كۆرۈش: 30396|ئىنكاس: 16

ئادىلجان سۇلايماننى بىلەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6103
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:51:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادىلجان سۇلايمان ھەققىدە


200508301823200.jpg


    ئادىلجان سۇلايمان 1967-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئاساسلىق بېكى. ھازىر <<بىرىنچى ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى. 1986-يىلى <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا، 1989- يىلى دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مەملىكىتىمىز ۋاسكىتبولچىلىق تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىققان ماھىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىش ۋە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە ماھىر بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن«ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر»دەپ ئاتالغان.
    ئادىلجان كىچىكىدىن ۋاسكىتبولغا قىزىقاتتى. 1979-يىلى ئادىلجان 13ياش ۋاقتىدا دادىسى سۇلايمان ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن ئادىلجاننىڭ بويى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، ئۇ ۋاسكىتبول سىنىپىغا كىرەلمەي ئامالسىز پۇتبول سىنىپىغا كىرىدۇ. 3ئايدىن كېيىنكى بىر ۋاسكىتبول مۇسابىقىدە، ئۇ باشچىلىقىدىكى پۇتبول سىنىپى ۋاسكىتبول سىنىپىنى يېڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ۋاسكىتبول ئويناش ھاياتى رەسمىي باشلىنىدۇ.
    <<1-ئاۋغۇست>> ۋاسكىتبول كوماندىسى تارىخىدا ئادىلجاننىڭ ئىسمى كوماندا ئەزالىرى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. 1986-يىلى 3-ئايدا، ئادىلجان <<1-ئاۋغۇست >> ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك ئەزاسى سۈپىتىدە خۇنەننىڭ چاڭشادا مەيدانغا چىققان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئادىلجاننىڭ ۋاسكىتبول ماھارىتى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ نامى ئېغىزدىن -ئېغىزغا تارقالغان. 1.82 مېتىرلىق بۇ ياش ئۇيغۇر يىگىتى بېشىغا قىزىل لېنتا باغلاپ، 5-نومۇرلۇق توپ كىيىمىنى كەيگىنىچە مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئادىلجان <<1-ئاۋغۇست>> كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست >> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى. ھازىر ئادىلجاننىڭ بىر ئوغلى ۋە بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلىمەكتە.

adj.jpg


2493274.jpg


0937517110.jpg


95801233762612559.jpg


a993041c3743f687c7535e960f4dc95e.jpg


c80aa992f20c0efe75e414.jpg


xin_531204070858046270832.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
245
تۆھپە
166
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:01:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجاندىن پەخىرلەندىم،بۈگۈنلا تونۇپ چىقتىم ھەم بىلدىم.ئادىلجانغا تىخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمەن.
ياخشى يوللاپسىز رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:09:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تېرنېرنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر  ئىكەنمەن  ، ئەمدى بىلۋالدىم رەھمەت سىزگە.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1366
تۆھپە
814
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:17:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
99.jpg
ئادىلجان ئوغلى ئارسلانجان بىلەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Barcelona تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 13:17  



Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
340
تۆھپە
178
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:49:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلەندىم،بۈگۈنلا تونۇپ چىقتىم ھەم بىلدىم.ئادىلجانغا تىخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1786
تۆھپە
181
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:29:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجاندىن چىرا  ناھىيىسىدىكى ھەمملەيلەن پەخىرلىنىدۇ.


Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
15
UID
25615
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 19:55:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەر قىلغانتى بايان،
«ۋاسكىتبول چۆلپىنى ئادىلجان».
«تەڭرىتاغ»دا كۆرگەن بۇ ئەسەر،
تۆھىپىلارنى قىلغانتى ئايان.

توردا كۆرۈپ بۈگەن مەن يەنە،
يۇرتدېشىمغا قىلدىم تەنتەنە.
باتۇر، چۆلپان كۆپلەپ چىقىدۇ،
بۇ ئەجداتتىن قالغان ئەنئنە.

پەخىرلىنىش بىرەر كۈچ قۇۋۋەت،
ۋاسكىتبولبولغا كېتەر ماھارەت.
تېخنىكىسى ياخشى ئادىلجان.
نئىجات قىلدى توپتىمۇ سەنئەت.


Rank: 4

تىللا
324
تۆھپە
155
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:30:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلەندىم، 、


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
980
تۆھپە
686
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:57:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلتۇرغۇ دەيمەن، CCTV_5 دا تۇنۇشتۇرغانتى بۇ ئادەمنى.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1309
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 10:26:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ يۇلى يەنىمۇ پارلاق بولغاي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 02:29, Processed in 0.086647 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991