ئۇلۇغ زاتلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى پارچە-پۇرات ئىشلار
خۇراپى پىكاسو- پىكاسو كىچىكىدىنلا چاچ ياسىتىشتىن ئىنتايىن قورقاتتى. ئۇ بىر ئاز چوڭ بولۇپ، ئۆزى ئىنتايىن ئىشىنىدىغان بىر ساتىراچ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىنلا چاچ ئالدۇرۇشتىن قورقمايدىغان بولغان.بۇ چاغدا ئۇ جاھانغا مەشھۇر سەنئەت پىرىگە ئايلىنىپ بولغان. ئۇنىڭ خۇراپىيلىقى بۇلا ئەمەس ئىدى، باش كىيىمىنى كارىۋاتقا قويۇپ قويۇش ياكى ئۆي ئىچىدە كۈنلۈك ئېچىش، ئۇنىڭ نەزىرىدە شۇ سورۇندىكى كىشىلەردىن بىرسىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. پىكاسو ئۆز دۆلىتىدىكى خۇراپىيلىقلارغا خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىپلا قالماستىن، باشقا دۆلەتلەردىكى خۇراپىي ئىدىيىلەرگىمۇ ھەرگىز شەك كەلتۈرمەيتتى. ئۇ تۇنجى ئايالى ئولگا ئارقىلىق روسلارنىڭ بىر مۇنچە خۇراپىيلىقلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئالايلۇق، ناننى ھەر قانداق ۋاقىتتا شىرەگە دۈم قويماسلىق ۋە باشقىلار. پىكاسو يەنە ئەزەلدىن كونا كىيىم- كېچەكلىرىنى تاشلىۋەتمەيتى، چۈنكى ئۇ ئىسپانىيە خۇراپىيىسىدا ئېيتىلغاندەك،ئۆزىنىڭ كونا كىيىملىرىنى كىيىۋالغان كىشىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن، يەنى ھاراقكەش سەرگەندارلارغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن قورقاتتى.
كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدىغان دارۋىن- دارۋىن كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تارتىنچاق ئىدى. ئۇنىڭ نامىنى جاھانغا تونۇتقان يەر شارىنى ئايلىنىش ساياھىتى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئازاپلىق ئىش بولغان، چۈنكى ئۇ شۇ ئىش ۋەجىدىن ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشكە مەجبۇر قىلغان. دارۋىن ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قايتا ساياھەت قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن، ئۇ ئادەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن يىرگىنەتتى. ئۇ مېھماندارچىلىق قىلىشنى ياقتۇرمايتى. ھەرقانداق كۈتۈلمىگەن خەۋەر، كۆڭۈلسىزلىكلەر ئەقەللىيسى بالا ئاغرىپ قېلىش، سۈتكە ئىس كېتىشتەك ئۇششاق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندىمۇ كۈنلەپ يېتىۋالاتتى. خاتىرجەملىككە ئېرىشىش، شۇنىڭدەك ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ چاكىنا قائىدە-يوسۇنلىرىنى كەمسىتىش ئۈچۈن، دارۋىن قاتنىشى قولايسىز بولغان چەت بىر كەنتتىن ئۆي سېتىۋىلىپ، ئايالى بىلەن ئۇ يەردە40يىل تۇرغان، دارۋىننىڭ نامى ئۆچمەس ئەسەرلىرىدىن <<ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىشى>>ۋە<<تۈرنىڭ كېلىپ چىقىشى>>مۇشۇ يەردە يېزىلغان.
كونا كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئېينىشتىيىن- ئېنىشتىيىنمۇ كونا كىيىملەرنى تاشلىۋېتىشنى ياقتۇرمايتتى،بۇ ئۇنىڭ خۇراپىيلىقىدىن بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كونا كىيىم كىيىپ يۈرۈشنى ياقتۇرغانلىقىدىن ئىدى. ئۇنىڭچە، مۇشۇنداق بولغاندا ئەركىن، ئازادە يۈرگىلى بولىدىكەن. ئېنىشتىيىن ياقىسىغا تۈگمە قادالمايدىغان كۆڭلەك كىيىپ يۈرۈشنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇ گالىستۇك ۋە باش كىيىمگە ئۆچ ئىكەن.
تەرسا ئېدىسون-ئېدىسون1925-يىلى شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرگە يازغان خېتىدە<<رادىيونىڭ ئىستىقبالى يوق>>دېگەن ئىدى. بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتچى كىشىلەر ئۆزلىرى تاللىغان مۇزىكىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇكى،رادىيو ئىستانىسى زورمۇزور تاڭغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ دەپ قارىغان. ئۇ ئۈمىدىنى پاتىفۇنغا باغلىغان، پاتىفۇن ياخشى سېتىلماي، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى رادىيو ئىشلەپچىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغاندا، ئۇ يەنىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۋالغان.
تاماكىدىن بىزار گيوتى_گيوتى تاماكا پۇرىقىغا چىدىيالمايتتى. بىر قېتىم ئۇ ئايال ئاشپىزىنى تاماكا چېكىدىكەن دەپ ئىشتىن چىقىرىۋەتكەن. ئۇ ئاشپەز شائىردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، شائىر سەيلىگە چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئىشخانىسىغا كىرىپ توختىماي بىرھازا تاماكا چەككەن. گيوتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنىڭدىنمۇ ئاتۇق ئۆچ ئېلىش بولمىسا كېرەك، ئۇ بىر ھەپتىگىچە ئىشخانىسىغا كىرەلمىگەن. گيوتى ئادەتتە خىللېردىن باشقا تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن باردى-كەلدى قىلمايتتى.