ئاشنا ئىزدەش داۋامى (18) -ئاكا نېمە بولدىڭىز-ئايزىبا مېنىڭ يىغلىغان ئاۋازىمنى ئاڭلاپ،ماڭا قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى-نېمىشقا يىغلايسىز،ئانام يادىڭىزغا كېلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ -ياق سىڭلىم-ماڭا يۆلىنىشكە تېگىشلىك بولغان بىر ئاجىزەگە ،كۆز يېشىمنى كۆرسىتىپ يۈرگەنلىكىمدىن نومۇس قىلدىم بولغاي دەرھال يىغىدىن توختىدىم-مەن بەك شورپېشانە ئادەمكەنمەن،نېمىشقىمۇ بۇ دۇنياغا تۆرۈلۈپ قالغان بولغۇيتۇم. -ئۇنداق دېمەڭ ئاكا،سىز ھازىر نەدە،مەن ھازىرلا يېنىڭىزغا باراي-يىغىدىن توختىغان بېلەن،ئىچىمگە پاتمايۋاتقان بىر ئېغىز گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرىپ سالغىنىم ئۈچۈن،ئايزىبا مەندىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. -مەن ھازىر ئۆيگە ماڭدىم،سىزمۇ ئۆيگە كېلىڭ سىڭلىم-كۆرۈشمىگىلى بىر نەچچە كۈن بولغاچقىمۇ ،مەنمۇ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر قېرىندىشىمنى خېلىلا سېغىنىپ قالغان ئىدىم،شۇڭا ئۇنى ئۇدۇللا ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋېتىپ،ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.-ئاكا كەلدىڭىزمۇ؟-مەن كەلگەن ۋاقىتتا ئايزىبا ئاللىقاچان كېلىپ،ئۆينىڭ ئالدىدا مېنىڭ كېلىشىمنى ساقلاپ تۇرغان ئېدى.
-ھەئە-مەن شۇنداق دەۋېتىپ ،ئىشىكنى ئاچتىم،ئاچتىم-يۇ،ئۆيگە قەدەم بېسىپلا ،نۇمۇستىن يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكۈدەكلا بولدۇم،چۈنكى مەندەك خوتۇنسىز بىر بويتاقنىڭ تۇرغان ئۆيى ،يەنە قانچىلىك بولماقچى ئېدى؟ھەممە يەردە چېچىلىپ يۈرگەن كېيىم-كېچەكلەر،لۆڭگۈلەر،نەچچە كۈننىڭ ياقى بىر قېتىممۇ يىغىلىپ باقمىغان داستىخان،سۈرتىلمىگنىگە ئۇزاق بولغاچقا،داغلىشىپ كەتكەن ،ئاشخانا سايمانلىرى ،ھەم مېھمانخانا ئۆيدىكى كىرىسلو،تاماق شىرەلىرى،بۇ نەرسىلەرگە كۆزۈم چۈشىشى بېلەنلا،خۇددى ،مەن كۆزۈمنى يۇمۇۋالساملا،ئايزىبامۇ بۇ نەرسىلەرنى كۆرمەيدىغاندەك،كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم. كۆزۈمنى ئاچقان چېغىمدا بولسا ،ئايزىبا ئاللىقاچان مېنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىمنى يىغۇشتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ئېدى. ئايال كىشى بار ئۆي نېمە دېگەن ئىللىق ھە؟نەچچە چاقىتتىن بۇيان ،مېھرايدىن گۇمانلىنىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ،ئۇنىڭ بۇ ئائىلىدىكى رولىنىڭ ،بۇ قەدەر مۇھىملىقىنى ،خېيالىمغا كەلتۈرۈپ باقماپتىمەن،مانا ئەمدىلىكتە،ئايزىبانىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ،ئىشقا كىرىشكەن تۇرقىغا قاراپ،مېھراينىڭ ،بۇرۇن،ئۆي تازلىغان كىر يۇيغان ،تاماق ئەتكەن،كىيىملىرىمنى دەزماللاپ،كېيىمىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ ،دەپ ،كۈلۈپ تۇرغان،ئايىغىمنى سۈرتىۋاتقان ،ھالەتلىرىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ،كۆزلىرىمدىن ئىخىتيارسىز ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى . -ئاكا نېمە تاماق يەيسىز ؟مەن سىز گە تاماق ئېتىپ بېرەي-ئايزىبا بىردەمدىلا ئۆي ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى يىغۇشتۇرۇپ بولۇپ،يېنىمغا كېلىپ،مەندىن سورىدى. -بولدى سىڭلىم،تاماق گېلىمدىن ئۆتمەيدۇ ھازىر،ھېلىمۇ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم .سىزمۇ كېلىپ ئولتۇرۇڭ،ئاكا-سىڭىل ئىككىمىز بىردەم مۇڭدىشايلى. -ياق ئاكا،گېلىڭىزدىن ئۆتمىسىمۇ ،زورلاپ يېمىسىڭىز بولمايدۇ،ئاۋال تائام ئاندىن كالام،دەپتىكەن،ئاۋال سىزگە تاماق ئېتىپ بېرەي ،ئاندىن ،قانچىلىك دېسىڭىز شۇنچىلىك مۇڭدىشايلى . ئايزىبانىڭ قارشىلىقىغا ئامالسىز قېلىپ،ئۇزۇندىن بۇيان يەپ باقمىغان ،ئۆي لەغمىنىنى يىگۈم بارلىقىنى ئېيتىپ ،ئۇنىڭ بالدۇرراق تاماقنى پۇشۇرۇپ،ئېلىپ چىقىپ،مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. ئايزىبا بىردەمدىلا ،ئوخشىغان بىر تەخسە لەغمەننى كۆتۈرۈپ چىقتى ،نېمىشقىكىن ،ئۇنىڭ ئەتكەن بۇ تامىقى ماڭا خۇددى رەھمەتلىك ئانامنىڭ بالا ۋاقىتلىرىمدا ئېتىپ بېرىدىغان ،تەملىك لەغمەنلىرىدەك تېتىپ،ئىشتىھايىم يوق بولسىمۇ،بىر تەخسە لەغمەننى بىردەمدىلا يەپ بولدۇم. -ئاكا،كۆزلىرىڭىزدىن ئېغىر بىر غەمنى كۆرۈۋاتىمەن،قانداق غېمىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىڭ ،ئىچىڭىزدىكى دەردىڭىزنى ماڭا تۆكۈۋالسىڭىز باشقىچە يېنىكلەپ قالىسىز -دېدى ئايزىبا،تاماقتىن كېيىن،ئاشخانىغا كىرىپ،قاچا-قۇچىللىرىنى يىغۇشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن،يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ. -سىڭلىم،بەلكىم سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز باردۇر-قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمەي بىردەم،سۈكۈتتە ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن،تەستە گەپ باشلىدىم -تۆنۈگۈن مېھراي ئاچىڭىز ئىككىمىز ئاجىرىشىپ كەتتۇق. -ئاجىرىشىپ كەتتۇق ؟-ئايزىبا بۇ سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى -ئاكا ،مۇشۇنداق مۇھىم ئىشنى ماڭا مەسلىھەت سالمىغىنىڭىز نېمىسى،نېمىشقا بۇنداق يەڭگىلتەكلىك قىلغانسىز،ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ،مېھراي ئاچامغا يول قويسىڭىز بولاتتىغۇ،ئۇنىڭ قانچىلىك ياخشى ئايال ئىكەنلىكىنى مەن سىزگە دېمىسەممۇ سىز ئوبدان بىلەتتىڭىزغۇ؟ ئايزىبانىڭ ئەيىبلەشلىرى ھەقلىق ئېدى،چۈنكى ،مەن ئۇنىڭمۇ،مېھرايدەك ،ئالىيەنىڭ يالغان ياۋىداق سۆزلىرىگە ئىشىنىپ،مېنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمغا داغ يېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم،چۈنكى ،ئايزىبا ئىككىمىز بىر قورساق ئاكا-سىڭىل بولساقمۇ،بىر ئۆيدە ياشىمىغىنىمىزغا ئۇزۇن بولغان بولغاچقا،ئۇنىڭ ماڭا قانچىلىك ئىشىنىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيتتتىم. -سىڭلىم،سىزگە چۈشەندۈرەي ،سىز ھېچنىمە دېمەي مېنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئاڭلاڭ،ئاندىن مېنى ئەيىبلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز -مەن شۇنداق دېگەندىن كېيىن،مېھراي ئىككىمىزنىڭ ئارىمىز بۇزۇلۇشقا سەۋەبچى بولغان گۇمانلىق كۈنلەردىن ،بۈگۈنگىچە بولغان ھەممە ئىشنى ئايزىباغا ،يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردىم . -ھەي ئەخمەق ئاكا،ھەي ئەخمەق ئاكا،سىز ئانامدىنمۇ ئەخمەق ئىكەنسىز ئەمەسمۇ؟-ئايزىبا مېنىڭ سۆزلىرىمنى جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن،ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى -ئانام ئەخمەق،سىزنى شۇنچىلىك سېغىنغان بولسىمۇ،سىزگە قارىغۇدەك يۈزۈم يوق ،دەپ قاراپ،تاكى كۆز يۇمغانغا قەدەر ،سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالماي،سىزنىمۇ،ئۆزىنىمۇ قىيناپ كەلدى ،ئاقىۋەتتە مانا ،سىزنىڭ ئائىلىڭىز بۇزۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى ،ئەمدى سىزمۇ ئۇنى دوراپ،مېھراي ئاچامغا بەرگەن بىر ئېغىز ۋەدىڭىز ئۈچۈنلا ،ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكىنىڭىز نېمىسى ،سىز ۋاقىت ھەممىنى داۋالايدىغان دورا دېگەن ،سۆزنى ئاڭلىمىغانمۇ قېنىم ئاكا،سىز ئاجىرىشىىشقا قوشۇلماي ۋاقىتنى كەينىگە سوزغان بولسىڭىز،ھېچ بولمىغاندە،ماڭا ھەقىقى ئەھۋاللارنى ئېيتىقان بولسىڭىز،ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان پاكىتنى تەڭ ئىزدىسەك بولماسمىدى،ھېلىقى ئالىيە دېگەن ،بىر نېمە ھەرقانچە قۇۋ تۈلكە بولغان تەقدىردىمۇ ،قۇيرىقىدىن ئىلىنگۈدەك بىرەر يېرى بولاتتى ئەمەسمۇ؟خەيىر ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى ،ئەمدى بولسىمۇ،مېھراي ئاچام بېلەن يارىشىدىغان ئامالنى قىلايلى،بۇنچىۋالا ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەڭ ئاكا،مەن چوقۇم ،مېھراي ئاچامنى قايىل قىلىپ،يېنىڭىزغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. -بولمايدۇ ،سىڭلىم،ئەمدى مېھراينى ئىزدىسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ-مەن ئايزىبانىڭ مېھراينى ئىزدەپ بېرىشى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپلا قارشىلقىمنى بىلدۈردۈم. -نېمىشقا ؟-دېدى ئايزىبا يەنە ھەيرابلىقىنى بىلدۈرۈپ،ئەجەبا سىزمۇ ھېلىقى ئالىيە دېگەن جىن شەيتاننى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالمىغانسىز ھە؟ -ياق،بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،ماڭا ئىشىنىڭ سىڭلىم-مەن شۇنداق دېگەندىن كېيىن،قوللىرىمدىكى ئاق داغ بار ئورۇنلارنى ،ئايزىباغا كۆرسەتتىم-قاراڭ سىڭلىم،بۇلارغا قاراڭ،مەن ئاق كېسەل بولۇپ قاپتىمەن ،بۇ كېسەك ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىدۇ،كونتىرول قىلىشمۇ ناھايىتى قېيىن،ھازىر ھەتتا يۈزۈمگىمۇ يۈرۈشكە باشلىدى،ئۇزاق ۋاقىتقا قالماي،مەن رەڭگى يوقالغان بىر رەڭسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىپ،ھەتتا بەدىنىمدىكى تۈكلەرمۇ ئاقىرىپ كېتىشى مۇمكىن،ساق ۋاقتىمدا قەدرىگە يەتمىدىم،ئەمدى بۇ كېسىلىم بېلەن ،ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا قانداقمۇ يۈزۈم چىدىسۇن ،مەن بۇنداق تۇرسام ،مېھراي بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياشايدۇ؟ئېرىڭ كېم ؟،دېسە،مەندەك بىر ئاقكېسەلنى،مۇشۇ ،دەپ،خەققە كۆرسىتىپ يۈرەمدۇ؟بالام بىچارىچۇ؟كىچىكىدىن باشلاپ،ئاق كېسەلنىڭ بالىسى -دەپ كەمسىتىلىپ،يەكلىنىپ ياشامدۇ؟ياق ،مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ئىنساننىڭ مەن سەۋەبلىك ،بۇنداق ئەرزىيەتلەرنى تارتىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن،سىز مېنىڭ سىڭلىم بولسىڭىز،ئەمدى مېھرايغا مەن توغرۇلۇق ھېچنىمە دېمەسلىككە ۋەدە بېرىڭ. -ئاكا-بايىدىن بېرى بۇلدۇقلاپ يىغلاپ تۇرغان ئايزىبانىڭ ،قوينۇمغا ئۆزىنى ئېتىشى بېلەن ،يىغلىمايمەن دېگەن مەنمۇ،ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىچىك بالىدەك ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتىم. -ئاكا،ئەمدى بولغۇلۇق بولۇپ بوپتۇ،ئەمدى قانداق قىلىشنى ئويلۇشىۋاتىسىز؟-دېدى ،ئىككىمىز بىر ھازا يىغا زارە قىلىشقاندىن كېيىن،ئۆينىڭ ئىچىگە بىر قۇر نەزەر سالغاندىن كېيىن،ئەمدى يالغۇز ياشىمايدىغانسىز دېگەندەك نەزەردە ماڭا قاراپ. -تېخى ھېچقانداق ئىشنى ئويلاشقۇدەك بولمۇدۇم،ئاۋال،دوختۇرنىڭ داۋالىشىچە داۋالىنىپ باقاي،ساقىيىپ قالسام ،ئۇنى كۆرەرمەن ،ساقايماي قالسام،تەنھا پېتى ياشارمەن ،باشقىلارغا يالۋۇرۇپ،يېلىنىپ،سەت كۆرۈنۈپ ياشىغاندىن كۆرە. -ئۇنداق دېمەڭ ئاكا-دېدى ئايزىبا مېنىڭ،سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،ئەندىككەندەك بولۇپ-بىر باشقا بىر بۆك لازىم،جاھاننىڭ مەرى ئۇزۇن ،تەنھا ئۆتۈپ بولغىنى بولماس،ھاياتتا،بوران چاپقۇنلارغا،قايغۇ-ئازابلارغا،تاقابىل تۇرغىدەك بىر ھەمراغا مۇھتاج بولىسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مېدىتسىنا تەرەققىي قىلغان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمىز،ساقايماس كېسەللەرمۇ ساقىيىۋاتقان تۇرسا،سىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى بۇ كېسىلىڭىزمۇ ساقىيىپ كېتەر،ئۈمۈدلىك بولۇڭ،ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ . -مېنىڭ ياخشى سىڭلىم-ئايزىبانىڭ تەسەللىيلىرىدىن ئازىراق ئۈمۈدكە ئېرىشكەندەك بولۇپ،ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقتىم. -ھە راس ئاكا-ئايزىبا بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك بولۇپ،ماڭا مېھىر بېلەن باققان كۆزلىرىدە،بىر كۈلكە ۋاللىدە يورۇپ كەتتى -ھېلىقى ئالىيە دېگەن قىزچۇ؟ئۇ سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟ئەگەر ئۇ سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرىدىغان بولسا،سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى ئۇنىڭغا دەيلى،ئۇ قوشۇلسا،شۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ ،ھېلىقى بالا ،مەيلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن،ئۇنىڭغا ئاتىلىق مېھرىڭىزنى بېرىش بەدلىگە ،ئۇ سىز بىلەن توي قىلسا مەيلى ئەمەسمۇ ئاكا. -بۇ مۇمكىن ئەمەس سىڭلىم،ئۇ قوشۇلغان تەقدىردىمۇ مەن قوشۇلالمايمەن،ئۇنىڭ مېھراي ئىككىمىزنى ئايرىش ئۈچۈن قىلغانلىرىنى مەڭگۈ يادىمدىن چىقىرىپ بولالمايمەن -مەن ئايزىبانىڭ تەكلىپىنى دەرھال رەت قىلدىم.
-ئاكا،ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ؟بۇ كېسەل بېلەن مېھراي ئاچام بېلەن ياراشمايمەن ،دەپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇنيادىن يالغۇز ياشاپ بولغىنى بولسۇنمۇ؟كېيىن بىرسى بىلەن توي قىلسىڭىز،كېسىلىڭىز راستىنلا سىز دېگەندەك ،ھەممە يېرىڭىزگە تاراپ كەتسە،ئۇ ئايال ،بۇنى كۆرۈپ ھەددىدىن ئاشسا،يەنە بىر قېتىم ئائىلىڭىزنىڭ بۇزۇلىشىغا بەرداشلىق بېرەلەمسىز؟ياخشىراق ئويلۇشۇپ بېقىڭ ئاكا،كېسىلىڭىزنى بىلمەيدىغان ساھىبجاماللار بېلەن توي قىلىپ،ئۇلارغا يالۋۇرغىنىڭىزدىن كۆرە،كېسىلىڭىزنى بىلىدىغان ،توغرا قارايدىغان ،ئالىيە بېلەن توي قىلغىنىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ پۇرسەتتە ،ئالىيە دېگەن بۇ قىزنىڭ ،سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان .ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالاليمىز ئەمەسمۇ؟ئەگەر ئۇ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بولسا،چوقۇم ،سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى بىلسىمۇ ،سىز بىلەن بىللە ياشاشقا جۈرئەت قىلالايدۇ،ئەگەر ئۇ سىزدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن،مۇشۇنداق قىلىۋاتقان بولسا،مۇشۇ پۇرسەتتە ،ئۇنىڭ ھەقىقى ئەپتىبەشىرىسىنى كۆرۈۋالالايمىز ؟ ئايزىبا ئىككىمىز ئۇنى ،بۇنى دېيىشىپ يۈرۈپ ،ئاخىرى ،ئايزىبا ،ئالىيەگە ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىدىغان ،بىز ئالىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە قاراپ ،ئىش تۇتىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. شۇ كۈنى ،ئايزىبانىڭ يولدىشىمۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى،بىر ئائىلە كىشىللىرى جەم بولۇشۇپ،يېرىم كېچىدىن ئاشقانغا قەدەر ،كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق،مېنىڭ ئەتىگەندىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىممۇ،سەل پەسەيگەندەك بولۇپ قالدى.
|