كۆرۈش: 1173|ئىنكاس: 1

ھاياتلىق مۇساپىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
245
تۆھپە
166
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:44:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاياتلىق مۇساپىسى


مۇھەممەدئىمىن ھەسەن


ھاياتلىق مۇساپەمدە كۆردۈم كۆپ ئالامەتنى

ئۇخلىماي تۇرۇپ بەزەن كۆردۈم ھەم كارامەتنى

ھەرقەدەمدە يۈرەكتە قالدۇرۇپ جاراھەتنى

تاپتىم ھەم  خۇلاسەمدىن ھەسرەت ۋە نادامەتنى


يوقالماقتا ئادەمدىن مېھىر-شەپقەت دىيانەت

بارچە ئەلدە جاھاندا يامراپ كەتتى خىيانەت

بۇلغانماقتا ھاياتلىق كۆپ بولغاچقا جىنايەت

تاللىۋالدى ئادەملەر ئازغۇن ھەم زالالەتنى


بۇ جاھانغا ئادەملەر پۇل ئۈچۈن يارالغاندەك

دوسىت بولالماس ئۆز-ئارا رەقىپ بوپ تارالغاندەك

سىغدۇرالماس كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغاندەك

ئىچ ئاغرىتماس ئاجىزغا تاشلاپ ھەم ساخاۋەتنى


كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا باي-كەمبەغەل پەرقى

ئۆسۈپ كەتتى توختىماي ھەر نەرسىنىڭ نەرىقى

ئوخشاش ئىكەن جاھاننىڭ غەرىپ شىمال شەرقى

بەسلىشەركەن پۇل ئۈچۈن تاشلاپ ھەم ئادالەتنى


ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقى زاۋانلىققا يۈزلەندى

بۇنىڭ ئۈچۈن نەسھەت دانالاردىن سۆزلەندى

قىلمىشىدىن ئادەمنىڭ جان بېقىشلا كۆزلەندى

كېچە-كۈندۈز ئويلايدۇ ياشاش ھەم پاراغەتنى


ھاياتلىقنىڭ سوۋغىسى پۇشايماندۇر بىلگەنگە

بىخۇتلىشىپ ھاياتتا ئويناش بىلەن كۈلگەنگە

ھاياتلىققا قىلچىلىك نەپ يەتكۈزمەي ئۆلگەنگە

بېرەر ئىكەن بۇ ھايات تاپا ھەم مالامەتنى.


خۇلاسىدۇر يازغىنىم ھاياتلىقتىن بىر تامچە

سوۋغا بولسۇن دوستلارغا نەسىھەتتىن بىر قامچە

نەپ يەتكۈزگىن ھاياتقا ئاز بولغاندا بىر دانچە

سۆيۈنسۈن سەندىن ھايات كۆرۈپ ھەم ساداقەتنى


ئاپتورى: قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن:



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 19:27:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولىغان شئىرلىرىڭىز مەزمۇنلۇق،ياخشى ئىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:33, Processed in 0.074879 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991