كۆرۈش: 2618|ئىنكاس: 0

مىڭ لەنەت (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
295
تۆھپە
84
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:20:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىڭ لەنەت   


  (مۇزاتى)



ئىلاۋە :
     ھۆرمەتلىك تورداش ۋە ئوقۇرمەنلەر ،مېنىڭ بۇ تېمام گەرچە بەك كۆپتۈرىۋېتىلگەندەك،( قىزلارنى بەكلا ئەيىپلىگەندەك) كۆرۈنسىمۇ ، جەمئىيەت تەكشۈرۈش،ئاۋامنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە قىسمەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ چۈشۈنۈپ يېتىش ئارقىلىق بۇ تېمىنى يېزىپ يوللىدىم. ھەممىگە مەلۇم، جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزى (مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرى) ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ، ۋىجدان، ئار-نومۇسنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئاۋۋال <<دىبا>>-قاۋاقلاردا، ئاندىن قىزلىق ئىپپىتىنى يوقۇتۇپ مېھمانساراي-ياتاقلاردا قونۇپ، ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇش(مەيلى ئۇ قايسى تائىپتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر)، ھەتتا ئاخىر بېرىپ <<لەي-لەي خانىلار>>(پاھىشەخانىلار)دا مېھمان كۈتۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىپ ، قىزلارنىڭ بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ نامىغا داغ يەتكۈزمەكتە..........(بۇ قىلچە  ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولماستىن چىن ئەھۋال).
     گەرچە بۇ ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ<<ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ>>نۇ نىجىس كېسەللىك پاك قىزلىرىمىزغا يۇقمىسۇن،ئۇلارنىڭ پاك-غۇبارسىز قەلبىنى بۇلغىمىسۇن دىگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
     <<ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ئادەمنى تەربىيە>>، ئۇلار يەنىلا گۆدەك، تەربىيىگە مۇھتاج!
    قىزلىرىمىز كەلگۈسىدىكى ئانىلار، مىللىتىمىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەشۇلارنىڭ قولىدا! ھەممەيلەن ئۆز پەرزەنتلىرىمىزگە ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولايلى!


مىڭ لەنەت


(مۇزاتى)



چېھرى ئادەك قىلىقى سەت نادان قىزغا مىڭ لەنەت،

ھارام پۇلنى قىلىپ مەقسەت باسقان ئىزغا مىڭ لەنەت؛

<<ئۇيغۇر قىزى>>نامىن بۇلغاپ يىگەن تۇزغا مىڭ لەنەت،

قىزلىقىنى ھېچ بىلەلمەس ھاياسىزغا مىڭ لەنەت.


ئاتا-ئانا ئۇنى ئەسلى باققان مۈشكۈل-جاپادا،

ئاتاپ ئاڭا قان-تەرىنى شۇنچە مېھرى-ۋاپادا؛

ئەمدىلىكتە تۆكۈپ يۈزنى قويدى تەنە-تاپادا،

ئەجداتىغا يۈز كېلەلمەس ھاياسىزغا مىڭ لەنەت.


قۇلاق سالماي نەسىھەتكە يۈردى دىبا-قاۋاقتا،

كىرىپ شەيتان كەينىگە ھەم قونۇپ قالدى ياتاقتا؛

<<ئىپپىتىڭنى نە قىلدىڭسەن>>دېدى ۋىجدان سوراقتا،

ئەلدە يۈزىن كۆتۈرەلمەس ھاياسىزغا مىڭ لەنەت.


ئۇيغۇر قىزى سالغىن قۇلاق ، بىلىۋالغىن ئۆزۈڭنى،

مىللىتىمنىڭ نامىن بۇلغاپ، خوش قىلمىغىن ئۆزۈڭنى؛

ئىپپەتسىزلا ئانا بولساڭ قىلماس يورۇق يۈزۈڭنى،

ئەلگە نومۇس كەلتۈرگەن شۇ ھاياسىزغا مىڭ لەنەت!



مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم.



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:35, Processed in 0.071382 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991