كۆرۈش: 5950|ئىنكاس: 14

بالىلار نادىر ھېكايە فىلىمى:«يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى»ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
203
تۆھپە
134
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:02:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلارنادىر ھېكايە فىلىمى : «يالقۇنتاغدىن  كەلگەن  داپچى» ھەققىدە  


cap03.jpg



     يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى-ئاتاقلىق رېژىسسور-گۇاڭ چۈنلەننىڭ بالىلار كىنوسىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، جۇڭگو بالىلار نەشىرىياتى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ نەشىر قىلىنغان. بۇ فىلىمنىڭ سىنارېستى-مايەن، رېژىسسور- گۇاڭ چۈنلەن، ئاساسلىق روللاردا:
    كۈرەش-قۇربانجان مېھمان،شېرىنئاي- ئاينۇر ،لالىگۈل-خانقىز قاتارلىقلار. بۇ فىلىمدە يالقۇنتاغ باغرىدىكى بىر يېزىدا ياشايدىغان كۈرەش ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالىنىڭ داپ چېلىشقا ئۇستا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئانىسى ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى بولۇپ، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كۈرەش ئىزچىل ھالدا يالقۇنتاغدىكى چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بىر كۈنى بۇ يېزىغا بىر تىياتىر ئۆمىگى كېلىپ ئويۇن قويىدۇ. بۇ «كىچىك ئاي» بالىلار سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ، كۈرەشنىڭ داپ چېلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بۇ سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ھەمدە بىر قىسىم بالىلارنىڭ ھەسەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئارىسىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك، پاك دىللىق خىسلىتى ئۇلارنىڭ ياخشى دوست بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ فىلىم ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم بولۇپ، يازغۇچى ماھىرلىق بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايە ئۈچۈن، تىرىشىشتەك توختىماي، ئالغا ئىلگىرىلەش روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. شۇڭلاشقا بۇ فىلىم تېخىمۇ تەسىرلىك، تېخىمۇ رەڭدار خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان.
     بۇ فىلىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھېكايە فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى دەۋىردىكى شىنجاڭ بالىلىرىنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈش،خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە تۇرمۇش ھالىتىنى قانداق يارىتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، گۇاڭ چۈنلەن بالىلار كىنوسىنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنى ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى بولغان جەمئىيەت ئۈستىگە قويۇپ، ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق بالىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد مائارىپ، تەلىم-تەربىيىسىدىكى مۇھىم بىر تېمىغا ئايلانغان. بالا ئارتىسلار كىنودىكى ئەڭ مۇھىم يورۇق نۇقتىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىرلىقى بۇ فىلىمنى غەلبىلىك تاماملاشقا ياردەم بېرىپ قالماي، يەنە بالىلارنىڭ ساددا ۋە سۆيۈملۈك ھېسسىياتلىرى، جاراڭلىق ئاۋازلىرى تاماشىبىنلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن.  فىلىم ئاددى تۇرمۇشتىن تاللاپ ئېلىنغان،ئەمما ئۇستىلىق بىلەن سەنئەت ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. فىلىمدىكى كىچىك ئارتىسلارنىڭ ناھايىتى تەبىئىي جانلىق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپ، كەڭ ئۆسمۈر بالىلارنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلغان. فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، كىچىك ئارتېستلارنىڭ رول ئېلىشلىرى- بالىلارنىڭ قىزىقىش تېمىسىغا ئايلانغان. بۇ فىلىمدە بالىلار ھەم ناخشا ئېيتىدۇ، ھەم ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
     بۇ فىلىمنى جۇڭگو بالىلار كىنو ئىسىتۇدىيىسى 1991-يىلى ئىشلىگەن بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئوبرازلىق ھالدا سۈرەتلەپ بەرگەن.
   يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
قەشقەر، 2012-يىلى21-سىنتەبىر

cap04.jpg

cap06.jpg

cap07.jpg

cap05.jpg

cap08.jpg


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
203
تۆھپە
134
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:06:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم بالىلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن نادىر فىلىم بولۇپ،،بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە كەلگۈسىگە بولغان غايىسى رۇشەن ھالدا سۈرەتلەپ بېرىلگەن. فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى تەسىرلىك بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئىگە بولالايدۇ.


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 19:31:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىلىمنى تۇرپاندا ئىشلىگەن بولۇپ ،مەن كۆرمەپتىمەنكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 20:18:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دائىم كىشلەرنى قىزىقتۇرۇپ قويىدىكەنسىز....لېكىن ئەمەلىي فىلىمىچۇ  ؟؟؟؟؟؟؟؟


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
203
تۆھپە
134
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 22:46:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تورغا كىگىنى ئەمدى ئىككى ئايدىن ئاشتى. توردا فىلىم يوللاشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىدىم، بۇ فىلىملار بازاردا خېلى كۆپقۇ دەپ قارايمەن. 5-6 يىلدەك بولدى، ئۈن-سىن نەشىرياتلىرى نەشىر قىلىپ تارقاتقان ئىدى. ئەگەر لازىم بولسا، مەن يوللاپ بېرىشكە تىرشاي.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1400
تۆھپە
1108
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 01:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى مەنمۇ كۇرمەپتىكەنمەن بولسا بىر كۇرساك بولغۇدەك؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
758
تۆھپە
232
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:49:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقىمنى ئەسلەتتى.


گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 2

ئىسىمى
زۇننار
تىللا
73
تۆھپە
42
UID
208
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 15:25:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دائىم مىسرانىمدا ماشتا تىما يوللاپ بالىلانىڭ تىل دەشنىمىگە قالدىغان مۇئەللىم بوپ قالماڭ يەنە  ،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1254
تۆھپە
694
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 22:57:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقىم يادىمغا يېتىپ قالدى، رەھمەت!


Rank: 4

تىللا
413
تۆھپە
112
UID
14483
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 23:23:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنى قايتا-قايتا كۆرگەن بەك ياخشى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:36, Processed in 0.086842 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991