- تىزىملاتقان
- 2012-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-27
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2449
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
 
- 真实姓名
- تاھىرجان
- تۆھپە
- 341
- مۇنبەر پۇلى
- 1972
- ئىشەنىچ
- 341
| ئاشنا ئىزدەش داۋامى(12
سىڭلىم بۇ سىز شۇمۇ؟-بىردەم داڭ قېتىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن،بۇ چىرايلىق قىزنى باغرىمغا مەھكەم بېسىپ،ساپسېرىق چاچلىرىنى ،مېھىرلىك قوللۇرۇم بىلەن سىلىدىم.
ئادەم دېگەن ئاجايىپ نەرسە،بەزىلەرنى كۆزىڭىز بېلەن تونۇسىڭىزمۇ ، يۈرۈكىڭىز تونۇيالمايدۇ،ئەمما بەزىلەرنى دۇنيانى كۆرگەن كۆزىڭىز بېلەن ئەمەس بەلكى ،قەلىب كۆزلىرىڭىز بېلەنلا تونۇيالايسىز.
-ھەئە ،مەن شۇ ئاكا،مېنى تېخىچە ئۇنتۇپ قالمىدىڭىزمۇ؟-ئۇ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ئەخمەق قىز،سىزنى قانداقسىگە ئۇنتۇپ قالغۇدەكمەن،سىز دىگەن مېنىڭ قېرىندىشىم،يۈرەك-پارەم تۇرسىڭىز؟-قىزدىن ئاجىراپ،ئۇنىڭ تېخىچە ئۆينىڭ سىرتىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ،ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ،ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدىم-ئۆيگە كىرىڭ سىڭلىم،ئۆيگە كىرىڭ.
-مېنى قانداق تاپتىڭىز سىڭلىم-سىڭلىمنى ئۆيگە باشلاپ،بىر-بىرىمىزگە ئېسىلىشىپ،خېلى ئۇزاق يىغا زارە قىلىشقاندىن كېيىن،چاي دەملەپ كىرىپ،پىيالىگە قۇيغاچ سۆز باشلىدىم-ئانام ئىككىڭلارنى ئىزدەۋاتقىنىمغا خېلى ئۇزاق بولدى ،لېكىن پەقەتلا تاپالمىدىم،مۇشۇ كۈنلەردە بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلارنى ئۆتكۈزۈپتىمەن،بۈگۈنكىدەك جېنىمدىن تويۇپ،دۇنيادىن ،ئىنسانلاردىن ئۈمۈدسىزلىنىۋاتقان كۈنلىرىمدە،ياراتقان ئېگەم،ماڭا تەسەللىي ئۈچۈن سىزنى ئەۋەتىپتۇ،بىزنى ئۇچراشتۇرغان ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر.
-ئاكا،بېشىڭىزغا كەلگەن ھەممە ئىشلاردىن بۈگۈن خەۋەر تاپتىم-دېدى سىڭلىم سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،يەنە بىر قېتىم ئېسەدەپ يىغلىغىنىچە -خەۋەر تاپقاندىندىن كېيىنلا سىزنى ئىزدەپ كېلىشىم .
-ئايزىبا،سىز نېمىلەرنى دەۋاتىسىز،پەقەت چۈشەنمىدىمغۇ،سىز قانداقسىگە ؟-ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم.
-ئاكا،دەپ كەلسەم،گەپ بەك جىق،بۇ ئىشلارنى سىزگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ،ئانام مېنى ئېلىپ،ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن شۇ كۈندىن باشلاپ،سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
-مەنمۇ،شۇ ئىشلارنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ كېلىۋاتىمەن سىڭلىم،15 يىلدىن بېرى ئۇخلىسام چۈشۈمدە،ئويغانسام ،خېيالىمدا،ئانام ئىككىڭلار،نەچچە قېتىملاپ،ئانامنى چۈشلۈرۈمدە كۆرۈپ،چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىمەن،ئىشىنەمسىز سىڭلىم،مەن ھازىر چوپچوڭ ئەركىشى بولۇپ بولغان تۇرۇقلۇق،ھازىرمۇ كېچىلەردە ئانام ئىككىڭلارنى چۈشەپ،قارا بېسىپ ئويغۇنۇپ كېتىمەن،سۆزلەڭ سىڭلىم،سۆزلەڭ،مېنى 15 يىلدىن بېرى قىيناۋاتقان ھېجىراننىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تاپاي،سۆزلەڭ.
-مەن سۆزلەيمەن ئاكا،بۈگۈن سۆزلىگىنى كەلدىم-دېدى ئايزىبا سۆز باشلاپ-لېكىن سىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىدىيەڭىزدە تەييارلىق بولىشى كېرەك.
-خاتىرجەم بولۇڭ،سىڭلىم،مەن نۇرغۇن ئىسسىق -سوغاقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم،ئەڭ رەھىمسىز رېئاللىقلارنى ئاڭلاشقىمۇ ،ئېدىيەمدە تەييارلىق بار.
-ئۇنداق بولسا،مەن سۆزلەي سىز ئاڭلاڭ ئاكا-ئايزىبا مېنىڭ ۋەدەمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇپ،سۆز باشلىدى-ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك،ئانام ئىككىمىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە،مەن تېخى 6 ياشقىمۇ توشمىغان ئېدىم،ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنىڭ زادى نېمىلىكىنىمۇ چۈشەنمەيتتىم،شۇ كۈنى ئەتىگەن ئانام مېنى ئويغۇتۇپ،بازارغا ئاپىرىمەن دېگەنلىكى ،سىزنىڭ بېشىڭىدا ئولتۇرۇپ،ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا كۆز يېشى قىلغىنى،ئىككىمىزنىڭ،بىر ئۇزۇن ئاپتۇبۇسقا چىقىپ،شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ،بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمىز، چالا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
بىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن دەسلەپكى چاغلاردا،ئانام نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتتى،مەن كىچىك بولغاچقا ،ئانامنىڭ جاپالىرىنى چۈشەنمەي،داۋاملىق ئۆيگە قايتىمەن،ئاكامنى كۆرگۈم كەلدى -دەپ يىغا-زارە قىلاتتىم،ئانامنىڭ پۇل تاپمىقىنى قانچىلىك تەسلىكىنى بىلمىگەچكەن،كۆزۈمگە نېمە چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلاتتىم.
مەن يەتتە ياشقا توشقان يىلى قاتتىق ئاغرىپ قالدىم،دوختۇرلار ھەتتا مېنى-ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن -دېدى ،ئانام دوختۇرلارغا يىغلاپ،يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ،مېنى ياتاققا ئالدۇردى،مەن ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم،قىلىنىۋاتقان ھەممە گەپ-سۆزلەر ماڭا خۇددى بىر چۈشتەك بىلىنەتتى .
ساقايغان چېغىمدا،ئانام،ئۆزىدىن خېلى چوڭ بىر داداش بىلەن كېلىپ،مېنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىپ،يوغان بىر داچا ئۆيگە باشلاپ كەلدى.مەن زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيتتىم.لېكىن ئانامنىڭ شۇ چاغدا ماڭا:
-قىزىم،بىز ئەمدى مۇشۇ ئۆيدە ياشايمىز،ئاۋۇ داداش بۇندىن كېيىن سىزنىڭ دادىڭىز بولىدۇ،ئۇنىڭغا ئاكىڭىز توغرۇلۇق ھېچقانداق گەل قىلماڭ،دادىڭىز توغرۇلۇقمۇ ھېچقانداق گەپ قىلماڭ،سوراپ قالسا ،دادام ئۆلۈپ كەتكەن دەڭ-بولمىسا ،ئۇ بىزنى ،بۇرۇنقى دادىڭىزدەك ئۇرۇپ،ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ،بولامدۇ قىزىم -دېگەنلىكى ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ،مەن ئانام ئىككىمىزنىڭ ئازاب تارتماسلىقىمىز ئۈچۈن،ئۇ ئادەمنى -دادا -دەپ چاقىرىشقا باشلىدىم،دادام ئىككىڭلار توغرۇلۇق ھېچكىمگە ،ھېچقانداق گەپ قىلمىدىم،ئۇ داداممۇ ماڭا شۇنداق ئامىراق بولۇپ،ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.
بىراق،مېنىڭ بىر ئۆگەي ئاكام بار ئىدى،ئۇ مېنى بەكلا بوزەك قىلاتتى،ئۆگەي دادامنىڭ كۆڭلى ياخشى بولغاچقا ،ھەر قېتىم ماڭا بولۇشۇپ،ئۇنىڭغا تەربىيە بېرەتتى،ئۆگەي ئاكام،دادامغا ھېچنىمەي دېيەلمەي،ئاچچىقىنى ئانامدىن چىقىرىپ،ئۇنىڭغا ئەسكىلىك قىلاتتى،ئانام ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ،يالغان ياۋىداق گەپلەر بېلەن دادامغا چېقىشتۇراتتى. كىچىك چاغلىرىمدا ئانامنىڭ نېمىشقا بۇ ئازابلارغا چىداپ،بۇ ئۆيدە ياشايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم،ئۇنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ يىغلىغان چاغلىرىدا،نېمىشقا ئۆيگە قايتىپ كەتمەيمىز -دەپ سورايتتىم.
بىراق بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى چوڭ بولغاندىن كېيىن،ئۆگەي ئاكامدىن ئاڭلاپ،ئاندىن بىلدىم،ئەسلىدە ئانام،مەن ئاغرىپ قالغان ھېلىقى چاغدا،مېنى داۋالىتدىغان پۇلنى ھەل قىلىش بەدىلىگە ئۆگەي دادامغا ياتلىق بولغان ئىكەن،ئۇ مېنى جاپا تارتقۇزماسلىق ئۈچۈن شۇ ئازابلارغا چىداپتىكەن.
بەلكىم سىز،ئانام،باي ئەرگە تېگىپ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ،دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،بىراق ئۇنداق ئەمەس،ئانامنىڭ قانچىلىغان كېچىلەرنى سىزنى سېبىنىش بىلەن ئويقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىكىگە،تالاي قېتىملاپ،سىزنى سېبىنىپ،يالغۇز ئولتۇرۇپ يوشۇرۇنچە ياش تۆككەنلىكىگە ،مانا مەن گۇۋاھ،بىراق ،ئۇ مەن ئۈچۈن،مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن،بۇ ھېجىرانغا چىداشقا مەجبۇر ئىدى.بۇلارنى مەنمۇ ناھايىتى كېچىكىپ چۈشۈنۈپ يەتتىم.
ئانامنىڭ شۇ كۆز ياشلىرى ھەم ئازابى بەدىلىگە،ئۆگەي دادام ،ماڭا داىلىق مېھرىنى بەردى ،مېنى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتتى،يەنە مېنى ئۆزۈمدىن 10 ياش چوڭ ئۆگەي ئاكامغا ياتلىق قىلدى،شۇ چاغدا ئۆزۈم ئاكام دەپ بىلىدىغان بىرىگە مېنى ياتلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن،ئۆگەي دادامغا بەكلا ئۆچلۈكۈم كەلگەن ئېدى،ھەم بۇ تويغا بارلىق كۈچۈم بىلەن قارشى تۇرغان ئىدىم،بىر كۈنى ئۆگەي دادام مېنى يېنىغا چاقىرىپ،-قىزىم،مەن سىزنى 7 يېشىڭىزدىن باشلاپ ،بېقىپ چوڭ قىلدىم،سىزنى ھېچقاچان ئۆگەي قىزىمدەك كۆرۈپ باقمىدىم،ئۆز قىزىمدەكلا كۆرۈپ كەلدىم،ئالىمنىڭ،خۇي -پەيلى سىزگىمۇ بەش قولدەك ئايان،ئۇنىڭ مىجەزى چۇس،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىڭىز ئىككىڭلارغا بەكلا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ،بەلكىم ،سىز ،مېنىڭ سىزنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ،كۆڭلۈڭۈزدە ماڭا ئۆچ بولۇۋاتقانسىز،مېنىڭمۇ،بۇنداق ئىشنى قىلغۇم يوق،بىراق ئانىڭىز ئىككىڭلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپلا مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن،سىزغۇ قىزبالا،ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرىگە ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتسىڭىزلا ھەممىدىن قۇتۇلىسىز ،بىراق ئانىڭىزچۇ؟مەندىن كېيىن قالسا ،ئۇنىڭ،ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىغانلىقىغا پەقەتلا كۆزۈم يەتمەيدۇ،ھەم مەندىن كېيىن،سىلەرنىڭ مىراس ماجىراسىغا پېتىپ قېلىشىڭلارنى تېخىمۇ خالىمايمەن،قىزىم،مېنى نېمە دەپ تىللىسىڭىز مەيلى،لېكىن ،بۇ تويغا قوشۇلۇڭ،بۇ ئالىمنى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىنبىر يول-دەپ ماڭا خېلى ئۇزۇن خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن،مەنمۇ بۇ تويغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
بىز توي قىلغاندىن كېيىن،خۇددى ئۆگەي دادامنىڭ دېگىنىدەكلا،ئالىمدە خېلى كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى،بۇ ئۆزگىرىشلەر،مېنىڭ قەلبىمدىمۇ،ئاستا-ئاستا مۇھەببەت پەيدا قىلىپ،ئانام ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمدۈردى.بىراق،ئانام،يەنىلا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى،ئۇ سىزنى قانچىلىك سېغىنىشىدىن قەتئىينەزەر،مېنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنى بۇزۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن چىداپ كەلدى.
مەن بېخەۋەر،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ،ئانام باشقىلاردىن سىزنىڭ بىزنى ئىزدەپ،ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىڭىزدىن خەۋەر تېپىپتۇ،بىز ئىسىمىمىزنى ئۆزگەرتىپ باشقا سالاھىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ،سىزنىڭ بىزنى ئىزدەپ تاپالىشىڭىز ئاسان ئەمەستى،ئانام باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ،بار يېرىڭىزنى تېپىپ،نەچچە قېتىملاپ،سىزگە يىراقتىن قاراپ،ئىزىلگەن قەلبىگە تەسەللىي ئىزدەپتۇ،تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ،ئۇزاق يىلدىن بېرى يىغقان،دەپە-دۇنيالىرىنى يىغىش قىلىپ،سىزگە ھېلىقى ماشنىنى ئېجارە ئېلىپ بېرىپ،تاكسىي شىركەت خوجايىنىدىن ،بۇ ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ،سىز ھادىسىگە يولۇقۇپ،ھوشىسىز ياتقان چاغلىرىڭىزدا،ئۇ نەچچە قېتىم يېنىڭىزغا بېرىپ،كۆرۈپ كەپتۇ،مېھراي ئاچام بىلەنمۇ شۇ چاغدا تونۇشۇپ قاپتىكەن،ھەم ئۇنىڭدىن بۇ ئىشلارنى سىر تۇتۇشنى قايتا-قايتا ئۆتۈنۈپتىكەن،شۇڭا ئۇمۇ سىزدىن بۇ ئىشلارنى زورىغا پىنھان تۇتۇپ كەلدى،كېيىن سىز دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن،ئانام تاكسىي شىركىتىگە تۆلەملەرنى تۆلەپ،سىزنىڭ ھازىقرى دۇكىنىڭىزنى ،شۇ خوجايىن ئارقىلىق قولىڭىزغا بېرىپ،سىزگە يەنە بىر چىقىش يولى يارىتىپ بەردى.
ئەسلىدە ئانام،مۇۋاپىق پەيىتنى تېپىپ،ئۆگەي دادامغا ئېيتىپ،ئاندىن سىزنى ئىزدىمەكچى بولغان ئىدى،بىراق،ئۆگەي دادامنىڭ ئانامنىڭ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ئالداپ كەلگەنلىكىنى بىلسە ،مېنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنىڭ بەربات بولۇشىدىن ئەنسىرەپ،جۈرئەت قىلالماي كەلدى.
يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك،ئانام سىزنىڭ ئىشىڭىزنى دادامغا ئېيتىشقا پۇرسەت تاپالماي يۈرگەن شۇ كۈنلەردە،ئۆيىمىزدە ئۇشتۇمتۇت ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ،دادام بېلەن ئانام كۆيۈپ زەخمىلىنىپ،ئۆگەي دادامنىڭ يېشى بەكلا چوڭ بولغاچقا بەرداشلىق بېرەلمەي ،ئۆلۈپ كەتتى،ئانامنىڭ ھەممە يېرى كۆيۈپ يارىلانغاچقا ھەتتا چىرايىنىمۇ تونغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى-ئايزىبا مۇشۇ گەپلارنى قىلىۋاتقان چاغلىرىدا،مەنمۇ ئۇمۇ يىغلاپ،ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي قالدۇق،ئۇ بىر پەس توختىلىۋالغاندىن كېيىن،يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-ئانام ھەر كۈنى كۆيۈك ئازابىدا تولغانغان چاغلىرىدا -جېنىم بالام،ئەنۋەر بالام،ھاياتىڭنى كۆيدۈرگەنتىم بالام،مانا مەنمۇ كۆيدۈمغۇ بالام،-دەپ توختىماي يىغلايتتى،بىر قېتىممۇ ۋايجان دەپ باقمايتتى،مەن مېھراي ئاچامنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتىم،ئۇ ئانام يارىلانغان شۇ كۈندىن باشلاپ،ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىپ،ئانامنى يوقلاپ،ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇپ،مەن قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەردى،ھەر قېتىم ھەيران بولۇپ،ئۇنىڭدىن سىز كىم دەپ سورىغىنىمدا،ئۇ ماڭا،مەن ئانىڭىزنى قىزى،ئۇ ماڭا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان،شۇڭا ،ئۇمۇ مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش -دەپ جاۋاب بېرەتتى.بۇنى ئاڭلاپ شۇنداق دىلىم سۆيۈنۈپ كېتەتتى.
ئەسلىدە،مېھراي ئاچام،ئانامنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلگەن شۇ چاغدىلا سىزنى باشلاپ بارماقچى بوپتىكەن،بىراق،ئانامنىڭ سىزگە بۇ ھالىنى كۆرسەتكۈسى كەلمەي،ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ئۆتۈنۈپتۇ،ئەگەر،سىزگە دەيدىغان بولسا،ئۇنىڭدىن ھەر ئىككىلى دۇنيادا نارازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،سىزگە بۇ ئىشلارنى دېمەسلىككە قاتتىق ۋەدە ئاپتۇ.
تۆنۈگۈن ئاخشام ،شوپۇرىمىز ھەر كۈنكىدەك،مېھراي ھەدەمنى ئېلىپ كەلگەندە،ئۇنىڭ چىرايىدا بىر بىنورماللىقنى سېزىپ،ئۇ مەن بېلەن سالاملىشىپ بولۇپ،ئانامنىڭ ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتكەنىن كېيىن،ئارقىسىدىن بېرىپ،ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىدىم.
مېھراي ئاچام يىغلاپ تۇرۇپ،سەندىن ئاجىرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى،ئانام چىداپ تۇرۇشنى،ئاجىراشماسلىقنى ئۆتۈندى،ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى كۆپ تالاشتى،مەن بۇ تالاش-تارتىشلارنى ئاڭلاپ،پەرەز قىلىپ،ساڭا باغلىنىشلىقتەك ھىس قىلدىم،شۇنىڭ بىلەن نەق مەيدانغا كىرىپ،ئانام بىلەن مېھراي ئاچامدىن سوراپ،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر تاپتىم.
ئاكا،سېنىڭ مېھراي ئاچامدەك ياخشى قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭنى پەقەتلا خالىمايمەن،ئانامدىن ئاغرىنىپ يۈرىشىڭنى تېخىمۇ خالىمايمەن،ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە،ئانام ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋالغان،مەندەك شۇم پېشانە سىڭلىڭدىن ئاغرىنغىن،مېنى تىللىغىن،ھەممە دەردىڭنى مەندىن ئالغىن،بىلەمسەن،ئانام بېچارە سېنى كۆرۈشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ،بىراق،ساق ۋاقتىمدا باقالمىغان بالامنى،كېسەل ۋاقتىمدا باقتۇرۇشقا مېنىڭ نەدە يۈزۈم،دەپ ،تېخىچە سېنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىشىڭنى خالىمايۋاتىدۇ،مېھراي ئاچامدىن ئاڭلىدىم،سەن بىر قىز بىلەن تېپىشىۋاپسەن،تېخى بىر كېچە ئۆيگە كىرمەي،ئەتىسى ئۇ قىزنى مېھراي ئاچامنىڭ كۆز ئالدىدىلا قولتۇقلاپ مېڭىپسەن،يەنە تېخى بىزنىڭ شوپۇرىمىزنى مېھراي ئاچامنىڭ ئاشنىسى دەپ گۇمانلىنىپ،ئۇنى ھاقارەتلەپسەن،مېھراي ئاچام بۇ ئەلەملەرگە چىدىيالماي سەندىن ئاجىراشماقچى بولۇۋېتىپتۇ.
ساڭا دەپ قوياي ئاكا،سەن ھەرقانچە ئىزدىسەڭمۇ،ئەمدى مېھراي ئاچامدەكتىن يەنە بىرنى تاپالمايسەن،سەن بىلمەيسەن،ئانام يېتىپ قالغان نەچچە ئايدىن بېرى،ئۇ ئانامغا ئۆز قىزىدەكلا ياخشى قارىدى،ھالىدىن خەۋەر ئالدى،كۈندە نەچچە قېتىپ،تېلىفون قىلىپ،ئۇچۇر يوللاپ،ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى،ھەتتا سەن ئۇنىغا شۇنچىۋالا يۈزسىزلىك قىلساڭمۇ،ئۇ يەنە كېلىپ،ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ،ئاكا،سەن مۇشۇنداق ياخشى ئايالغا ئېرىشكىنىڭدىن خۇشال بولماقتا يوق،يەنە ئۇنىغا يۈزسىزلىك قىپسەن،بۇنداق قىلساڭ،بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغان شۇ دادىمىزدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن بولمامسەن،بىزنى كەچۈرمىسەڭ مەيلى ،لېكىن مېھراي ئاچامغا بۇنداق يۈزسىزلىك قىلساڭ بولمايدۇ،ئاكا.
مەن بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپلا ،ئانام بىلەن مېھراي ئاچامنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماستىن يېنىڭغا كەلدىم،قالغان ئىشلارنى ئۆزۈڭ ئويلۇشۇپ قىلغايسەن،لېكىن ساڭا دەپ قوياي،بۇ دۇنيادا ،سېنى ئانامدىن قالسىلا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال-مېھراي ئاچام،شۇنى بىلساڭلا بولدى.-ئايزىبا سۆزدىن توختىغان چاغدا ،كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلار،ئاپئاق كۆڭلۈكۈمنىڭ ياقىسىنى ئاللىقاچان ،سۇغا چىلىغاندەك ھۆل قىلىپ بولغان ئېدى....
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ......................... |
|