كۆرۈش: 2533|ئىنكاس: 2

چاڭ باسقان كىتاب[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
245
تۆھپە
166
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:51:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چاڭ باسقان كىتاب


مۇھەممەدئىمىن ھەسەن



    كىتاب- ئىنسانلارنىڭ يۇقىرغا ئۆرلەيدىغان شوتىسى.
    بىلىم- ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان، ھەرقانداق يامان قاراقچى، ئوغرىلارمۇ تارتىۋالالمايدىغان چاقناپ تۇرغان گۆھەر.
    مەن بۈگۈن ئاشۇ شوتا ۋە نۇرلۇق چىراغلارنى ئىزلەپ، شەھرىمىزنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان خۇسۇسىيلار ئاچقان بىر كىتاپخانىغا كىردىم. كىتاپخانا كىچىك بولسىمۇ ئىچىدىكى ئىشكاپلارغا تىزىلغان كىتابلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى بىر كىتاب دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. مەن كىتابلارنى بىر- بىرلەپ كۆرۈشكەباشلىدىم، قارىسام بەزى كىتابلار كونىراپ، بەزىسى يىرتىلىپ كىتىپتۇ. مەن ھەيران قالدىم ۋە كىتابخانا خوجايىنىدىن :
    - بۇ يەردە كونا ۋە يىرتىلىپ كەتكەن كىتابلار تۇرىدۇ، كونا كىتابلارنى يىغىپ ساتامسىلەر؟ دەپ سورىدىم. بۇ چاغدا دۇكان خوجايىنى كىتاب رەتلەۋاتاتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى ۋە ئۇلۇغ كىچىك تىندى، خۇرسىنغان ھالدا :-
    - نېمىسىنى دەيلا ئاكا، مەن بۇ كىتابخانىنى ئاچقىلى بەش يىل بولدى، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيتىنى بېيتىش، مەدەنىىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا كىتابقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قاتارلىق ئۇلۇغۋار ئارزۇ- ئارمانلار ۋە زور ئۈمىدلەر بىلەن ئاچقان ئىدىم، ئەپسۇس كۆرۈپ تۇرۇپلا ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق دېگەندەك. كىتابلارنى ئالغىلى ئادەم يوق، توپا بېسىپ دۇكاننىڭ ئىجارىسىگىمۇ پۇل تاپالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم. قوللىرىدىكى كونا ۋە يىرتىلغان كىتابلار ئەسلى يېڭى كىتاب ئىدى، مەن سىلىگە دېسەم كىتاب ئوقۇشقا كەمبەغەل، نامرات، كىتاب سېتىۋالغىلى پۇلى يوق كىشىلەر ئامراق ئىكەن، ئاشۇ بىچارىلەر كىتابلارنى سېتىۋالالمىغاندىن كېيىن ئوقۇپ كونا ۋە يىرتىق كىتابلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. كىتاب سىتىۋالغۇدەك پۇلى بار بايۋەتچىلەر پۇللىرىنى رېستۇران، قاۋاقلارغا تۆكۈپ ئۆمرىنى ھەرخىل ئويۇن- تاماششا، ئەيش- ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنى دۇنيادا ئەڭ بەخىتىلىك ئادەم ھېس قىلىپ، كىتاب سىتىۋالغىلى، كىتاب كۆرگىلى ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن، كىتابخانىنى تاقىۋىتىپ باشقا ئىش قىلىشنىمۇ ئويلىدىم، بىراق كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، يەنىلا خەلقىمىزگە ئۈمىد باغلاپ ئولتۇردۇم.
    مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ زادى ئىشەنگۈم كەلمىدى، لېكىن راست ئىدى، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، يۈرۈگۈمنى بىر نەرسە مۇجۇغاندەك بولدى. مەن ئۆز- ئۆزۈمگە ھازىر 21- ئەسىر ئەمەسمۇ دۇنيا  ئىلىم-پەننىڭ قايسى پەللىسىدە كېتىۋاتىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ بىزچۇ؟ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىۋاتىمىز. بىز ئۆز زامانىسىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان مۇتەپپەككۇر ئالىم، ئەدىپلىرىمىزدىن پەخىرلىنىپلا، ئۆزىمىز ئۆگەنمەي، ھېچئىش قىلماي، ھاراق- شاراپلارنى بولۇشىغا ئىچىپ، ناخشىلارنى تازا توۋلاپ، ھارماي ئويناپ ئۆتمەكچىمۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئاشۇ ئەجدادلىرىمىز، ئۇستاز ئەدىپلىرىمىز بىزنىڭ مەڭگۈ پەخرىمىز. بىراق ئەجدادلىرىمىز بىزگە داۋاملىق بىزدىن پەخىرلىنىپ، سىلەر ھېچ ئىش قىلماي، ئۆگەنمەي، ئويناۋېرىڭلار دېمىگەن بولغىيتتى؟ ھەرقانداق بىر يۇرتنىڭ كىتابخانسى تاقىلىپ قالسا ياكى كىتابلىرىنى توپا باسسا ، ئاشۇ يۇرت، ئاشۇ خەلقنى توپا باسقانلىق، تەرەققىيات ئىستىقبالى تاقىلىپ قالغانلىق ئەمەسمۇ.
    مەن دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەتتا ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلاردىن بولغان خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى زىيالىلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھاراق-قىمار، ماجاڭ قاتارلىق ھەرخىل كەيىپ- ساپا، ئەيشى- ئشرەت بىلەن رېستۇران،قاۋاقلارغا بەند بولۇپ، ۋەتەن- خەلقنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئۇنتۇپ، ئويۇندىن باشقا نەرسە كاللىسىغا كىرمەس بولۇپ قالغانلىقى، ھەتتا ئاتا- ئانىسىنىڭ، مىڭ جاپادا يىغقان پۇللىرىنى بۇزۇپ، چېچىپ ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقى، يەنە تېخى يىشى 40تىن ئاشقان رەسمى ئەركەك ھىساپلانغان چوڭ دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەركەكلەرنىڭمۇ بۇ ئىشلاردىن قول يىغمايۋاتقان، پەرزەنتىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىمۇ ئويلىمايدىغان سىماسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە كۆڭلۈم بەك يىرىم بولدى، كۆز ئالدىمدىن شەھرىمىزدىكى رېستۇران، قاۋاقخانا ، بورتخانا، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا، كىشىلەر توپلىشىپ قارت ئوينايدىغان چاسا دوقمۇشلىرى بىر- بىرلەپ ئۆتتى. ئۇلارنى بىر- بىرلەپ ساناپمۇ چىقتىم. كىتابخانا ۋە بىلىم مەرىپەت ئورنى بولغان مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىمۇ ساناپ چىقتىم. بۇ ئىككى ئورۇننىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم، نەتىجىدە ئويۇن- تاماشا،بەزمىخانىلارنىڭ سانى كىتابخانىلارنىڭ سانىدىن 100ھەسسە ئارتۇق چىقتى، بۇ ئورۇنلارنىڭ شۇنچە كۆپ بولىشىغا قارىماي، تىجارىتى شۇنداق روناق تېپىپ كۈندىن-كۈنگە جانلىنىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئادەملەر بىلەن توشۇپ كەتكەن. كىتاپخانىلارشۇنچە ئاز تۇرۇقلۇقمۇ كۈندىن- كۈنگە توپا بىسىپ ھەتتا تاقىلىپ قىلىش گىردابىغا يىتىپ قالماقتا.
    دۇنيا خەلقى بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭى نەتىجىلەرنى، يېڭى كەشپىياتلارنى ئىجاد قىلىپ پەخىرلەنسە، بىز بولساق ھەر تۈرلۈك ئويۇن- تاماشا، يېڭى- يېڭى توي ۋە چايلارنى ئىجاد قىلىپ پەخىرلىنىپ يۈرۈپتىمىز.
    بىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ئويۇن- تاماشىلىرىمىز بىزنى كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت بەرمەيۋاتىدۇ ۋە كىتابدىن يىراقلاشتۇرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بايلىرىمىز پۇل تىپىش بىلەن ئالدىراش، خىزمەتچىلىرىمىز خىزمەت بىلەن ئالدىراش، لېكىن ۋاقىت تاپسىلا چاي ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ.
دېھقان- چارۋىچىلارمۇ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئەمما ۋاقىت تاپسىلا دوقمۇش- دوقمۇشلاردا قارت ئويناش، ياكى جۇغلىشپ قۇرۇق گەپ قىلىش بىلەن بەند بولۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋتىدۇ.
    بىزنىڭ ياشلىرىمىز شەھىرىمىزدە قانچە رېستۇران ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بار دېسە تولۇق جاۋاب بېرەلىسىمۇ، قانچە كىتابخانا بار دەپ سورىسا جاۋاب بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن قىز- يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەت باھالىق كىيىم سېتىۋالغانلىقىدىن ياكى بىر ئولتۇرىشىدا نۇرغۇنلىغان پۇل خەجلىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ كۆز- كۆز قىلىشىدىيۇ ئەمما بىرەر كىتاب سېتىۋالغانلىقىدىن ياكى ئوقۇغانلىقىدىن پەخىرلىنىشنى بىلمەيدۇ.
    كىشىلەر ئۆي بېزىمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن كىيىم- كېچەك، زىبۇ-زىننەت ئىشكابلىرىنى ھەربىر ئۆيگە بىردىن ياساتىسىمۇ لېكىن كىتاب ئىشكابى ياسىتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ، مانا بۇ قىلىقلىرىمىز كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.  

قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن:


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
50
تۆھپە
16
UID
3603
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 12:16:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
646 قېتىم كۆرۈلدى - يۇ ، 0 قېتىم ئىنكاس ، مانا بۇ . . . !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:43:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كىتاپنى تەرك  ئەتكەن مىللەت  تەرەققىياتنى تەرك ئەتكەن مىللەتتۇر .  رىستورانلار ، ئىشرەتخانىلارنى ئاۋات قىلماي ، كىتاپخانىلارنى ئاۋات قىلساق ، پەرزەنتلەردىمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرسەك ،  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك  ‹ تۇرالغۇلىرىمىزنى ھەشەمەتلىك جاھازىلار بىلەن بېزىمەي كىتاپ جاھازىلىرى بىلەن بېزىسەك › ، ئومۇمى خەلقتە شۇنداق زور كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغالسا ، ھەممىلا كىشى ئىلىم ئۆگىنىشنى شەرەپلىك ۋەزىپە ھەم مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ قورالى دەپ چۈشىنىدىغان  بولسا ، تەرەققىيات بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالايتتىمۇ !؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 13:52  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:36, Processed in 0.073956 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991