كۆرۈش: 5083|ئىنكاس: 7

قىرىق ياش ۋە ئويلىنىش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابدۇغېنى
تىللا
247
تۆھپە
32
UID
8809
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 22:13:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىرىق ياش ۋە ئويلىنىش



ئابدۇغېنى ساۋۇت ئاچارى



    قىرىق ياشنى ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسەت،كۈچ-قۇۋەت جەھەتتە تازا قىرانىغا يەتكەن چېغى دېيىشىدىكەن. ماڭا بۈگۈن(2012-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى) يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىلى قىرىق يىل بوپتۇ.كۆرگەن كۈنۈمىنى ھېساپلىسام 60 ياشقا كىرگەندەك.
ئەمما،ھېچ قىرىق ياشقا كىرگەندەك ئەمەسمەن.بىر ئويلانسام قىرىق يىلدا 30 ياشقا كىرگەندەك،يەنىمۇ ئۇبدانراق ئويلانسام تېخى  ئەمدى 25 ياشقا كىرگەندەكمۇ تۇرىمەن.
توۋا دەيمەن،نېمە بۇلدى ماڭا،مانا،يېشىمنىمۇ توغراھېساپلىيالمايدىغان ،قانچىكى چۇڭقۇر ئۇيلانسام شۇنچە يالغۇز قالىدىغان
بولۇپ قالدىم،كۇنلىرىم ئويلاش بىلەن ئىزدىنش، مىڭېش بىلەن يول بەلگىسى قاداش ئارىلىقدا ئۆتىۋاتىدۇ. ئۆتمۇشۇم بىلەن كەلمىشىم ھەمىشە مېنى پارە-پارە قىلىپ،يەنە  يىغىپ پوملاپ،يەنە پارە-پارە قىلىپ،يەنە يىغىپ پوملاپ ئوينايدۇ.ئۇلار مەندىن يېڭى بىر ۋۇجۇتنى ياساپ چىقماقچى بولىشىدۇ، لېكىن ياسىيالمايدۇ.مېنىڭ ۋۇجۇدۇم چۇۋۇلۇش بىلەن ياسىلىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتىدۇ.
    يەنە ئويلاپ قالدىم،نۇرغۇن ئادەملەر بىر يىلدا بىر ياشقا،قىرىق يىلدا قىرىق ياشقا كىرىدىكەن،مەن نېمىشقا كىرەلمەيمەن؟ بەلكىم،بۇ باشقىلار بىلەن مېنىڭ ئويلاش،ياش ھېساپلاش ئۇسۇلۇمنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىندۇر. ئۇلار دەيدۇ:‹‹بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.›› مەن دەيمەن:‹‹بوي يەتمىگەن شاپتۇل تېخىمۇ تاتلىق،بويىمىز يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئاجايىپ شىرىن بولۇپ كەتكەن.›› ئۇلار دەيدۇ:‹‹تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار›› مەن ئويلايمەن:‹‹شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار.ئۇ چۇل-چۇل بولۇشقا رازىكى،ھەرگىزمۇ سېسق تۇخۇم بولۇپ قالغۇسى يوق›› ئۇلار دەيدۇ: ‹‹ئادەم ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست بولىدۇ.›› مەن ئويلايمەن:‹‹ئادەم ئەسلى ئىشقى-مۇھەببەت،ئەقىل-پاراسەت بىلەن مەست. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يېشىلىدۇ.››ئۇلار دەيدۇ:‹‹تەقدىردىن بىسۇراق قىل تەۋرىمەيدۇ.›› مەن ئويلايمەن:‹‹ تەقدىردە ئۆز ئىمزايىمىز بار.››شۇڭا مەن  يېشىمنى ھېساپلىيالمايمەن.
     مەن بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر كۈن،مىنۇت-سىكونت ئۈچۈن پۇشۇقىنىمەن.چۈنكى مەن ئۆتۈپ كەتكەن 40 يىل ئۈچۈن قانداق ھېساپ بېرىشنى بىلمەيمەن.40 يىللىق ھاياتىمنىڭ كۆپ قىسمى نام-نىشانسىز ئۆتۈپ ئۆتتى.پەقەت ئازغىنە بىر قىسمىلا كەلگۈسى ھەققىدە توغرا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىش بىلەن ئۆتتى.
توغرا جاۋاپ قايسى؟ ئۇ قانداق بولىشى كېرەك؟ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ھاياتى سۇئال جاۋاپ ئارسىدا ئىزدىنىش بىلەن ئۆتسە كېرەك.
     مەن ئۈچۈن بۇ ھايات بىر ئامانەت ئىدى..بۇ ھايات گۇناھنى يۇيۇش،ئاللاھنى تونۇش ئۈچۈن بېرىلگەن بىر پۇرسەت ئىدى. مەن بۇ قىرىق يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلدىم .ئارزۇيۇم نېمە ئىدى .مەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىممۇ؟ بەزىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولساممۇ،يەنە بەزىسىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. ،ئەمما ،مەن زور تىرىشچانلىقكۆرسەتتىم،يەنە داۋاملىق تىرىشىمەن. بىر ئاز كېچىكسەممۇ چۇقۇم ئەمەلگە  ئاشۇرىمەن.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
203
تۆھپە
134
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 22:58:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ياشنىڭ چوڭ-كىچىك بولىشى چوڭ ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن. كونىلاردا :«يېشىڭنى سورىماي ياشاۋەرسەڭ، كۈنۈڭ خۇددى باھاردەك ئۆتىدۇ، 'دەيدىغان گەپ بار. گەپ ياشتا ئەمەس، بەلكى شۇ ھاياتلىق ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىگە قاراپ ئۆلچەنسە، مۇۋاپىق بولىدۇ، دەيمەن. بەزىلەر كۈنىنى ھەر كۈنى لاغايلاپ بىكار ئۆتكۈزىۋىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ خوشال قىلالمايدۇ. بىز قىسقىغىنا ھايات مۇساپىسىدە ئۆزىمىزنىمۇ، باشقىلارنىمۇ خوشال قىلالىساق ئاندىن ھاياتىمىزدىن ھەقىقىي رازى بولغان بولىمىز. شۇڭلاشقا ھاياتىمىزدا تىرشىپ ئىشلەپ باشقىلارغا شاتلىق ئاتا قىلىشنى ئۆگىنىۋىلشىمىز كېرەك. .


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
245
تۆھپە
166
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 23:26:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ئۈچۈن قىرىق ياش ۋاختى ئالاھىدە مۇھىم ۋاقىت ھىساپلىنىدۇ،چۈنكى قىرىق ياشتا ئادەم مۇكەممەل  پىشىپ يىتىلگەن،تەجىربىلەر توپلانغان،ھاياتلىق مۇساپىسىنى قايتىدىن ئويلىنىدىغان،كىيىنكى قەدىمىگە پىلان تۈزىدىغان،ئەۋلاتلار ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدىغان،ھەر بىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدىغان قىران مەزگىلى،شۇڭا قىرىق ياشلىقلار چوقۇم تونۇپ يىتىشى كىرەك.


Rank: 2

تىللا
94
تۆھپە
39
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 10:38:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
40 ياش ئىنساننىڭ ئەڭ قىران، توختالغان پەسلى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ 40 يېشىدا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بىرىلگەن، قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابدۇغېنى
تىللا
247
تۆھپە
32
UID
8809
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 20:32:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolfiram،xipayi   ،ئەلشىپا  قاتارلىق تورداشلارنىڭ  ئەسىرىمنى ئوقۇپ ياخشى باھالارنى بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 20:33  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:15:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ......... ئەمەلگە ئاشۇرغان بولساممۇ،يەنە بەزىسىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. ،ئەمما ،مەن زور تىرىشچانلىقكۆرسەتتىم،يەنە داۋاملىق تىرىشىمەن. بىر ئاز كېچىكسەممۇ چۇقۇم ئەمەلگە  ئاشۇرىمەن.

    مەن شۇنداق ئويلايمەن ، ئادەمدە ئىنتىلىش بولمىسا ھاياتلىققا بولغان قىزغىنلىقمۇ يوقايدۇ . نىشان خۇددى يىراقتا نۇر چېچىپ تۇرۇۋاتقان پارلاق بىر مەنزىلدۇر ، ھاياتلىقتا بەزى كىشىلەر زور بەدەللەرنى تۆلەپ دىگەن ۋاقىتتا كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بارالايدۇ ، لېكىن بەزىلىرىمىز ئۇ - بۇ سەۋەپلەر بىلەن كېچىكىپ يېتىپ بارىمىز ، ياكى يېرىم يولغا كەلگەندە بەل قويۇۋېتىپ ، ھەممىدىن ۋاز كېچىپ كېيىن پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىمىز .
سىزنىڭ ‹ كېچىكسەممۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن › دىگەن سۆزىڭىزگە قايىل بولدۇم . مەنزىلگە كېچىكىپ بېرىشنىڭمۇ ئۆزىمۇ غالىپلىقتۇر ، يېرىم يولدا توختاپ قالغانلار ياكى مەنزىل تامان بىر قەدەممۇ ئالمىغانلار مەغلۇبىيەتچىلەردۇر .


  


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
113
تۆھپە
75
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:19:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس 40 ياش بىزنىڭ قىران چاغلىرىمىز ،بۇ 40 يىلدا كۈلدۇق ،يىغلىدۇق ،يىغلىغىنىمىزدىن كۈلگىنىمىز كۆپ بولدى ،ئائىلىمىز ئۈچۈن كۈلدۇق ،يىغلىدۇق ،يىغلىغانلارنىڭ يىنىغا بارساق يىغلىدۇق ،كۈلگەنلەرنىڭ يىنىغا بارساق كۈلدۇق .ئومۇمەن بۇ 40 يىل بىزنى تاۋلىدى ،پۈتۈن ھاياتلىقىمىزدا ئىرىشىش بىلەن يوقىتىش،ئازاپ بىلەن بەخىت بىزگە ھەمرا بوپ كەلدى ، مەن بۇ 40 يىللىق ئۆمرۈمدە پەقەت بىر ئىش ئۈچۈنلا ئەپسۇسلىنىمەن ،ئەمما ئىشەنچىم كامىلكى بۇ ئەپسۇسلىنىشنى باشلىنىش قىلىپ ياخشى بىر ئىشقا ئايلاندۇرىمەن .چوقۇم  ،چوقۇم شۇنداق قىلىمەن .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابدۇغېنى
تىللا
247
تۆھپە
32
UID
8809
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 14:44:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kunbike يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 16:19
راس 40 ياش بىزنىڭ قىران چاغلىرىمىز ،بۇ 40 يىلدا كۈلدۇق ،ي ...


      ئورتاق قاراشتىكەنمىز.ئارزۇ ئارزۇلا بولۇپ قالمىسۇن.ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشايلى!ھۇررا.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-25 14:45  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:37, Processed in 0.080442 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991