ھەرخىل يەرلەرنىڭ ھۆددىگەرلىك مۇددىتى قانداق بولىدۇ؟ ھۆددىگەرلىك توختامى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىنىڭ 20-21-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30يىل بولىدۇ. ئوتلاق يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 50-30يىل بولىدۇ.ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 70-30يىل بولىدۇ؛ ئالاھىدە دەل-دەرەخ بار ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغۇچى بىلەن يازما ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالىشى كېرەك. ھۆددىگەرلىك توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىەە ئالىدۇ: (1) ھۆددە بەرگۈچىنىڭ، ھۆددە ئالغۇچنىڭ نامى، ھۆددە بەرگۈچى جاۋاپكار كىشىنىڭ ۋە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ۋەكىلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى؛ (2) ھۆددە ئالغان يەرنىڭ نامى، جايلاشقان ئورنى، كۆلىمى، سۈپەت دەرىجىسى؛ (3) ھۆددە مۇددىتى ۋە باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛ (4) ھۆددە يېرىنىڭ ئىشلىتىلىشى؛ (5) ھۆددە بەرگۈچى تەرەپ ۋە ھۆددە ئالغۇچى تەرەپنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى؛ (6) پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋاپكارلىقى قاتارلىق ماددىلار تولۇق ئەكس ئېتىشى كېرەك.
گۇما ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن:نۇرجامال مەمتىمىن
|