كۆرۈش: 3468|ئىنكاس: 4

مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
40
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ؟



    بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ، ئاپەت توغرىسىدىكى بىر فىلىم «2012» دۆلىتىمىزدە قىزغىن قويۇلۇپ ، ئاسمان گۆمۈرۈلۈپ، يەرلەر يېرىلغان ، يەر جاھان تەۋرەۋاتقان ، ۋولقانلار ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ، كەلكۈن يامراۋاتقان ، شەھەرلەر ۋەيران بولۇۋاتقان...... ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بۇ مەنزىرىلەر سانسىزلىغان تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ئىدى . گەرچە بۇ فىلىمدە توقۇپ چىقىرىلغان 2012-يىلى يۈز بېرىدىغان « زامان ئاخىرى » نىڭ مەنزىرىسى بولسىمۇ ، لېكىن مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىنسا چوقۇم تەبىئەتنىڭ جازالىشىغا ئۇچرايدىغان قائىدىنى ئوبرازلىق ھالدا ئېچىپ بەرگەن .
   شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بىز مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتۇق ، قىسمەن ھەۋز دائىرىلىرىدىكى بۇلغىنىشنى تۈزەشتە دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق ، قىسمەن شەھەر ۋە رايونلارنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئاز-تولا ياخشىلاندى ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇلغانما قويۇپ بېرىش دەرىجىسى بىر ئاز تۆۋەنلىدى.
    لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن جىددىي ، ئۇزۇن مەزگىل يىغىلىپ قالغان مۇھىت مەسىلىلىرى تېخى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ ، يېڭى مۇھىت مەسىلىلىرى يەنە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يۈز يىلدىن ئارتۇق سانائەتلەشتۈرۈش جەريانىدا باسقۇچلار بويىچە يۈز بەرگەن مۇھىت مەسىلىلىرى دۆلىتىمىزدە مەركەزلىك ھالدا يۈز بېرىۋاتىدۇ . بەزى رايونلاردا مۇھتىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەنىڭ يامانلىشىشى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى .
    نۆۋەتتە، مۇھىتنىڭ ئېغىر ھالدا بۇلغىنىشىنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
     تەرەققىيات ئۇسۇلى يىرىك . دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى گەرچە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ ، لېكىن كەسىپ سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتە بىر قەدەر تۆۋەن ، بۇلغانما قويۇپ بېرىشى كۆپ بولۇپ ، بۇنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقى زور بولۇۋاتىدۇ . ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كېرەكسىز سۇلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارى 4 ھەسسە يۇقىرى چىققان، بەزى بىرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بۇلغانما قويۇپ بېرىش مىقدارى 10 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئەگەر بۇ خىل يىرىك تەرەققىيات ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈپتىن چەكلەش قىيىن.
     ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ قوزغىتىشى . بەزى جايلار تەرەققىيتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىپ مۇھىتقا سەل قارىماقتا، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا ئېتىبار بېرىپ، كەلگۈسى بىلەن ھېسابلاشمايۋاتىدۇ، قىسمەن مەنپەئەتنى ئويلىنىشى كۆپ، ئومۇمىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇشى ئاز بولۇۋاتىدۇ، بەزى جايلار ھەتتا ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇھىتنى قۇربان قىلىشتىن ئايانمايۋاتىدۇ.
    جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە قانۇننى ئىجرا قىلىش قاتتىق ئەمەس . گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلگەن، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھىتنى ئاسراشتا، قانۇن بولسىمۇ ئۇنىڭغا تايانماسلىق، قانۇننى ئىجرا قىلىش قاتتىق بولماسلىق، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەسلىك ئەھۋاللىرى ئارىلاپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى جازالاش سالمىقىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، كارخانىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇھىتنى بۇلغاش ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۇلغايتىۋەتتى.
     تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىللەتلىرى . ھازىر مۇھىت باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى نۇرغۇن تارماقلارغا گىرەلەشتۈرۈلۈپ ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، مۇھىت ئاسراشنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش ۋە فۇنكسيەنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىشنى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. يەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىدا قوش رەھبەرلىك قىلىش، يەرلىكنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ يەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ مۇستەقىل قانۇن ئىجرا قىلىشىغا پايدىسىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتى پەقەت ئۆز مەمۇرىي رايونى بىلەنلە چەكلىنىدىغان بولۇپ، بۇلغىنىشنى باشقىلارغا ئىتتىرپ قويۇش ئەھۋاللىرى قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، چېگرا ۋە رايون ھالقىغان ھەۋزلەرنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.
   مۇھىت مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بۇلغاش ھەرىكىتى ھەمىشە قىسقا مۇددەتلىك ، لېكىن ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇپ ، ئۇنى ھەل قىلىشتا مۇقەررەر ھالدا يۇقىرى بەدەل تۆلىنىدۇ . دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدىكى ، ئاۋۋال بۇلغاپ ئاندىن كېيىن تۈزەشتىن ئىبارەت كونا يولدا مېڭىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان ، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز لازىم.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
581
تۆھپە
213
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:49:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى كۈندىن كۈنگە ئېغىر بولماقتا ياخشى تېما ئىكەن.


Rank: 2

تىللا
52
تۆھپە
22
UID
27170
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:38:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موھىتنىڭ بولغىنىشى،ئىنسانلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا سەل قاراۋاتىدۇ،ھازىرقىنىلا كۆزدە تۇتۇپ،كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلانمايۋاتىدۇ.ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغان،ئاساسلىقى چۆل يېپىنچىلىرى ئېغىر نابوت قېلىنىۋاتىدۇ،بۇنداق ئەھۋالغا نىسبەتەن ئالدىن بۇزۇپ كېيىن تۈزەش ئەمەس،ھەرقانداق بىر تۈرنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن ئېكىلوگىيىلىك موھىت مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇشى كېرەك ئىدى!


Rank: 1

ئىسىمى
ئابدىقەييۇم
تىللا
36
تۆھپە
12
UID
28160
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:43:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىتنى ئاسراشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كىرەك.يەرشارى پەقەتلا بىر.


Rank: 2

تىللا
94
تۆھپە
39
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 23:09:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرققىيات بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەھلىل قىلىشى كىرەك. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بۇ مەسىلىگىمۇ سەل قارىمىسا دەيمەن!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 02:26, Processed in 0.076198 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991