كۆرۈش: 3723|ئىنكاس: 11

كىتاب ئوقۇش ساغلاملىققا پايدىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
288
تۆھپە
170
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 23:37:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتاب ئوقۇش ساغلاملىققا پايدىلىق



     تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ، جىسمانىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق ئىكەن. مېدىتسىنا ئىلمىدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى پۈتۈن ئورگانىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىئولوگىيە ئىلمىدە «ئىشلىتىلسە راۋاج تاپىدۇ، بىكار قويسا چېكىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار. دېمەك، ئورگانىزم دائىم ئىشلەپ تۇرسا، ساغلام تۇرىدۇ، ئاز ئىشلىتىلسە ياكى داۋاملىق ئىشلىتىلمىسە ساغلاملىقى چېكىنىپ كېتىدۇ. تېببىي ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىنىڭ نېرۋىسىنىڭ ئوبدان تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قېرىپ كەتكەندىمۇ، نېرۋىنىڭ ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
  دېمەك، ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەتچانلىقتا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى رېتسېپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى پسىخىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۇرغۇن كېسەل روھىي جەھەتتىن داۋالىنىش ئارقىلىق دورا يېمەيمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بەزى كېسەللەر روھىي ھالەت ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ ياكى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، ياخشى كىتابلار بىر خىل مەنىۋى دورا، روھىي ئوزۇق بولۇپ، ئۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، دائىم كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، روھىي ھالىتىنى پاكلاشتۇرۇشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقىمۇ پايدىلىق، ياپونىيە نوپۇس ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار پەيلاسوپلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل كىتاب ئوقۇشى، يېزىقچىلىق قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نىجات
تىللا
200
تۆھپە
53
UID
14674
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:05:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر ئادىتىم كىتابىنى ئوقۇشنى باشلاپ ئاخىرىغىچە ئوقۇۋەتمىسەم كۆڭلۈم پەقەت ئۇنىمايدۇ، ‹جاللات خېنىم› نىڭ ئىككى قىسمىنى ئىككى كۈندىلا ئوقۇپ تۈگىتىۋەتكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:04:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز، كىتاپ بىتاپلىق دورىسى.


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
245
تۆھپە
166
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:05:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق كىتاپ ئوقۇش سالامەتلىككە پايدىلىق،ھەم ھاياتلىققا تىخىمۇ كۆپ پايدىلىق،مەن بۇ دۇنيادا كىتاپنى ھەممىدىن
بەك ياخشى كۆرىمەن،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
518
تۆھپە
203
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:32:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋ.............ا


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
راس
تىللا
180
تۆھپە
43
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:56:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلغان ئۇلۇق داھي ماۋجۇشىمۇ بىر تەرەپتىن دۆلەت باشقۇرۇپ،بىرتەرەپتىن كىتاپ ئوقۇشنى توختاتمىغان.تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بىر ئايدا بىر كىتاپ ئوقۇيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:16:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان  ھەرقانداق بىر ئادەمنى ، ھەر خىل چارە ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ  ئوقۇمايدىكەن . يېقىندا بىر تونۇشۇم  15 ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلىغا بىر كىتاپ  سېتىۋېلىپ سوۋغا قىپتۇ  ، ئوغلى كىتاپنى  قولىغا ئېلىپ بىرنەچچە بەت ۋاراقلىۋېتىپ ئاتا مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كورمەيمەن ، مىنى كىتاپ ئوقۇ دەپ قىينىمىغىن ،مەن كىتاپ سېتىۋالغان پولۇڭنى يېزىغا بېرىپ بىركۈن  كېۋەز تىرىپ  تولەپ بىرەي دەپتۇ ، ئاچىقىمدا بىرنەچچىنى سېلىۋىتەي دەپ  يانا  ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى . كىتاپ ئوقۇغاننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈردۈم  لىكىن بالامدا ھىچقانداق ئىنكاس يوق  . بۇ جاھاندا بەزى بالىلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى . شۇ بىركۈن چىۋىن يەۋەلغاندەك  بىر قىسمىلا يۈردۇم  .  بالام كىتاپ ئىشكاۋىمدىكى كىتاپلىرىمنىمۇ  ياقتۇرمۇدۇم دەپلا تاشلىۋەتمەس - ھە دەپلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم دەيدۇ . مەنمۇ باشقا گەپمۇ قىلمىدىم .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
980
تۆھپە
686
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:51:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىن، مۇنبەرلەردىن ياخشى ئەسەرلەرنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ ھىساپقۇ ھە؟


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
758
تۆھپە
232
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 00:05:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا شۇنداق ئوقۇيتتۇم، ھازىر نەدىكى ۋاقىت؟


گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
6016
تۆھپە
554
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 22:25:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنمۇ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق . بەزىدە ياخشى كۆرىدىغان كىتاپتىن بىرنى ئوقۇپ تۇگەتكەندە ئاجايىپ ھوزۇرلۇنۇپ كېتىمەن . ئاندىن يەنە قايتا-قايتا يېڭى باشتىن ئوقۇشقا باشلايمەن . بۇنداق قىلىش مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلانغان .  
  مېنىڭچە ئادەم كىتاپتىن ئالغان تەربىيە ھەممىدىن ئۈستۇن بولسا كېرەك .


مورى ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 02:23, Processed in 0.078452 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991