- تىزىملاتقان
- 2012-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-27
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2449
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
 
- 真实姓名
- تاھىرجان
- تۆھپە
- 341
- مۇنبەر پۇلى
- 1972
- ئىشەنىچ
- 341
| ئاشنا ئىزدەش داۋامى(21)
مەن غەمگە چۆككەنسېرى،مېھراي ئاچام ئىككىڭلارنىڭ تۇرمىشى بەخىتكە چۆمۈلۈپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ،ئىچىمدە ئۆزۈممۇ تۇيىمايلا بىر ھەسەت ئوتى يالقۇنجاشقا باشلىدى،يالغۇز مېھراي ئاچامغىلا ئەمەس،شۇ ۋاقىتتا ،ئەتراپىمدا بىر-بىرىگە ئامىراق بولۇپ ياشاۋاتقان بارلىق ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن بىرخىل ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈپ،تۇيغۇلىرىمنى ئاچچىق ھېسلارغا، يامان خېياللارغا باشلاپ قويغان ئېدى. دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە،سىز مېھراي ئاچامنى ئىزدەپ كەلدىڭىز،سىزنىڭ جىددىيلەشكەن تەقى -تۇرقىڭىز ھەم قىياپىتىڭىزدىن،مېھراي ئاچامدىن قانداقتۇر بىر گۇمانلارغا چۆكۈپ،ئېدارىگە كەلگەنلىكىڭىزنى بىلىۋېلىشىم قىيىن ئەمەس ئېدى،سىزنىڭ شۇ قىياپىتىڭىزگە قاراپ،قەلبىمدە قانداقتۇر بىر ئاچچىق خېياللار ئويغۇنۇپ،سىزدە ،ماڭا نىسبەتەن بىر ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ،ئامال بار ،ئۆزۈمنى بىر ئاقكۆڭۈل،ئىشچان ،ساددا سەھرا قىزى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتىم. ئۆيگە قايىتقاندىن كېيىن،ئىچىمدىكى ھەسەت ئوتىغا،دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇش ئالدىدا تۇرغان قورسىقىمدىكى بالامنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى توغرىسىدىكى ئاچچىق خېياللار قوشۇلۇپ ،بىر كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم. ئۆزۈمنىڭ ھەم ئېنىمنىڭ يېتىمچىلىكتە تارتقان دەرت ئەلەملىرىمىز ھەم لاياقەتسىز بىر دادىنىڭ قولىغا قېلىپ ،ئۇچرىغان شۇم تەقدىرىمىزنى ئەسكە ئالساملا ،بالامنىڭمۇ كەلگۈسىدە مۇشۇنداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ ،قاتتىق ئازابلىناتتىم،ئۇيان ئويلاپ،ببۇيان ئويلاپ ،كاللامغا بىر ئامال كەلدى،بىر چالما بېلەن ئىككى پاختەكنى سوققىلى بولىدىغان بۇ ئامالدىن ئكزۈممۇ قەۋەتلا سۆيۈنۈپ كەتتىم،چۈنكى بۇ ئامال بېلەن ،ھەم مېھراي ئاچام بېلەن سىزنى ئايرىۋېتىپ،قەلبىمدىكى ھەسەت تۇيغۇلىرىدىن مۇستەشنا بولالايتتىم ،ھەم سىزنى ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىپ،بالامغا ھەر جەھەتتە لاياقەتلىك بىر دادا تېپىپ بېرەلەيتتىم. بالامغا دادا تېپىپ،قەلبىمدىكى ھەسەتنى پەسەيتىدىغان ئامالنى تېپىپ بولغان بېلەن،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان لاھىيە تاپالماي يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ،ئىشتىن قايتىۋېتىپ،سىزنى ئېدارە دەرۋازىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە كۆرۈپ قالدىم،شۇ ۋاقىتتا مېھراي ئاچاممۇ دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى ،ئويلىمىغان يەردىن،ئۇ سىزنى كۆرمەي ،ھېلىقى قارا ماشنىغا چىقىپ كېتىپ قالدى ،بۇ ئىشلارنى كۆرۈپلا سىزنىڭ چىرايىڭىز تاتىرىپ كەتتى،بايىدىن بېرى ھەممە ئىشنى كۆزۈتۈپ تۇرغاچقا،ئەمدى پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ،ئىزىڭىزغا چۈشتۈم،خۇددى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەكلا سىز مېنى بايقىمىدىڭىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆگىلەپ يۈرۈپ،يەنە بىزنىڭ ئېدارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،ماڭا سىزگە گەپ قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردىڭىز .
بۇرۇن ،مېھراي ئاچامنىڭ ئانچە مۇنچە تېلىفوندا بىر ئايال بېلەن پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالاتتىم،ئېدارىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا ئۇنى بىرسى بېلەن كۆرگىنىممۇ راس ئېدى ،ئۇ ئەركىشى ئەمەس بەلكى،مېھراي ئاچامنىڭ بىر دوستى ئېدى ،شۇنچە يىراقتا تۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئېدى ،قارا ماشنىنىڭ بىر قانچە قېتىم ،مېھراي ئاچامنى ئېلىپ كەتكىنى راس ئېدىيۇ،لېكىن ،بۇرۇن مەن بىر نەچچە قېتىم زەن سېلىپ قاراپ كۈزەتكەن بولساممۇ ،قارا ماشنىدىكى ئەر بېلەن مېھراي ئاچام ئىككىسىدىن ھېچقانداق بىنورمال يېقىنلاشقان ئالامەتلەرنى بايقىيالمىغان ئېدىم. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق،يۇقۇرىدا كۆزەتكەن ئەھۋاللىرىمدىن قوراشتۇرۇپ،ھېلىقى كۈنى ئاخشام،سىزنىڭ گۇمان ئوتلىرىڭىزنى ئۇلغايتىدىغان ھېلىقى ھېكايىلەرنى توقۇپ ،باغلاشتۇردۇم،بۇ ھېكايىلىرىم ئويلىغىنىمدەكلا ئۈنۈم بېرىپ،سىز بىر كېچە مېھراي ئاچامنىڭ يېنىغا كىرمىدىڭىز ،قالغان ئىشلار سىزگە ئايان. ئاراڭلاردىكى زىدىيەتنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى بىلەلمەي تىت-تىت بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ،سىز يەنە مېنى ئىزدەپ كېلىپ،ئۆزىڭىزگە يالغان ئاشنا بولۇپ بېرىشىمنى ئۆتۈندىڭىز،ئاشنا دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دەسلەپتە شۇنداق غەزەپلەنگەن بولساممۇ،بىراق بىر دەپ ئويلانغاندىن كېيىن،سىزگە يالغان ئاشنا بولۇشنىڭ ماڭا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،سىزدىن ھېلىقى ۋەدىنى ئۇستىلىق بىلەن ئېلىۋېلىپ،كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىۋالدىم.
كېيىن ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ،سىز مېھراي ئاچام بېلەن ئاجىرىشىپ كەتمەكچى بولدىڭىز، شۇ ۋاقىتلاردا ،قانچىلىك خۇشال بولۇپ ،ئۈمۈتكە تولغانلىقىمنى سىز بىلمەيسىز،بىراق ،بۇ خۇشاللىقلىرىمنى سىز سولاشتۇردىڭىز، ماڭا بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئۇنتۇپ،مېنى نەزىرىڭىزدىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىۋەتتىڭىز، شۇ ۋاقىتلاردا ۋۇجۇدۇمنى ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئەر تەرىپىدىن ئالدانغاندەك سېزىم قاپلاپ،ئۆزۈمنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ،،ھېلىقى نۇمۇسسىز ئاكاشقا بولغان ئۆچمەنلىكىمنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئىتتىرىپ،تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ،ئىككىڭلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇشقا ئوچۇق-ئاشكارە كۈچەشكە باشلىدىم،دەل شۇ ۋاقىتلاردا ،ئايزىبا ئاچان ئوتتۇرغا چۈشۈپ،مېھراي ئاچامنى ئاقلاپ،سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ،ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى قايتىدىن ئويغۇتۇپ،گۇمان ئوتلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى ،مەنمۇ ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ،ئەمدى سىزنىڭ قەلبىڭىزنى گۇمان بېلەن زەھەرلەشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ،نەزىرىمنى مېھراي ئاچامغا قارىتىپ،ئېدارىدە ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا،سىز بېلەن مېنىڭ مۇناسىۋېتىپ توغرۇلۇق گەپ سۆزلەرنى تارقىتىشقا باشلىدىم. مېنىڭ بۇ ئامالىم،ئۆزۈم ئويلىغاندىنمۇ بەكىرەك ئۈنۈم بېرىپ،ئىككىڭلارنىڭ يارىشىۋېلىشىڭلارغا توسقۇن بولۇشقا باشلىدى،بىراق سىز كاجلىق قىلىپ،جاھللىق بېلەن ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ،مېھراي ئاچام بېلەن يارىشىۋېلىشقا داۋاملىق ئورۇندىڭىز،ھەم مېنى ئىزدەپ كېلىپ،مېھراي ئاچامغا ،ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ بېرىشنى ئۆتۈندىڭىز. مەن يەنە بىر قېتىم ،يەنە بىر ئەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايتتىم ،لېكىن سىزگە ياق دەپ،قەلبىڭىزدە گۇمان قوزغاپ قويغىنىمدىن،سىزنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ تۇرۇپ،مېھراي ئاچامغا ھوجۇم قىلغىنىمنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ،سىزنى ماقۇل دەپ يولغا سېلىۋېتىپ،مېھراي ئاچامغا ھېلىقى خەتنى يازدىم،خەت ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق يېزىلغان ئېدى ،چۈنكى مېھراي ئاچام ،خەتتىكى ۋەقەلىكنىڭ بىر گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە،سىزنىڭ ئۆيگە كىرمىگەنلىكىڭىز ،ھەم مەن بېلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئېدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،سىز مېنى ئۆزىڭىزگە ئاشنا بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىڭىزدىن تېنىۋالالمايتتىڭىز ،ھەم بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاشنىدارچىلىق يالغان دەپ،ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ بولالىشىڭىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئېدى ،چۈنكى رېئاللىقتا ئاشنا دېگەن سۆزنىڭ راست يالغىنى يوق ، مەن بىر ئايال،سىز بىر ئەركەك بولۇش سۈپىتىڭىز بېلەن ،مەن بېلەن قولتۇقلۇشۇپ ماڭغىنىم يالغان ئېدى دەپ،مېھراي ئاچامنىڭ كۆزلىرىنى ئالدىيالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس ،سىز مېنى يالغان ئاشنا بولۇشقا تەكلىپ قىلغان شۇ چاغدىلا ،ئۆزىڭىزنىڭ بىر كىنودا رول ئېلىۋاتقان باش پېرسوناز بولماستىن ،رېئاللىقتا ياشاۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ يېتەلىشىڭىز كېرەك ئېدى .
ئەتىسى كەچ سىز مېنى ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلدىڭىز،مۇئامىلىڭىز شۇنداق ياخشى ،خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا،مېنىڭچە بولغاندا ،سىز ماڭا تېلىفوندا ئاچچىقلىنىشىڭىز، بىر ،ئىككى ھەپتە يالغۇزلۇق تارتىشىڭىز ،ئاندىن مەن سىزنى ئىزدەپ بېرىپ،يالغۇزلۇقتا قالغان قەلبىڭىزگە ھەمرا بولۇپ،ئاستا،ئاستا، يۈرىكىڭىزنى ئىللىتىشىم كېرەك ئېدى ،مېنى بۇنچىلىك تېز ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلغانلىقىڭىزدىن ،قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى تۇيۇغاندەك بولۇپ،ئالاھىدە تەييارلىق بېلەن ،يېنىڭىزغا باردىم.
ئويلىغىنىمدەكلا،مەن ئىككى ئېغىز گەپنى باشلا،باشلىماستىنلا،ئىچكىرىكى ئۆيدىن مېھراي ئاچامنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان بوشقىنە ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم-دە،تېخىمۇ قېتىپ تۇرۇپ،سىزنى قارىلاشقا باشلىدىم،پېلانلىرىم،ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكىرەك ئۈنۈم بېرىپ،مېھراي ئاچام مەن كەتمەي تۇرۇپلا يۈزىڭىزگە بىر تەستەك سېلىۋېتىپ چىقىپ كەتتى ،قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن سىز مەندىنمۇ بەكىرەك خەۋەردارسىز . شۇنداق قىلىپ،مېھراي ئاچام بىلەن سىز ئاجىرىشىپ كەتتىڭىز،ئەسلىدە ،بىر ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ، سىز تازا يالغۇزلۇق تارتقان چاغدا ،سىزنى يېنىمغا تارتقماقىچى بولغان ئېدىم،بىراق ،نەچچە كۈن ئۆتمەي تۇرۇپلا،ئايزىبا ئاچام ئىزدەپ كېلىپ،ماڭا ھېلىقى شۇم خەۋەرنى يەتكۈزدى،ئۇنىڭغا ئويلۇشۇپ باقاي دەپ قاۋاب بېرىپ قايتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ،ئېنتايىن كۆپ ئويلۇنۇپ،ئاندىن بۇ يەرگە كەلدىم.
مېنىڭچە بولغاندا،قانداق كېسەل بولسىڭىزمۇ ،پەرۋايىم پەلەك دەپ ياشاۋېرەتتىم چۈنكى ھازىر ماڭا نىسبەتەن ئەر كىشى دېگەن خۇددى بىر ئائىلە بۇيۇمىغا ئوخشاشلا تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغان،شۇڭا،يېنىڭىزغا ماقۇل ،دېيىش نېيتىدە كەلگەن ئېدىم،بىراق يولدا كەلگۈچە،شۇنچىۋالا قىلغان ئىشىمنىڭ ھەممىسىنىڭ قورسىقىمدىكى بالام ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ،كەلگۈسىدە ،نارىسىدە بالامنىڭ دادىسى ئاقكېسەل دەپ كەمسىتىلىشىدىن ،ھەم قىزلارنىڭ ئېرسىيەت بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپالماي،تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىدن ئەنسىرەپ بۇ نېيىتىمدىن يەنە يېنىۋالدىم.
مېنى تىللىسىڭزمۇ،ئۇرسىڭىزمۇ مەيلى،مەن چىدايمەن، چۈنكى بۇ ئىشلار مەن ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس،مەن بالامنى دەپ،شۇنچە يالغانلارنى راس قىلالىغان ئىكەنمەن، يەنە ئۇنى دەپ،بۇ تاياق ھاقارەتلەرگىمۇ چىدىيالايمەن. مېنىڭ ھېكايەم تۈگىدى،مەن سىزگە.مېنى كەچۈرۈڭ دېمەيمەن،ھەم سىزنىڭ كەچۈرىشىڭىزگىمۇ مۇھتاج ئەمەسمەن ،سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز قىلدىڭىز، بېشىڭىزغا بالانى چىللاپ ئەكەلدىڭىز، سىزگە دېسەم ،سىز دۇنيادىكى ئەڭ لاياقەتسىز ئەر ئەمەس،لېكىن ئەڭ ھاماقەت ئەر ئىكەنسىز. مېنىڭ ھازىر ئۆزۈمنى بىردىنبىر يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدىغان ئادىمىم،دەل-مېھراي ئاچام،چۈنكى ئۇ پۈتۈنلەي گۇناھسىز تۇرۇپ،مۇشۇنداق شۇم قىسمەتلەرگە ئۇچىرىدى،مۋنىڭ سەۋەبىمدىن قەلبى ئازار يېدى ،ئائىلىسى بۇزۇلدى،مەن ھازىرلا ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن،ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋاللارنى ئېيتىمەن ،ئۇ مېنى قانداق جازالىسا ،ھەتتا تۈرمىگە سولتىۋەتسىمۇ مەن رازى ،مەيلى ھەقلىق بولۇڭ،ياكى ناھەق بولۇڭ،ئاخىرقى ھېسابتا،بۇ مېنىڭ سىزدىن كەچۈرۈم سورىغۇنۇم بولۇپ قالسۇن،خوش ئاكا مەن كەتتىم. ئالىيە سۆزىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
-ئالىيە-بايىدىن بېرى جىمجىت ئولتۇرۇپ،ئالىيەنىڭ ھېكايىسىنى باشتىن ئاياغ ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ،ھېكايە ئاخىرلاشقۇچە نەچچە قېتىم گەپ قىستۇرغۇم كەلگەن بولسىمۇ ،باشتىكى ۋەدەم بويىنچە ئاغزىمنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان بولساممۇ ،ئۇنىڭ سۆى تۈگىگەن چاغدا ھېچنىمە دېيەلمەي ،ئۇنىڭ ئىسمىنى بوشقىنە ئاۋازدا چاقىرىپ،نېمە دېيىشىمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. -ھە-ئالىيە كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى. -مېنى كەچۈرۈڭ-ئۇنىڭدىن نېمىشقا كەچۈرۈپ سورايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم،لېكىن ،قىلىدىغانغا بۇنىڭدىن باشقا گەپ تاپالمىدىم. -خوش،-ئالىيە شۇنداق دەپ ئىشىككە قولىنى ئۇزىتىپ،يەنە كەينىگە بۇرالدى -سىزگە مەندىن نەسىھەت بولۇپ قالسۇن ئاكا،ئەمدى بۇنداق ئەخمەقلىق قىلماڭ،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئايالنىڭ ھېسىياتى بېلەن ئويناشماڭ،بولمىسا راستىنلا يالغۇز قالىسىز ،مەڭگۈ يالغۇز قالىسىز,ھەراس،ھېلىقى ئەركىشىنى نېمىشقا ئىسمىنى چاقىرماي،ئاكاش دەپلا چۈشەندۈرگىنىمگە قىزىقىۋاتقانسىز بەلكىم،سىزگە بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرەي،چۈنكى ئۇ مەن چىن قەلبىمدىن سۆيىدىغان ئادەم ،ئۇ مەيلى ئەسكى بولسۇن،ياكى ياخشى بولسۇن،ئۇنىڭ ئەسكىلىكىنى دۇنياغا نامايەن قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ ،شۇڭا سىزمۇ خاتىرجەم بولۇڭ،مېھراي ئاچاممۇ سىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ...............................
|
|