كۆرۈش: 3944|ئىنكاس: 1

تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىنمۇ بولمايۋاتىدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
683
تۆھپە
278
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:35:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىنمۇ بولمايۋاتىدۇ


     خەلقىمىزدە «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن» دەيدىغان ماقال بار.
     ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بۇ مەلۇم ئىشتا زىيان تارتقاندىن كېيىن ئەقلىنى تاپقانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە ئەتراپىمىزدا تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىنمۇ بولمايۋاتقان ئەھۋاللار ھېلىھەم ئاز بولمايۋاتىدۇ. نېمىشقا دېگەندە بىر ئىشلارنى كۆرۈپ-بىلىپ تۇرسىمۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ بېشىغا ئازاب-زىيان، ئاۋارىچىلىق- يوقۇتۇشلار كېلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بۇرنىغا سۇ كىرمەي شۇ يوللاردا مېڭىپ، شۇنداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنى  داۋاملىق پەيدا  قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرسە بۇ ئادەملەر نېمانداق ئويلانمايدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. كىشىلىك مۇناسىۋەت، نىكاھ، پەرزەنت تەربىيىسى، جاھاندارچىلىق، سالامەتلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئاقىۋىتىنى ئويلىماي تەكرار شۇغۇللىنىۋاتقان، سادىر قىلىۋاتقان ئەھۋاللار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرۇدۇ. تېخى كىشىلەر ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى  ھەم دورا-داۋاسى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي بۇ كېسەلگە داۋاملىق گىرىپتار بولىشىۋاتىدۇ. ساغلاملىققا خىلاپلىق  قىلغاننىڭ زىيان-ئاقىۋىتى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندىنمۇ ئېغىرتوختاۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. جەمىيىتىمىزدە دوختۇرخانىلاردىكى ئۆچرەت ئەڭ ئېغىر بولىۋاتقان،  ھېچقاچان تاغ-شەھەر ئاتلاپ ئاقمىغان كىشىلەر كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن تاغ-شەھەر ئاتلاۋاتقان، ئۆمرىدە ئشلەپ تېپىپ باقمىغان پۇلنى داۋالىنىش ھەققىگە تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ ئامالسىزلىقتىن مۇراجەتنامە چىقىرىۋاتقان دېگەندەك ئەھۋاللاردىن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق چۈشەنچىسى توغرىلىق توختالماي  تۇرالمىدىم.  
     ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، راك، دىئابىت، يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى،رىماتىزىم-سۆڭەك كېسەللىكلىرى ھەرگىزمۇ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەمەس. ئېرسىيەت  قېلىش نىسبىتىمۇ چوڭ ئەمەس. شۇنداقلا يوقۇملۇق كېسەللىكلەر نەچچە يىللاردا بىر دائىرىلىك پەيدا بۇلۇۋاتىدۇ ھەم ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقۇلىشىغا دۆلەت-دۇنيا تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە يۇقۇمسىز كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇرخانىلارنى ئەڭ ئاۋات  بازارغا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ.
    ئادەمنىڭ سالامەتلىگىنى بىركىم باشقۇرمايدۇ، كېسەل يۈرەمدۇ، ساغلام يۈرەمدۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. ئەمما، كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتقىلى بولمايدۇ، تەن ئاغرىيدۇ، جان قىينىلىدۇ. داۋالاتمىسا ھەم ياش ھەم مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ. داۋالىتىش ئۈچۈن ۋاقىت، ئىقتىساد، زېھىن كېتىدۇ. شۇڭا ئاز بولمىغان كىشىلەر ئۆز ئەھۋالىدىن رازى بولمىغاچقا، كېسەل  داۋالىتىش قىممەت دەپ قاقشايدۇ، ئەمما نېمىشقا كېسەل بولىمىز    دەپ ئويلاپ باقمايدۇ.
    توغرا، ئادەم دورا كەملەپ كېتىپ ئاغرىپ قالمايدۇ. خەلقىمىزدە « كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ» دېگەن ماقال بار. ئەمىلىيەتتە، ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن پەقەت يېمەك-ئىچمەك كىرىدۇ. دېمەك، ئېغىزدىن كىرگەن  كېسەل ئاشۇ يېمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك دېگەن گەپ. ئادەم  ھەرگىزمۇ ئىككى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، بەش بارماقلىق قوللىرىنى     ئىشقا سېلىپ مەينەت، زەھەرلىك نەرسىلەرنى يىمەيدۇ. پەقەت، كاللىسىنىڭ ھەم يانچۇقىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا گېلىنى باقىدۇ. دېمەك، ئادەملەرنىڭ كاللىسىنىڭ ھەم يانچۇقىنىڭ ئەھۋالى يېمەك-ئىچمىگىنى پەرققە ئىگە قىلىدۇ.
    توغرا، كىمنىڭ نېمە يەپ-ئىچكۈسى كەلسە شۇنى يەپ-ئىچىدۇ. ئاز يەمدۇ، جىق يەمدۇ، قايسى ۋاقىتتا يەيدۇ، قانداق يەيدۇ بۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلاشمايدۇ.  بالىلاردىن باشقا چوڭلارنىڭ يېمەك-ئىچمىگىنى بىركىم باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ. قانداق ئوزۇقلىنىش ھەربىر ئادەمنىڭ  ئۆز ئىختىيارىدىكى، ئۆز ھوقۇقىدىكى، ئۆز ئادىتىدىكى،  ئۆز ئىمكانىيىتىدىكى تاللىشىدۇر. تۇرمىدىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىگى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەركىن تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنىڭ   يېمەك-ئىچمىگىنى ئوپمۇ-ئوخشاش دېگىلى بولمايدۇ.
    كىشىلەرنىڭ مىجەز-خارەكتىرى، ئىدىيە-تەپەككۇرى، تۇرمۇش ئادىتى قىممەت ئېڭى، يېمەك-ئىچمەك پۇزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن پەرققە ئىگە بولۇشى ئەمىلىيەت بولغاچقا، يېمەك-ئىچمەككە تۇتقان تونۇشىدىمۇ پەرقنىڭ بولۇشى، ئوخشىماسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى چۈشۈنۈشلۈك ئەھۋال.
    جامائەت ۋە جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجى بويىچە كىشىلەر ئەخلاق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنغان بىلەن، ئەمما سالامەتلىكنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تېخى كىشىلەرنىڭ گېلى باشقۇرىلىدىغان ھالەتتە ئەمەس. ئادەمنىڭ ھەر كۈندىكى قوسىقىنىڭ ئېچىشىنى تويغۇزىۋاتقان، ئاچ قالدۇرماي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان يېمەك-ئىچمەك« كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ» دېگەندەك ئادەمنىڭ ساغلام-كېسەللىگىنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
     ئادەم بەدىنىكى تەڭشەك-تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن بەدەندىكى قانۇنىيەتلىك ئايلىنىش مۇناسىۋىتى راۋانلىق بىلەن نورمال ھالەتتە داۋاملىشالماي، مەلۇم سىستېما-ئەزانىڭ ئىقتىدار-رولى ئاجىزلاپ، بەدەندىكى باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت ئۆزئارا ماسلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن كېسەللىك پەيدا بۇلىدۇ.
    ئادەمنىڭ جېنىمۇ ئېغىزدىن كىرىدۇ ھەم ئېغىزدىن چىقىدۇ. يەنى ئادەم بالىسى تۇغۇلۇپلا يىغلاپ جېنىنى نامايەن قىلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندە نەپەستىن قېلىپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ. يېرىم مېتىر ئەتراپىدىكى ئىگىزلىكتىكى، ئۈچ-تۆت كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ھالەتتە تۇغۇلغان ئادەم بالىسى ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق بوي ئېگىزلىكى بىر يېرىم مىتىردىن ھالقىغان، بەدەن ئېغىرلىغى يەتمىش-سەكسەن كىلوگرامغا يەتكەن چوڭ ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئادەم ھەپتە-بەش كۈن    ئوزۇقلىنىشتىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ چىرايى، ئىگىز-پاكارلىقى، مىللەت-ئىرقى ئوخشاش بولمىغىنى بىلەن بەدىنىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدۇ.  
      ئادەم بەدىنىدىكى جان-ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئارقىلىق مەۋجۇتلىغىنى ساقلىيالايدۇ ھەم داۋاملاشتۇرۇدۇ. ئەگەر ئوزۇقلانمىسا چوڭ بولۇش تۈگۈل ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، ئادەملەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى پەرققە ئىگە ھەم ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئادەم ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەمدى دەۋرىمىزگە كەلسەك، كىشىلەرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغىنى يوق. يەپ-ئىچىدىغىنىمۇ يىتەرلىك ھالەتتە. قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەلمۇ يوق. ئەمما، قايتا-قايتا كېسەل بولىدىغان، بىرسىنىڭ ئارقىسىدىن بىرسى كېسەل بولىدىغان ئەھۋاللار ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. يەنى، كىشىلەر كېسەل بولماسلىقنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندەك. ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە يۈرەك-قان تومۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان راك كېسلى تۈپەيلىدىن يەنىلا ئوتتۇرا ياشتىلا ئۆلۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلار، كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن تاپقان-تەرگىنىنى سورىۋېتىپ قاقسەنەم بولۇپ كەتكەنلەر باشقىلارغا ئىبرەت، چۆچۈش، ئويلىنىش ئېلىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن» بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، باس-باس  بازارغا ئايلانغان دوختۇرخانىلار ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىگىنى  چۈشەندۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
    يېمەك-ئىچمەككە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئادەم سالامەتلىكتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. توغرا، كېسەللىكنىڭ كۆپ خىل سەۋەبى بولىدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئوزۇقلىنىشنىڭ توغرا بولماسلىق سەۋەبىدۇر. ئىش-ئەمگەك قىلىش،خىزمەت ئىشلەش، باي بولۇش، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، جەمىيەتتە مۇئەييەن قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئادەم ئۈچۈن ئانچە تەس ئىشمۇ ئەمەس. نى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر بار. كېسەل بولمىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. كېسەل بولماسلىق ئۈچۈن ئۆز ئېغىزىغا قايسى ۋاقىتتا نېمىنى سېلىشنى بىلىشى كېرەك. ماشىنىنى ئايىماي ئىگىز-پەس يوللاردا قوغلاپ يۈرىۋەرسەك بۇزۇلماي قالمايدۇ. كىيىمنى ئاسرىمىساق يېڭى-يارىشىملىق ھالەتتە كىيگىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ماشىنىنى قايتىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئادەم بەدىنىنى كېسەل بولۇپ داۋالىغىلى بولمىسا قايتىدىن سېتىۋالغىلى  بولمايدۇ. كېسەل بولسام  داۋالىنىمەن، دوختۇر-دوختۇرخانىلار ئاز ئەمەس دەپ ئويلىغان بىلەن   داۋالانغان ئادەمنىڭ بەدىنى رىمۇنتقا چۈشىدۇ، بۇ جەرياندا ئادەم بەدىنىگە كىرىشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەر كىرىدۇ. بەزى بەدەننى كىسىپ-تىكىپ، ئالماشتۇرۇپ، سۈرۈپ-قوغلاپ ۋاقىتلىق راۋانلاشتۇرۇپ رىمۇنت قىلغىلى بولىدۇ، رىمۇنتقا چۈشتى  دېگەنلىك  ئەسلىدىكىدەك ئەمەس دىېەنلىكتۇر. بەزى بەدەننى قەۋرىگە تەييارلىق قىلىشقا يولغا سېلىپ قويىدۇ.
قىسقىسى، نۆۋەتتە قوغلاپ يۈرۈپ چاپلاشقىدەك يۇقۇملۇق كېسەلمۇ يوق. ئادەم دورا كەملەپ كېتىپمۇ كېسەل بولمايدۇ. ئاچلىقتىن كېسەل بولىدىغان دەۋرمۇ ئەمەس. پەقەت، كىشىلەر كېسەل بولماسلىقنى بىلمەسلىك، ئۆگەنمەسلىك تۈپەيلىدىن كېسەللىكتە قىينىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ، قېرىماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئوخشاش مۇھىتتىكى، ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش جىنىستىكى، ئوخشاش كەسىپتىكى ئىككى ئادەمنىڭ بىرسىنىڭ ساغلام، يەنە بىرسىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى كېسەل بولغۇچىنىڭ ساغلاملىق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى، يارامسىزلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. كېسەللىك- راك، بۆرەك، يۈرەك، دىئابىت كېسەللىكلىرى بىر كۈندىلا شەكىللەنمەيدۇ. بۇ جەرياندا بەدەندە ئىنكاس، ئۆزگىرىش، ئالامەتلىرى بىلىنمەي قالمايدۇ. بىلگەن كىشى مانا مۇشۇ چاغدا مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىنىش، تەدبىر قوللىنىش، ئالدىنى ئېلىش  پۇزىتسىيەسىگە كېلىدۇ. ئەكسىچە، سەۋەب-نەتىجىنى بىلمەيدىغان كىشى ئىختىيارسىز كېسەلگە يۈزلىنىپ كېتىۋېرىدۇ.      
ساغلاملىققا خىلاپلىق قىلمىسا، ئادەمنىڭ كېسەل بولىدىغان گۇناھى يوق. بىر ئۆمۈر ئېغىزغا چىققىدەك كېسەل بولماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس. ئائىلىدە، ئۇرۇق-تۇققانلار، قۇلۇم-قوشنىلار ئارىسىدا، يۇرت-مەھەللىدە كىمنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى، نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى، ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قالىدىغان ئەھۋاللار ئەمەس. شۇڭا، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسەلگە       گىرىپتار بولغانلىقىنى ئويلىنىشى، ئويلىنالايدىغان بولىشى كېرەك. چۈنكى، ساغلاملىق تەپەككۇر، كەسىپچانلىق  تەلەپ قىلىدۇ. ساغلاملىق بىر خىل پۇزىتسىيەگە ئايلىنىشى كېرەك.
   مەنبە: يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى http://yarp.cn/forum.php

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
519
تۆھپە
179
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 03:33:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن موھىم دىگەن ئىدىيە ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسىدا شەكىللەنگەن بولسا ، ساغلام ھايات ،
خاتىرجەم تۇرمۇش ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:37, Processed in 0.076439 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991