويۇپ،بىر ھويلىغا كىرىپ كېتىپ،ھايال بولمايلا قايتىپ چىقىپ،مېنى ھويلىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى .
تېۋىپ بېلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان بىر ھايال ،ھويلىدا مېنى كۈتىۋېلىپ،بىر ھوجىرىغا باشلاپ كىردى ،ئاددىي ئەمما سالقىن ھوجىرا ماڭا ،بۇرۇنقى ئكيىمىزنى ئەسلىتىپ،كۆڭلۈمنى تېخىمۇ يېرىم قىلغان بولسىمۇ،تېۋىپقا ھوجىرىدىن رازى بولغانلىقىمنى ئېيتىپ،نەرسە كېرەكلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇۇشقا باشلىدىم.
-ئاكا، ئاكا، سىزمۇ داۋالانغىنى كەلدىڭىزما-نەرسىللىرىمنى يىغۇشتۇرىۋاتسام،ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ نېگىرغا ئوخشاپ كەتكەن بىر توپ بالىلار ،چۇرۇلدىغىنىچە ھوجىرامغا كىرىپ كەلدى .
-ھەئە،سىلەرمۇ داۋالانغىنى كەلدىڭلارمۇ؟-ئۇلارغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ،بىراق ،چاندۇرماستىن كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم .
-ھەئە،مەن كەلگىنى 6 ئاي بولدى -بەش ياشلار چامىسىدىكى قىز گەپدانلىق بىلەن جاۋاب بەردى .
-6ئاينىڭ ياقى ساقايمىدىڭىزما-ساقايدىم ،خېلى جىق يەلىرىم ساقايدى،قاراڭ،بۇ يەر، يەنە بۇ يەرلىرىم ساقايغان يەلەر شۇ-قىز قولى ھەم دۈمبە باش قىسمىىدىكى، تېرىسىنىڭ ئەسلى رەڭگى بويىنچە قارا پېگمېنت ئكسۈپ چىققان ئورۇنلارنى ماڭا كۆرسەتكەندىن كېيىن،بويۇن ھەم ئالقان قىسمىدىكى ،چېكىت،چېكىت قارا پېگمېنىتلەر زىچلىشىۋاتقان ئورۇننى شەرەتلەپ-مانا مۇشۇ يەرلەر قالدى، بۇ يەرلىرىم ساقايسىلا ئۆيگە قايتىپ كېتىمىز -دېدى .
-سىز نېمانچە قارىداپ كەتتىڭىز ،بۇرۇندىن مۇشۇنداق قارمىدىڭىز،ياكى مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن قارىداپ كەتتىڭىزمۇ ؟-قىزنىڭ قاپقارا رەڭگىگە قاراپ،ئكزۈمنىڭمۇ مۇشۇنداق ،قىسمەتكە دۇچار بولۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ،شۇنداق دەپ سورىدۇم.
-بۇرۇن،مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئاق ئىدىم ،ئاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتتىم ،سىزمۇ ،بىر ھەپتىىلا ماڭا ئوخشاش قارىداپ كېتىسىز ئاكا، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ،ساقايغاندىن كېيىن،مەن بۇرۇنقىدەك ئاق ھالىتىمگە قايتالايدىكەنمەن، ئاق كېسەل ئەمەس ،بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ئاق ھالىتىمگە .
كىچىككىنە ،قىزنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ،كۆزلىرىمنى ئاچچىق ياشلار ئېچىشتۇرۇپ،كۆڭلۈمنى بىرخىللا يېرىمچىلىق قاپلاشقا باشلىدى .
-ئاكا تېلفونىڭىزدا كىنو بارمۇ؟-3 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز كېلىپ ،توكقا چتىش ئۈچۈن قويۇپ قويغان تېلىفونۇمغا ئېسىلدى .
-بار قويۇپ بەرسەم كۆرەمسىز؟
-ھەئە كۆرىمەن .
-قويۇپ بېرىڭە ئاكا،باشقا بالىلارمۇ ،ئەركىلىگىنىچە يېنىمغا كېلىپ،يالۋۇرۇشقا باشلىدى ،مەن زېرىككەندە كۆرەرمەن دەپ قاچىلىۋالغان ،بىر قانچە ئېتوت،ھەم كېنونى چىقىرىپ،قويغاندىن كېيىن،بالىلارنى رەتلىك ئولتۇرغۇزۇپ،تېلىفوننىڭ ئېكرانىنى ئۇلارغا قارىتىپ،دەرىزىگە قويۇپ قويدۇم.
-ئاللا،ئاللا، يامانلىقىنى ما باللىنىڭ، سىزنى ئىشىڭىزنىمۇ قىلغىنى قويماپتۇدە-تېخى بىر تال ئېتوت تۈگىمەي تۇرۇپلا، بىر توپ ئاياللار ،كىرىپ، بالىلىرىغا قاراپ ۋارقىراپ كەتتى -تېخى كۈن كىرمىگە تۇرسا ،نېمىشقا ئۆگزىدىن چۈشىۋالدىڭلار.

ئۇلارنىڭ بىردىن بالىنى تۇتۇپ،سوراق قىلىشلىرىدىن ،شۇ بالىنى تۇتقان ئايالنىڭ شۇ بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس ئېدى .


-رازىيە،رازىيە چۈشۈپ كېتىمىز دېگەن.
-ھەئە رازىيە ،قارىمنىڭ يېنىغا كىرىمىز دەپ تۇرىۋالغان .
بالىلارنىڭ ھەممىسى بايىقى بەش ياشلىق گەپدان قىزنى شەرەتلەپ ،گۇناھنى ئۇنىڭغا دۆڭگەشكە باشلىدى .

-يا ئاللا، رەزىيە بېشىمغا بالا بولدۇڭغۇ سەن-رەزىيەنىڭ ئاپسى قولىغا سۈپۈرگىنى ئالدى، قىز بۇنى كۆرۈپلا پىتىرلاپ قاچقىنىچە مېنىڭ ئارقامغا ئۆتۈۋېلىپ،ئانىسىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى .

-ئانا،ئانا بودا ئۇنداق قىلمايمەن، مېنى ئۇرمىسىڭىزچۇ ،جېنىم ئانا.


كىچىككىنە قىزنىڭ ئانىسىغا قاراپ بۇنداق يالۋۇرۇشلىرىغا قاراپ ،ئىچىم ئاغرىغاندەك بولۇپ،ئۇنى قانات ئاستىمغا ئالدىم.
-ئاچا،بالىڭىز خاتالىقىنى تونىغاندىكىن بولمىدىمۇ ،يەنە نېمىشقا ئۇنى ئۇرىمەن دەيسىز ،بولدى قىلىڭە ئەمدى .

مېنىڭ قانات ئاستىمغا ئېلىشىم بېلەن ،ئاچاشمۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى قويۇپ، ئولتۇردى،بالىلار چۇرقىراشقىنىچا ئاپىللىرى بازاردىن ئەكىرگەن تاماقلارنى يېيىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقىپ كەتتى .


-سىز بىلمەيسىز ئۇكا، قانداق ئانىنىڭ ئۆز بالىسىنى ئۇرغۇسى كېلىدۇ دەيسىز ،مەن بۇ بالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئاتايىن ئاقسۇدىن كەلدىم ،بۇنىڭ بېلەن بىرگە كەلگەن باشقا بالىلار ساقىيىپ،كېتىپ بولدى ،قاراڭ ئاۋۇ قىزغا-ئاچاش شۇنداق دەپ،ئىشىكنىڭ ئۇدىلىدا ئولتۇتۇپ كاۋاپ يەۋاتقان قىزنى كۆرسەتتى -ئۇ كەلگىنى تېخى ئىككى ئايمۇ بولمىدى ،ئۇنىڭ كېسىلىمۇ پۈتۈن بەدەندە بار ئىدى ،ھازىر ساقىيىپ ،ئازغىنە جايدا قالدى ،يەنە بىر ئايدىن كېيىن ،سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ ،دېدى دوىتۇرمۇ ،بىراق مېنىڭ ماۋۇ قىزىم يا ،ئاپتاپتا ياتقىلى ئۇنىمايدۇ ،يا گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ ،شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ،كەلگىنى ئالتە ئاي بولسىمۇ سۆرۈلۈپ يۈرىۋاتىمىز ،داۋالىنىش سوزۇلغانسىرى پۇلمۇ جىق كېتىدىكەن ،ئايدا 3000 يۈەن ،تاماققا كۈندە 40 كوي كېتىدۇ ھېسابلاپ بېقىڭە ،ھېلىمۇ مۇشۇ بالىنى داۋالىتىمىز دەپ ھەممە ئىقتىسادتىن ئايرىلدۇق .
ئاچاشنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،ئۇ ماڭا ،بالىسىنى بۇرۇن ،نۇرغۇن ئىقتىساد بېلەن باشقا دوختۇرخانىلاردا داۋالتقانلىقىنى ،قارا پېگمېنىت كۆچۈرۈپ ،تېرە ئوپراتسىيەسى قىلغاندا ،كېسەللىك ئورنىنىڭ رەڭگى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ بىراق ،يەنە باشقا ئورۇنلارغا ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنلىكى ،ئاخىرى ،مۇشۇ تېۋىپنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ،ئاقسۇدىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى .
ئاتا-ئانا بولماق نېمە دېگەن تەس، ھە،شۇنداق ياش تۇرۇپ ،مۇشۇ ئايال جېنىدا قىزى ئۈچۈن مۇشۇنداق جاپا-مۇشەققەتلەرنى چېكىۋېتىپتۇ ،باشقا ئانىلارچۇ ؟باشقىللىرىمۇ قارىماققا ،ئۇنىڭدىن پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان تۇرمۇش شارائىتىىدا ئىكەنلىكى ،چىقىپ تۇرمامدۇ ئۈستى بېشىدىن .
بىر كېچىنى ئۆزۈمنىڭ كېسىلى ئۇياندا قېلىپ،بالىلارغا ئىچ ئاغرىتىش بېلەن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ،ئەتىسى ئەتىگەندە،ئۇلارغا ئەگىشىپ،ئۆگزىگە چىقىپ، قاتار، قاتار ئايرىلغان ئاپتاپ سۇنۇش ئورنىنىڭ بىرىگە كېلىپ،ئورۇنلاشتىم، تۇنجى كۈنىلا ،تېرىللىرىم ،ئاپتاپتا كۆيۈپ قىزىرىپ،ئېچىشىشقا باشلاپ، جېنىمدىن تويغۇدەك ھالەتكە كەلدىم،بىراق ئېرادەمنى مېھرايىمنى ئويلاپ ،يەنە ئۆزۈمنى بېسىپ ياتتىم ،تېۋىپ،چۈش ۋاقتىدا بىر قېتىم كېلىپ،بالىلارغا دورا سۈركەپ قويغاندىن كېيىن، ماڭا ئەتىدىن باشلاپ دورا ئىشلىتىدىغانلىقى ئېيتىپ،يەيدىغان دورا بېرىپ ،قايتىپ كەتتى .
كەچتە ھوجىرىغا قايتىپ چۈشكەن چېغىمدا يىغلىۋەتكىنى تاسلا قالدىم ،بالىلارنى ئانىللىرى ئاپتاپتا ياتسا يەلپىپ،ئۇلار بېلەن تەڭ جاپا تارتىشلىرىغا قاراپ،ئكزۈمنى يالغۇز ھېس قىلىپ،كۆڭلۈم يېرىم بولدىمىكىن تاڭ ،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى ئانامنى ئەسلەپ،بىر يەرلىرى مېھراينى ئويلاپ ،ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى .
-قارىم ،بالىلارغا تاماققا چىقاتتۇق،سىزمۇ بىللە چىقامسىز يا ،بىز ئالغاچ كىرەمدۇق -مەن پەسكە چۈشىشىمگە تۆنۈگۈنكى ئايال يېنىمغا كىرىدپ شۇنداق دېدى .
-سىزلا ئاغاچ كىرىڭە ،ھەدە -مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىغا پۇلنى تۇتقۇزدۇم-رەھمەت، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
ئاياللار سىرىتقا ماڭغان چاغدا دەرۋازىغا قۇلۇپ، سېلىپ قويۇشتى،بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان چېغىمدا ،14 ياشلاردىكى رابىيە ئىسىملىك بىر قىز -بىنى سىرىتقا چىقىپ،سۇ ئىچىۋالمىسۇن دەپ شۇنداق قىلىدۇ-دەپ جاۋاب بەردى ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ھېلىقى گەپدان قىز -رۇقىيە قايسى كۈنى سىرىتقا قېچىپ ىقىپ،لەڭپۇ يەۋاپتىكەن ،دوختۇر كۆرۈپ قېلىپ، شۇپۇق بېلەن تازا ئۇردى -دېدى.
-دوختۇر سىلەرنى ئۇرامدۇ تېخى -مەن ھەيران بولۇپ قىزلاردىن دورىدۇم،-ئاپتاپتىن قاچساق ،سۇ ئىچىۋالساق، لەڭپۇ يەۋالساق ئۇرىدۇ شۇ، سىزنىمۇ ئۇرىدۇ ،شۇنداق قىلىپ بېقىڭە ،
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ مەنمۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ،ئۇستاز زالىم بولسا ،ئوقۇغۇچى ئالىم بولار دەپتىكەن ،بەلكىم بۇنداق قىلىش ،مۇشۇ بالىلارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن بولسا كېرەك .بۇنى ئەتىسى دوختۇر بېلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم ،ئۇ مااڭا دورا سۈركەۋاتقان ۋاقتىدا .-دوختۇرخانىلاردا پۇل ئېلىشنىلام ئويلايدۇ،ساقىيامدۇ ،ساقايمامدۇ كارى يوق ،مەن بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇر ساقايسىكەن دەيمەن شۇڭا بەك قاتتىق تۇتىمەن ،ئالدىددىمۇ بىر قانچە بالا كەلگەن سىز دېمەتلىك ،بىر قانچە كۈن يېتىپلا ،چىدىيالماي كېتىپ قېلىشتى ،شەھەرلەردىكى دوختۇرلار زامانىۋى ئۇسۇلدا داۋالايمىز ،ئاپتاپتا ياتسا تېە راكى بولىدۇيەي ،دەپ بېمارلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پۇلىنى قاقتى سوقتى قىلىشىدۇ ،بىراق ،رەڭگى ۋاقىتلىق ئۆزگەرگەن بېلەن ئۇلار داۋالىغان بېمارلار ناھايىتى تېزلا ،ئەكسى ھالىتىگە قايتىدۇ، بىر ئىككى ئاي ئاپتاپقا قاقلانغانغا ،تېرە راكى بولۇپ قالىدىغان ئىش نەدىمۇ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ،كېسەللىك ئورۇنلىرى روشەنلەشكەندىن كېيىن باشقا يەرلەرنى يوشۇرۇپ،شۇ ئورۇننىلا ئاپتاپقا سالىمىز ،بۇ كېسەللىك قان سوۋۇشتىن،بەدەننننى شوغاق .ياكى ئىسسىق يەل قاپلاپ كېتىشتىن تېرە قەۋىتى سۇلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ،ئاپتاپقا قاقلاشلا ،بۇ كېسەللىكنى يىلتىزىدىن داۋالاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ،يەنە مېنىڭ ياسىغان دورامنىڭمۇ ئۆزگىچە ئۈنىمى بار ،بەزى خەقلەر ،بۇ كېسەللىك بىداۋا، گۇناھكار ئادەملەرگە ئاللاھ بېرىدۇ ،دەپ ،بېمارلارنىڭ ساقىيىش ئىشەنچىنى يوقىتىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ ،ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۇ كېسەللىك ھېچقانداق ئەھۋال ئاستىدا يۇقمايدۇ ،شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدىمۇ يۇقمايدۇ ،پەقەت پەرھىزسىز يۈرگەنلىكتىن كېسەللىك ئېغىرلىشىپ تارقىلىدۇ، تارقالغانلىقى ،ھەرگىزمۇ يۇققانلىق ئەمەس بەلكى ،كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى خالاس، گۇناھكار ،دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ نارسىدىلەردە نېمە گۇناھ ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىدا نېمە گۇناھ،مەن گۇۋاھ بولالايمەنكى ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى ،يەردىن رىسقىنى تىلەپ، تېنىچ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ،يۇۋاش مۆمىنلەر-دېدى .
دوختۇرنىڭ سۆزلىرى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى،دېمىسىمۇ ،مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردىن ،،دوختۇر دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن قويۇلماي قالغانلاردىن قانچىسى بار ،ياسىلىش تەننەرخى شۇنداق ئەرزان تۇرۇپ ،قىممەت باھاا ياسالغان دورىلارنى زەھەرنىڭ باھاسىدا ستىۋېلىپ يېمەيدىغانلاردىن قانچىسى بار، باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلمەي، چەتكە قېقىلماي، مۇھەببەتكە ،تەسەللىيگە ئېرىشكەنلەردىن نەچچىسى بار ،ئەگەر جەمىيەت ئۇلارنى  چەتكە قاقمىغان بولسا ،ئۇلار شۇ كېسەلدىن قۇتۇلۇشقا ئالدىراپ ،بۇنچىۋالا كۆپ،دېشۋارچىلىقلارغا ئۇچراپ كېتەرمىدى ؟

ئىككى -ئۈچ كۈن ئاپتاپقا قالىنىپلا، تىرىللىرىم قىزىرىپ،سۇلۇق ئىىىشىقلار پەيدا بولۇپ،ئېتىلىپ،يوشۇرۇنغان كېسەللىك ئورۇنلىرىمۇ ،روشەن نامايەن بولدى ،دوختۇرمۇ ئەمدى كېسەللىك بار ئورۇنلارنىلا ئاپتاپقا قاقلاپ باشقا ئورۇنلارنى يوشۇرۇشىمنى ئېيىتتى ،بىر ھەپتىدىن كېيىن ،تېرىللىرىم قاسىراق تاشلااشقا باشلىدى ،شۇنىڭغىچە ،كېيىم كېيىش، يېتىش جەريانىدا ،ئاپتاپقا قاقلانغاننىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتتىم .


كېلىپ، بىر ھەپتىلەردىن ئاشقان چاغدا ،مەنمۇ ئاپتاپقا كۆنۈپ قالدىم ،تېرىللىرىممۇ قارىداپ كېسەللىك ئورۇلىرى روشەن كىچىكلەپ ،تارىيىپ قارا خاللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى ،كېسىلىمدىكى بۇ ياخشىىنىشلاردىن خۇشال ھالدا ،ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقان ،بىر كۈنۈمنىڭ چىڭقى چۈش مەزگىلىدە، ھېلىقى بەش ياشلىق گەپدان قىز ،ھەسىرەپ ھۆمۈدىگىنىچە ،مېنىڭ ئاپتاپقا قاقلىنىش ئورنۇمنىڭ يېنىغا كېلىپ-قارىم ،قارىم-دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى .
-نېمە بولدىڭىز  ۋاتىلداق -ۋاتىلداق مېنىڭ ئۇنىغا قويىۋالغان لەقىمىم ئېدى ،قارىم بولسا ،بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ياش ئوغۇللارنى ئورتاق ئاتايدىغان تەخەللۇسى ئېدى .
-سىزنى ئاچىڭىز ئىزدەپ كەپتۇ-ئۇ دۇدۇقلاشقا باشلىدى -ياق ،ياق مېنىڭ ئاچام ،ياق ،مېنىڭ ئاچام يوق، بىر ئاچاش ئىزدەپ كەپتۇ ....
داۋامى داۋاملىق ئېنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .............

0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-27 23:59:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى بۇ مۇنبەردىمۇ كۆرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن.

52

تېما

1

دوست

2263

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
277
مۇنبەر پۇلى
1847
ئىشەنىچ
277
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-28 21:36:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز

28

تېما

9

دوست

2449

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1972
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 16:06:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاشنا ئىزدەش داۋامى(24)

ئايزىبا،چوقۇم شۇ كەلگەن گەپ،ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىگەچ ،كېيىملىرىمنى كېيىپ،ئۆگزىگە يۆلەپ قويۇلغان شوتىغا يامىشىپ،پەسكە چۈشتۈم.
-مېنى ،مۇشۇ تۇرقۇم بېلەن نومۇسقا ئۆلسۇن دەپ كەلدىڭمۇ ،سىڭلىم-تېخى بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئالماي تۇرۇپلا ،شۇنداق دېدىم،ئەمما بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغاندىن كېيىن،داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم-مېھراي.....
-ھەئە،مەن كەلدىم ئەنۋەر-مېھراي ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى ،كۆزلىرىم ئۇنىڭغا قاراشقا جۈرئەتسىزدەك ،يەرگە تىكىلدى ،ئۈستى بېشىمدىكى مەينەتچىلىك،يەڭلىرىمدىن ساڭگىلاپ قالغان تېرىلەر،تېۋىپنىڭ مەسلىھەتى بويىنچە ،پاكىز چۈشۈرۈپ ،ئاپتاپقا سېلىش جەريانىدا ،تېرىسى سويۇلۇپ،تازغا ئوخشاپ قالغان باشلىرىم،بۇلارغا قاراشقا تېخىمۇ جۈرئەتسىزمەن، شۇ جۈرئەتسىزلىكەر بېلەن ،بىر پەس جىمجىت تۇرىۋەتكەندىن كېيىن،ئىختيارسىز سىرتقا قاراپ تاشلانغان قەدەملىرىمگە ئەگىشىپ،يۈگۈرەپ كەتتىم .
-ئەنۋەر ،توختاڭ -مېھراي ۋارقىرىغىنىچە كەينىمدىن قوغلىدى ،شۇنداق توختىغۇم،مېھرايغا تويماي قارىۋالغۇم،قۇچىقىدا يېتىم قانغۇچە يىغلىۋالغۇم كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان نومۇسنىڭ كۈچىگە ئەگىشىپ،كۆزلىرىمدىن ئىخىتيارسىز تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىمغا قوشۇلۇپ ،چۈشىۋاتقان ھارغىنلىق تەرلىرىنىمۇ سەزمەستىن يۈگۈرۈۋەردىم،مېھرايمۇ ماڭا توختىماستىن ماڭا ئەگىشىپ يۈگۈردى .

ئادەمسىز يوللار بېلەن يۈگىرەپ،ياڭاقلىقنىڭ يېنىغا تېرىغان بىر قوناقلىق ئېتىزنىڭ يېنىغا كەلگەندە ،ھالسىزلىنىپ،قەدەملىرىمنى توختىتىپ،ئۆزۈمنى يەرگە ئاتتىم.


-ئەەەەنۋەر،ئۇف،ئۇف،ئۇف-مېھرايمۇ كەينىمدىنلا يېتىپ كېلىپ،يېنىمغىلا يېقىلدى-نېمىشقا،مەندىن قاچىسىز.
ئۇنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق ھالسىزلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ،مەن زۇۋان سۈرمەي ،بېشىمنى توپىغا سۈرۈپ يېتىۋالدىم .
-تېخىچە مەندىن رەنجىۋاتامسىز ؟-دېدى مېھراي ،بىر پەس ،مەيدىسىنى تۇتۇپ،ئۇف،ئۇف دەۋەتكەندىن كېيىن-ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ،قورسىقىمدا سىزنىڭ بالىڭىز بار ،مېنى بۇنداق يۈگۈرۈتسىڭىز بالىڭىزغا بىر ئىش بولىشىدىن قورقمامسىز ؟
-ئاپلا-مېھراينىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ،ھەممىنى ئۇنۇتقاندەك قاتتىق جىددىيلىشىپ،بۇرۇلۇپلا ئۇنى قورسىقىغا قارىدىم -سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ھە؟
-ياق،ساراڭ ،ھېچئىش بولمىدى -مېھراي ئەركىلىگىنىچە قوينۇمغا بېشىنى قويدى -ئاۋايلاپ يۈگۈردۈم ئەمەسمۇ،سىزدەك جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈرمۈدۈم ،مەن ساراڭدەك .
-مەن شۇ ساراڭ -مېھراينىڭ سۆزى بىلەن ،قېچىشىمنىڭ سەۋەبىنى ئېسىمگە ئېلىپ ،كەينىمگە بۇرۇلدۇم .
-تېخىچە مەندىن رەنجىۋاتامسىز ئەنۋەر-مېھراي بىقىنىمغا قولىنى سالدى -سىزنى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن ئەنۋەر،مەن ئالىيەدىن كەلگەن ،يەنە بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدىم ئەنۋەر، خەتنى كۆرگەندىن كېيىن بىلدىم،ھەقىقەتەن گۆدەكلىك قىپتىمەن ،بىراق بۇنىڭ ھەممىسىنى مەندىن كۆرسىڭىز توغرا بولمايدۇدە،سىزمۇ بۇرۇن ماڭا ئوخشاش كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا ئوخشاش ئالدىراڭغۇلۇق بېلەن ،مەندىن ئۆچ ئالماقچى بولغان ئېدىڭىزغۇ،ئاغرىنىش توغرا كەلسە، ھەر ئىككىمىزدىن ئاغرىنساق توغرا بولىدۇ ،مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك،باشتا سىزگە ھەممە ئەھۋالنى ئوچۇق دېمەي گۇمانىڭىزنى قوزغىغان گۇناھ مەندە بار،بىراق ھېچ چۈشەنمىدىم ،سىز نېمىشقا ،ئالىيەنى مەن بېلەن كۆرۈشۈپ،ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن توسىسىز، مۇشۇ ماڭا ھەم بالىڭىزغا كۆيۈنگەنلىكىڭىزمۇ،بىزنى تاشلاپ كەتسىڭىز ،ھەممە دەرتنى ئۆزىڭىز يالغۇز تارتسىڭىز، ئەجەبا بىزنى ئويلىغان بىزگە كۆيۈنگەندەك ھېس قىلالامسىز ؟سىز خاتالىشىپسىز ئەنۋەر،بۇنداق قىلسىڭىز مېنىمۇ،ئۆزىڭىزنىمۇ،تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ،بالىڭىزنىمۇ قىينىغان بولىسىىز خالاس.
-مېھراي،بولدى سۆزلىمەڭ-مېھراينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،ئكزۈمنى تۇتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدىم-دە ئۇنىڭغا بۇرۇلدۇم-قاراڭ،قاراڭ، بۇ يەرگە،يەنە بۇ يەرلەرگە-ئۇنىڭغا ئاق كېسەل مەركەزلەشكەن جايلىرىم بېلەن ،تۆكۈلىۋاتقان تېرىللىرىمنى كۆرسەتتىم-مەن مانا مۇشۇنداق ئادەم ،بەلكىم، سىزگە ھازىر تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن،بىراق بارا-بارا مەندىن زېرىكىسىز ،مەندىن نومۇس قىلىسىىز ،مەن بۇنداق كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيمەن مېھرا ي،سېنىڭ،بالامنىڭ مەندىن نومۇس قىلغىنىدىن كۆرە ،ئۆلگىنىم ئەۋزەل مېنىڭ،سەن كەت، ئەمدى مېنى ئىزدىمە، خاتىرجەم بول،مەن بالامغا بولغان مەسئۇلىيتىمدىن قاچمايمەن، مەيلى كېيىن باشقا تۇرمۇش قۇرغىن ياكى قۇرمىغىن ،مەن ھەر ئايدا تۇرمۇش خىراجىتى بېرىپ تۇرىمەن .
-ئەنۋەر، سىز نېمىلەرنى دەۋاتىسىز ،ئاغزىڭىزدىن چىققاننى يۈرىكىڭىز تۇيۇۋاتامدۇ سىزنىڭ-مېھراي ئورنىدىن تۇرىۋېلىپ،ئاۋازىنى قويىۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى ،ئۇنىڭ تۇرىقىدىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى -بىلەمسىز سىزنىڭ مۇشۇنداق بېمەنىلىكىڭىزدىن ،بىزنىڭ كەلگەن يېرىمىز مۇشۇ بولاۋاتىدۇ ،بىر قېتىم بولسىمۇ مېنى چۈشىنىپ قويسىڭىز بومامدۇ ؟سىز مېنى تېخىچە شۇنداق رەزىل،شەخسىيەتچى ئايال دەپ ھېس قىلامسىز ،ئەگەر سىز مېنىڭ سىز ئۈچۈن كۆيىۋاتقان قەلبىمنى بىر قېتىم بولسىمۇ چۈشىنىپ قويغان بولسىڭىز ،ھەرگىزمۇ ،مەندىن ھېلىقىدەك گۇمانلارنى قىلىپ يۈرمەي ،ماڭا ئىشەنگەن بولاتتىڭىز ،ھازىرقىدەك تېتىقسىز گەپلەرنى تېخىمۇ قىلمىغان بولاتتىڭىز -مېھراي جايىدا ئولتۇرۇپلا ھۆڭۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى-بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىكەن ،ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ،ئۇنىڭغا كۆيىنىدۇ،ئۇنىڭغا يۆلەك بولىدۇ ،ئۇنىڭ چىرايىنى ،چىرايلىق ياكى كېلىشكەن بەدىنىنى ئەمەس بەلكى قەلبىنى سۆيىدۇ ،ئۇنىڭ كۈلكىسىدىنلا ئەمەس، ئازابىدىن ،قايغۇسىدىن ،جاپا-مۇشەققىتىدىنمۇ ئۆزىنىڭ بەختىنى ئىزدەيدۇ ،سىز قايغۇرغان چاغدا ،يېنىڭىزدا تۇرۇپ تەسەللىي بېرەلىگىنىم،كۆزىڭىزدىن ئاققان ياشلارنى قوللۇرۇم بېلەن سۈرتۈپ قويالىغىنىم، ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ،سىز بىلەن بىرگە بولالىغىنىم ،ئاغرىپ ياتقىنىڭىزدا ،ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ،كۆڭلىىزنى كۆتۈرۈپ، سىزگە ئۈمۈد بېغىشلىيالىغىمنىم،يىقىلغان يېرىڭىزدىن دەس تۇرالىشىڭىزغا مەدەت بېرەلىگىنىم ،مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بەختىم خۇشاللىقىم ،ئويلاپ بېقىڭ ئەنۋەر، سىز قاچان ماڭا مۇشۇ پۇرسەتلەرنى بېرىپ باقتىڭىز ،ھەممىنى ،ھەرقانداق ئىشىىڭىزنى ماڭا بىلدۈرمەسلىككە تىرىشتىڭىز ،كۆزىڭىزدىن ئاققان ياشلىرىڭىزنى مەندىن يوشۇردىڭىز ،بەلكىم ،سىز  ئۆزىڭىزنى ماڭا كۈچلۈك كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانسىز ،بىراق دەل ،شۇنداق قىلغانلىقىڭىز سەۋەبلىك بىىزنىڭ ئارىمىزدا نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقتى ئەمەسمۇ ،ئويلاپ بېقىڭ ،سىز بۇرۇن ماڭا ،ئانىڭىزنى سېغىنغان ھېسلىرىڭىزنى مەن بېلەن ئورتاقلاشقان بولسىڭىز، ھەركۈنى ئۇنى سېغىنىپ .تۆككەن ياشلىرىڭىزنى ماڭا كۆرسەتكەن بولسىڭىز ،بەلكىم ،مېنىڭ سىزدىن ھېلىقى سىرلارنى يوشۇرمىقىممۇ ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن بولغىيتى .سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ ئالدىدا ،ئانىڭىزغا بەرگەن ۋەدەمنى ئۇنتۇپ ،قېلىشىم ،ماڭا ئېنتايىن روشەن ئېدى ،كېيىنچۇ ،كېيىن قانداق قىلدىڭىز ؟بولدى ،مەن بۇ يەرگە سىز بېلەن تەگەشكىلى كەلمىدىم ،سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالغىنى ،سىزنىڭ ساقىيىشىڭىزغا مەدەت بەرگىنى كەلدىم ،ھازىر گەرچە بىز ئەر -خوتۇن بولمىساقمۇ، مەن يەنىلا سىزنى سۆيىدىغان ئايال ،ماڭا ئاياللىق بۇرچىمنى ئادا قىلىش پۇرسىتىنى بەرمىسىڭىزمۇ ،مۇھەببەت ئالدىدىكى قەرزىمنى ئادا قىلغىنى قويۇڭ .
-مېھراي-ئەمدى راسلا چىدىغۇچىلىكىم قالماي ،مېھراينىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم -مېنى كەچۈرۈڭ،راستىنلا مېنى كەچۈرۈڭ ،ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى باغرىمىزغا چىڭ بېسىشتۇق،ئۇزۇندىن بۇيان پۇراپ باقمىغان ،ئەمما تولىمۇ سېغىنغان خۇشپۇراق ھىد دىمىقىمغا ئۇرۇلىشى بېلەن  تەڭ،ھوشۇمنى يوقاتتىم.
مېھراي ئىككىمىز ،ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ، خېلى ئۇزاق مۇڭداشتۇق، ئۇ ماڭا ،نەچچە كۈن ئاۋۋال ،ئالىيەدىن كەلگەن بىر خەتنى تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ،ئالىيەنىڭ خېتىدە مېھرايدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئارىمىزدا يۈزبەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە  يېزىپ، ئۆزىنىڭ بىزگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى،بىزنىڭ مۇرادىمىزغا يېتىشىمىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ،ئەگەر بىز قايتىدىن جەم بولالمىساق، ئۆزىنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى ،ھاىزر بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىغا تولىمۇ پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى ،ئەينەن يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى ،مېھراينىڭ خەتنى كۆرۈپلا ،مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ،لېكىن مېنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئايزىبا بېلەن ئالاقىلىشىپ،ئېنتايىن تەسلىكتە ،ئەھۋالدىن ىەۋەردار بولۇپلا ،بۇ يەرگە كەلگەندىلىكىنى ئېيتىپ بەردى .
-ئالىيە ھېلىقى خەتنى يازمىغان بولسا ،مېنى كەچۈرمەمتىڭىز -مېھراينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،قىياسىمدىن يالغان چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ،سورىدۇم .
-ياق،ئىشەنسىڭىز ،مەن سىزنى بۇرۇنلا كەچۈرىۋەتكەن ،ئالىيەنىڭ بالىسىنى ئالدۇرىۋېتىپ،ئىچكىرىگە كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپلا ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشىنىپ يېتىپ،سىزدىن ئاجراشقىنىمغا پۇشايمان قىلغان ،بىراق سىزنىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىشىڭىزنى ساقلىماقچى ئېدىم ،بىراق سىز كەلمىدىڭىز،سىزنىڭ نېمىشقا مېنى ئىزدەپ كەلمىگەنىكىڭىزنى بىلەلمەي ئۇشتۇمتۇت تۇرغان چېغىمدا ،ھېلىقى خەتنى تاپشۇرىۋېلىپ،مېنى ئىزدىمەسلىكىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولۇپ،ئاندىن بۇ يەرگە كەلدىم -دېدى مېھراي ماڭا جاۋابەن-ئەجەبا ،مەن ئىزدەپ كەلمىگەن بولسام سىز مېنى مەڭگۈ ئىزدىمەمتىڭىز.
مەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم ئاندىن مېھرايغا قاراپ-بەلكىم شۇنداق بولىشى مۇمكىن ئېدى،بىراق ،بايا مېنى چاقىرغىلى چىققان قىزچاقنىڭ ئېيتىشىچە ،بىزنىڭ كېسىلىمىز ساقايغاندا .بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ھالىتىمىزگە قايتالايدىكەنمىز، ئەگەر ئۇنىڭ ئېيىتقانلىرى راس بولۇپ، بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ھالىتىمگە قايتالىسام ،سىزنى چوقۇم ئىزدەپ باراتتىم ،بىراق ،ئۇ چاغدا سىز باشقا بىرەسىنى تېپىۋالمىغان بولسىڭىزلا .
-ئەخمەق ،مەن ئۆزۈمگە قەسەم قىلغان ،ئەمدى ئەرگە تەگمەيمەن دەپ -مېھراي بېشانەمگە نوقۇپ يەرگە قارىۋالدى .
-ئۇنداقتا ،ئەمدى بىز توي قىلالمىغۇدەكمىزغۇ؟
ساراڭ، سىز بۇنىڭ سىرتىدا ،مەن سىزگە بۇرۇن بىر قېتىم تېگىپ بولغان تۇرسام
-ھا،ھا،ھا،
مېھراينى كۆرۈپلا ھەممە غەملىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولغاندەك ،كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى، ئىككىمىز كۈن كىرەگە يېقىن قايتىپ كەلدۇق،قايتىپ كەلدۇقيۇ، ئۆيگە كىرگۈزۈلمەي ،تالادا قالغىنى تاسلا قالدۇق .
-كېتىڭ ئۇكام، كېتىڭ، مەن سىزگە دېگەنغۇ، بەش كۈن چىدىمايسىز دەپ،سىزنىڭ ساقايغىىز يوقكەن -ئۆيگە كىرەلمەي تېۋىپنى ئىزدىگەن چېغىمىزدا ، ئۇ بىزگە قاراپ سوغاقلا تەلەپپۇزدا شۇنداق دېدى .
-نېمىشقا بۇنداق دەيسىز ،مېنىڭ ساقايغۇم بار ،كېم مېنى ساقايغۇسى يوق دەيدۇ -تېۋىپنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىگەندەك ،ئۆيىگە كىرىپ كېتىشكە تەمشىلىۋاتقان تېۋىپقا قايتىدىن ئېسىلدىم .
-ساقايغۇڭىز بولسا بۇ كىمۇ ئەمدى ،مەن سىزگە دېگەنغۇ ،ئايالىڭىزنى ئەكەلسىڭىز بولمايدۇ دەپ-تېۋىپ،شۇنداق دەپ ،يېنمدا تىڭىرقاپ تۇرغان مېھراينى كۆرسىتىپ قويۇپ،جاڭڭىدە قىلىپ،ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كەتتى .
-بۇ،بۇ،بۇ قانداق ئىش -مېھراي  نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ماڭا سوئال ئارىلاش قاراپ شۇنداق دېدى .
-مەن كىرىپ باقاي ،سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇپ ،مەن مېھرايغا تېۋىپنىڭ،مەن كېلىشتىن ئاۋۋال ئېيىتقان سۆزلىرىنى بىرمۇ-بىر  ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن،مېھراي ۇنداق دەپ ،قويۇپ، تېۋىپنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
ئۇ كۈنى مېھراينىڭ تېۋىپقا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلەلمىدىم ،بىراق تېۋىپ مېنى باشلاپ ھوجىراپغا ئەكىرىپ قويغاندىن كېيىن، يېنىمغا  يەنە ئىككى كارىۋات قويۇپ،مەن بېلەن بىللە داۋالىنىۋاتقان ئىككى كىچىك ئوغۇلبالىنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ،شۇنىڭ بېلەن مەنمۇ يەنە بىر قېتىم داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم .
خاتېمە

ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى ،مەن داۋالىنىپ تولۇق ساقايدىم ،ھەم پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق ،ھېلىقى كېسەلنىڭ قايتىلىنىشىدىن ساقلاندىم ،ھازىر ئانچە مۇنچە ،مېھۋە -چىۋە،يەپ قويىمەن ،لېكىن كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ،قېتىق،تاۋۇز، ھەم تۇغۇم بېلىق يېيىشتىن قورقىمەن .

بەلكىم سىز ،مېھراي ئىككىمىزنىڭ بۇ بەش يىللىق ھاياتىمىزغا بەكىرەك قىزىقىۋاتقانسىز ،دەپ كەلسەم ،ئىش بەك جىق ،شۇڭا ئەڭ مەنىلىكرەكىنى دەپ بېرەي، مېھراي ئىككىمىز ،مەن ساقىيىپ قايىتقاندىن كېيىن ،يارىشىپ،قايتىدىن توي قىلىۋالدۇق،تۇنجى بالىمىز تۇغۇلۇپ، يەنە بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر بالىلىق بولدۇق، ھازىر بىر قىز ،بىر ئوغلىمىز بار ،بەخىتلىك بىر ئائىلە مېھراي ئىككىمىزنى بېشىمىزغا كېيىلدى ،ئەلۋەتتە جاپاسىمۇ يوق ئەمەس، ئارقا-ئارقىدىن پەرزەنتلىك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ،بالىلارنى بېقىشتا ئوبدانلا جاپا تارتىپ قويدۇق، لېكىن ،خۇددى مېھراينىڭ ئېيىتقىنىدەكلا ،ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىمىز بېلەن ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنىمىز جاپالىق بولسىمۇ ،بىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت بەخىتنىڭ چەكسىزلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويدى .

يەنە بەزىللىرىڭلار ئالىيەنىڭ كەلگۈشىگە قىزىقىۋاتقانسىلەر،ئالىيە ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىپ،بىر يىلدەك چۆگىلەپ يۈرۈپ ،ئېنىشىنى تاپالمىدى ،لېكىن كاۋاپچى يېگىتتىن بىرسى بېلەن تېپشىپ، تويىنى قىلۋېلىپ، قايتىپ كەلدى ،ئۇ قايتىپ كېىپ.بىر يىلدىن كېيىن،ئېنىسىمۇ ،بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە ،قايتۇرۇپ كېلىنىپ،ئاچا-ئېنى ئىككىسى قايتىدىن جەم بولۇشتى .

سىڭلىم ئايزىباغا كەلسەك، مەن ئۇنىدىنمۇ چەكسىز مېننەتدارمەن، تۇرمۇشى خېلى خاتىرجەم، ماڭا دۇنيادا قېرىنداشلىقنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك رولى بارلىقىنى ،قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ،قانچىلىك بېباھا ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ھېس قىلدۇرۇپ تۇردى .

مېنىڭ ھېكايەم، غۇۋا ھەم ئېچىنىشلىق باشلانغان بېلەن ،ئاخىرى ياخشى ئاياقلاشتى ،لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ،ئاشنا دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا ،،قورقۇم ،تەنلىرىم تىترەپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم.

نېمىسىنى دېمەيسىز بىر كۈنى ،شۇنداق تور ئاختۇرىۋېتىپ، ئاشنا ئىزدەش دەيدىغان بىر پوۋسىتقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، شۇنداق ئوقۇپ باقاي دەپ ،ئوقۇۋېتىپ، خۇددى بىرى مېنى ئوغۇرلۇقچە كۆزەتكەندەك ،بۇ پوۋسىتنىڭ ،مېنىڭ ھېكايەمنى باشتىن ئاخىر يېزىپ ،چىققانلىقىغا ھەيران بولۇپ،ھەم قىزىقىپ ئوقۇپ، يۈرۈپ بىر نەچچە كۈندە ئوقۇپ ،خاتېمە دېگەن يەرگە كەلگەن ۋاقتىمدا، مېھراي شۇنداق كىرىپ   قالماسمۇ؟

-ئاشنا ئىزدەش، ۋۇ ئاشنىغا تويمىغان ساراڭ ،ئىككى بالىڭىز بولغان چاغدا، يەنە يالغاندىن ئاشنا تۇتاي دېگەنمۇ ؟نومۇس قىلماي ئوقۇۋاتقان بىر نېمىسىنى بۇنىڭ.

مېھرايغۇ ،مېنى تىللاپ پوسكايتىۋاتتى ،لېكىن مەن بۇ قېتىممۇ بىر نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ، بۇ بوسۇغىدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالدىم ،،ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمگە ،ئاشنا دېگەن بۇ سۆزنى ئۇنتۇپ كەت ،ئەنۋەر -دەپ پىچىرلايدىغان بولۇپ قالدىم.

دوسىتلىرىمىزغا دەيدىغىنىمىز-ئاياللىرىڭلارغا ،ئېگە بولۇڭلار، ھەم ئىشىنىڭلا، ھەم كۆيۈنۈڭلار، سىرىتتا ،قاش كۆزىنى ئوينۇتۇپ تۇرغان ،مايمۇنەملەرنى كۆرۈپ،ئۆيۈڭلاردا سىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرغان مېھرىبانلارنى يادىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار ،ئەرلىرىڭلارمۇ ،ئاياللىرىڭلارغا كۆيۈنۈڭلار،سادىق بولۇڭلار، ئاياللىرىڭلارمۇ، ئەرلىرىڭلارغا ھېزى بولۇپ، كۈندە ئۇرۇش جىدەل بېلەن كۈتىۋالماي،ئىللىق تەبەسسۇم بېلەن پاك مۇھەببىتىڭلار بېلەن ئائىلەڭلارنى قوغداڭلار.

مەن دەيدىغانلىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ تۇراي، رادىيودا مەن ئامىراق بىر ناخشىنى قويۇۋېتىپتۇ، تىڭشىمىسام بولماس، سىزلەرمۇ تىڭشاپ قويىڭىزلار بۇنداق ناخشىلارنى ،زىيان قىلماس:


ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس،

قازانىدا ۋاپانىڭ.

ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە،

ئەتراپىڭدا ئۆز يارىڭ

............................................
ئاپتوردىن سۆز:
ئاددىيغىنە ئەسىرىمنى باشتىن ئاخىرى ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتقان بارلىق دوسلىرىمغا چەكسىز تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن،ئەسىرىمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ،پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىماي ئىنكاس ياشغان بارلىق دوسلىرىمغا كەمىنە تاھىرجان يۈسۈپ، ئوغۇزدىن ،چەكسىز رەھمەتلەر ،ھەرقايسىڭىزلارنىڭ مېنى داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاپ تۇرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن ،پات يېقىندا ،مۇنبەر ئارقىلىق ھوزۇرىڭلارغا سۇنماقچى بولىۋاتقان<قىز گۆھىرى >ناملىق رومانىمنىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
تۈگىدى......

52

تېما

1

دوست

2263

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
277
مۇنبەر پۇلى
1847
ئىشەنىچ
277
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-4 18:52:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا،  قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.  ياخشى ئەسەرنى ئوقۇپ ھوزۇرلاندۇق. يېڭى ئەسىرىڭىزنىڭ تېزراق يوللىنىشىغا تىلەكداشمىز.

28

تېما

9

دوست

2449

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1972
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 15:48:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:مەزكۇر ئەسەر مىسرانىم،تەڭرىتاغ ماكانىمىز مۇنبەرلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا يولللاندى ،مەزكۇر مۇنبەرلەردىن باشقا ھەرقانداق سالون ياكى مۇنبەرلەرگە يولللىنىشى بىردەك چەكلىنىدۇ ،ئەگەر ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز مەسئۇلىيەتكە ئۆزىڭىز ئېگە بولىسىز .

0

تېما

0

دوست

63

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
26
مۇنبەر پۇلى
37
ئىشەنىچ
26
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-8 02:23:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسمى سالماي پۇل تېپىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر! بۈگۈن مەن سىلەرگە دەسمى سالماي نەخ پۇل تاپىدىغان بىر كەسىپنى تونۇشتۇرماقچى. ئالدى بىلەن بۇ ئادىرستىن دىتالنى تىلفۇنىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ! http://www.jiedaibao.com
قاچىلغاندىن كىيىن 注册  نى بېسىپ تىزىملىتىڭ تىزىملىتىش كۆزنىكىدە ئۈچ كاتاك بار . 1- كاتەككە تىلفۇن نۇمۇرڭىزنى كىرگۈزسىز   2-كاتەككە مەخپى نۇمۇر بىكىتىسىز مەخپى نۇمۇرنى ئوينۇشۇپ مۇنداقلا بىكىتىپ قويماستىن ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك 6 خانە مەخپى نۇمۇر بىكىتىڭ.3- كاتەككە سىزگە تەۋسىيە قىلغۇچى يەنى مىنىڭ تەۋسىيە نۇمۇرۇمنى كىرگۈزۈڭ . تەۋسىيە نۇمۇرۇم : CKM8D7N
يۇقارقى 3 خىل كاتەكنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ئاستىدىكى 注册 نى بېسىڭ . ئاندىن تىلفۇنىڭىزغا 6 خانلىق  دەلىللەش نۇمۇرى ئۇچۇر شەكلىدە بارىدۇ .
ئۇنى تىلفۇندا چىققان كاتەككە كىرگۈزۈپ موقۇملاشتۇرسىز .ئۇنىڭدىن كىيىن كىملىكتىكى ئىسمىڭىزنى  ۋە كىملىك نۇمۇرڭىزنى كىرگۈزۈپ موقۇملاشتۇرسىز .دىققەت: ئىسىمنى يازغاندا چوقۇم ئىسىم،كىملىكتىكى ئىسىم بىلەن ئوخشاش بولىشى كىرەك بولۇپمۇ ئىسىم ئوتتۇرسىدىكى چىكىتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ كىملىكتىكى چىكىت خەتنىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىشى كىرەك . مەسىلەن : 艾山江•玉山 دىگەندەك. تاپالمىسڭىز مەن چىكىتنى ئەۋەتىپ بەرسەم  كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كىملىكنى تولدۇرۇپ موقۇملاشتۇرۇشنى باسقاندىن كىيىن مەخپى نۇمۇر بىكىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ تىزىملاتقاندا بىكىتكەن مەخپى نۇمۇرغا ئوخشىمايدىغان 6 خانا مەخپى نۇمۇرنى 2 قېتىم سېلىپ بىكىتىمىز . بۇ مەخپى نۇمۇر تاپقان پۇللارنى كارتىغا چىقارغان ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغان مەخپى نۇمۇر بولىدۇ .
كىملىكنى دەلىللەش مۇۋەپپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن 肖像认证 ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى دەلىللىتىسىز .ئالاھىدە ئەسكەرتىش : رەسىمنى دەللىتىشتە ئامال بار كۈندۈزدە  قىلىڭ. كەچتە يۇرۇقلىق سىزىقلىرى ياخشى بولمىغاچقا دەلىللەشتىن ئۆتۈش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولدىكەن،ئۆتكىزەلمەي بەكلا ئاۋارە بولۇپ كىتىسىز . رەسىمگە چۈشۈش جەريانىدا چىققان ئەسكەرتىمە رەسىمگە قاراپ تەلەپ بويىنچە ھەركەت قىلىسىز .مەسىلەن : ئاۋال كۆزنى چىڭ يۇمۇپ ئاچىسىز ئاندىن بېشىڭىزنى ئېڭەك مەيدىڭىزگە تاقاشقىدەك ئالدىغا ئىگىسىز ئاخىردا ئاغىزىڭىزنى يوغان ئاچىسىز ئەگەر تەلەپ بويىنچە ئۆلچەملىك ھەركەت قىلالىسىڭىز دەلىللەش مۇۋەپپىقيەتلىك بولىدۇ . مۇۋەپپىقيەتلىك بولماي قالسا قايتا-قايتا مەشخۇلات قىلىپ دەللىتىسىز . قايتا – قايتا سىناق قىلىپ يەنە ئۆتكىزەلمىسڭىز ئاخىردا كىملىكنىڭ ئالدى ۋە كەينىنى رەسىمگە تارتىپ يوللاشنى ھەمدە ئۆزىڭىزنى رەسىمگە تارتىپ يوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ . تەلەپ بويىنچە يوللىغاندىن كىيىن شىركەت تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ .
دەلىللەش مۇۋەپپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ ھىساۋاتىغا يەنى مىنىڭ ھىساۋىمغا 20 يۇەن نەخ پۇل كىرىدۇ . چۈنكى مەن سىزگە تەۋسىيە قىلدىم شۇڭا سىز تىزىملىتىپ ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىزنى دەللىلەتكەن بولغاچقا ماڭا موكاپات پۇلى قىلىپ بىرىدۇ . مەن ئۇ پۇلنى بانكا كارتامغا نەچچە مىنۇت ئىچىدە چىقىرۋالالايمەن ھەم چىقىرىپ باقتىم .ئەمدى سىزمۇ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ ئۇلارمۇ  مۇۋەپپىقيەتلىق مەشخۇلات قىلىپ تاماملىسا سىزنىڭ ھىساۋىڭىزغا بىر ئادەم ئۈچۈن نەخ 20 يۇەن كىرىدۇ .سىز بانكا كارتىڭىزنى باغلاش ئارقىلىق پۇلنى كارتىغا چىقىرۋالسىڭىز بولىدۇ . بانكا كارتىنى باغلىيالمىغان بولسىڭىز پۇلنى مىنىڭ ھىساۋىمغا يۆتكىسڭىز مەن سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزغا ئاغدۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ . يۇقارقى مەشخۇلاتلارنى قىلىش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن .
ئەمدى سىز قانداق پۇل تاپىسىز ؟قانداق تەۋسىيە قىلىسز ؟ تەۋسىيە نۇمۇرغا قانداق ئىرشىسىز؟
بۇلارنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇۋەپپىقيەتلىك تىزىملىتىپ ئىسىم دەللىلەش بىلەن رەسىم دەللىللەشنى تاماملاپ ئاندىن مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ  مەن تەكشۈرۈپ سىزنىڭ مەن ئۈچۈن قىممەت ياراتقانلىقىڭىزنى دەللىگەندىن كىيىن سىزگە  تەۋسىيە نۇمۇرنى قانداق تېپىشنى ئۈگۈتۈپ قويىمەن . مەن سىزگە ئۈگۈتۈشكە داۋاملىق ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولىمەن چۈنكى سىزنىڭ ھىساۋىڭىزغا 20 يۇەن كىرگەندە بىرلا ۋاقىتتا مىنىڭ ھىساۋىمغىمۇ 10 يۇەن كىرىدۇ.
ئەمدى گەپ بۇ زادى قانداق شىركەت ؟ قانداق دىتال ؟ نىمە ئۈچۈن بىكادىن بىكا 20 يۇەن بىرىدۇ .
بۇ ئەسلى قەرىز بىرىش قەرىز ئېلىش ئىشلىرىنى قىلىدىغان شىركەت . ئۇ دىتال ئارقىلىق سىز قەرىز بىرەلەيسىز يەنى شىركەتكە پۇل قويۇپ ئۆسۈمىنى ئېلىپ خەجلىسڭىز بولىدۇ  ئەمما ئۆسىمى تۆۋەن بولىدۇ . ئاندىن يەنە قەرىز ئالالايسىز ئەمما ئۆسىمى يۇقىرى بولىدۇ . دىمەك شىركەت  قەرىز بىرىپ ئۆسۈمگە تايىنىپ ئۆزىنى روناق تاپقۇزىدۇ . شۇڭا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ  ئەزا كۆپەيتىپ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 1- تەۋسىيە قىلغۇچىغا 20 يۇەن ،2- تەۋسىيە قىلغۇچىغا 10 يۇەن بىرىدۇ .
چۈشەنچە : ئەخمەت ،مەمەتكە تەۋسىيە قىلدى ئەخمەتكە 20 يۇەن بىرىدۇ .
مەمەت ،سەمەتكە تەۋسىيە قىلدى  مەمەتكە 20 يۇەن ،ئەخمەتكە 10 يۇەن بىرىدۇ .
سەمەت ،ئالىمغا تەۋسىيە قىلسا سەمەتكە 20 يۇەن ،مەمەتكە 10 يۇەن بىرىدۇ ئەخمەتكە ھېچنىمە بەرمەيدۇ .شۇڭا سىزنىڭ بىۋاستە تەۋسىيە قىلغان ئادىمىڭىز كۆپ بولسا  پايدىڭىز كۆپ بولىدۇ .
ئېسىڭىزدە بولسۇن تەۋسىيە قىلغۇچى دىگەن يەرگە كىمنىڭ تەۋسىيە نۇمۇرىنى يېزىپ تىزىملىتىپ ھەممە مەشخۇلات تاماملىغان بولسا تەۋسىيە قىلغۇچىغا شىركەت  20 يۇەن بىرىدۇ .
شۇڭا سىز پۇل تاپاي دىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تەۋسىيە نۇمۇرىنى بىلىشىڭىز كىرەك . تەۋسىيە نۇمۇرنى بىلىش ئۈچۈن مىنىڭ تەۋسىيە نۇمۇرۇم ئارقىلىق تىزىملىتىپ مەن ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ قىممەت يارتىپ مىنى ئىزدەڭ . سىز ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە .
بەلكىم سىز بۇ شىركەتتىن گۇمان قىلىپ كىملىك نۇمۇرلارنى كىرگۈزۈشتىن قورقىشىڭىز مۇمكىن ئەمما ئەنسىرمەڭ قەشقەر يىجىيا تاللا بازىرنىڭ ئىچىدە ،قەشقەر يېڭى بازار دوقمۇشىدا ئوچۇق ئاشكارا دىھقانلارنى تىزىملاپ  7-8 يۇەن قىممىتىدىكى كىر سوپۇنلارنى بىكاغا بىرىپ ئۆزى 20 يۇەنگە ئىرىشىۋاتقانلارنى كۆردۈم  خەتىرى بولسا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇلارنى ساقچىلار  تۇتۇپ كەتكەن بولاتتى.
مىنىڭ تەۋسىيە نۇمۇرۇم : CKM8D7N
ئالاقىلشىش تىلفۇن نۇمۇرۇم : 13579334903
QQ: 178969603

6

تېما

1

دوست

230

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
زۇلىيە
تۆھپە
37
مۇنبەر پۇلى
190
ئىشەنىچ
37
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-7 16:57:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئېسىل ئەسەركەن .
狗不能喂的太饱,人不能对的太好....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-28 23:30, Processed in 0.148816 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش