خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ دىلولىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كىرەك؟
بۇ ھەقتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىملىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلارنىڭ دىلولىرىنى سوت قىلىشقا دائىر بىر قانچە پىكىردە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن. 1. 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى « نىكاھلىنىشنى تىزىملاش چارىسى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا، ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئاممىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى دەپ قارىغانلاردىن بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە «نىكاھتىن ئاجرىشىش» نى دەۋا قىلغاندا ئىككى تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشىدىغان بولسا، ئۇ پاكىتقا ئايلانغان نىكاھ مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛ دەۋا قىلغاندا بىر تەرەپ ياكى ئىككىلا تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمىسا، ئۇنى قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىش كېرەك. 2. 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى « نىكاھلىنىشنى تىزىملاش چارىسى» يولغا قويۇلۇشتىن كېيىن، نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا، ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئاممىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى دەپ قارىغانلاردىن بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە «نىكاھتىن ئاجرىشىش» نى دەۋا قىلغاندا ئىككى تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشسا ۋاقئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بار دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛بىر ئۆيگە كىرىۋالغان بىر تەرەپ ياكى ئىككىلا تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمىسا، ئۇنى قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىش كېرەك. 3. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ئېلان قىلغان نىكاھلىنىشنى تىزىملاش ۋە باشقۇرۇش نىزامى يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرگە قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. 4. نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن قايتا نىكاھلانماي يارىشىۋېلىش رەسمىيتى ئۆتىمەيلا يەنە ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەنلەردىن بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش قىلمىشىنى بىكار قىلىۋېتىش كېرەك. 5. نىكاھلىنىشنى تىزىملاتقان بىر تەرەپ يەنە 3-كىشى بىلەن ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرسە ياكى ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بىر تەرەپ يەنە 3- كىشى بىلەن نىكاھلىنىشنى تىزىملاتسا ۋە ياكى ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بىر تەرەپ بىر كىشى بىلەن يېڭىدىن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرسە ئالدىنقى نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى بىر تەرەپ قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىگە توشقان-توشمىغانلىقىدىن قەتئىنەزەر، كېيىنكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش كېرەك، نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ كونكېرت ئەھۋالىغا قاراپ، مۇرەسسە قىلىش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. 6. ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغانلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، ئالدى بىلەن مۇرەسسە قىلىش كېرەك. مۇرەسسە ئارقىلىق كېلىشىپ قالغانلار ياكى دەۋادىن كەچكەنلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى كۈچكە ئىگە دەپ بېكىتىپ، ئۇلارغا مۇرەسسەنامە ياكى كېسىمنامە بېرىش كېرەك؛ مۇرەسسەدە كېلىشتۈرگىلى بولمىغانلارنى مۇرەسسە ياكى ھۆكۈم ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجراشتۇرۋېتىش كېرەك. 7. نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئەر-ئاياللاردىن بىر تەرەپ « نىكاھتىن ئاجرىشىش»نى ياكى مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ ئۆتكەنلىكى ئېنىقلانسا ھۆكۈم ئارقىلىق بىردەك بىكار قىلىش كېرەك.
گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن : نۇرجامال مەمتىمىن
|