لامپۇچكا    ئالماشتۇرۇش
     ئۆينىڭ چىرىغى كۆيۈپ كېتىپ ،لامپۇچكا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپتۇ ،لېكىن ئەركماننىڭ بالىسى ھورۇنلۇق قىلىپ ،ئورۇندۇق ئەكەلگىلى ئۇنىماپتۇ ،ئەركمان بالىسىنى گەپكە كىرگۈزەلمەي :
   -ئۇنداقتا  مۈرەمگە چىقىپ ئالماشتۇرغىن ، - دەپتۇ .  
   شۇنىڭ بىلەن بالىسى لامپۇچكىنى ئېلىپ دادىسىنىڭ مۈرىسىگە چىقىپتۇ ،خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بالىسى جىممىدە تۇرغاندىن كېيىن ،ئەمەت ئۇنىڭدىن:
   -ئالماشتۇرۇپ بولدۇڭمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ .
   -بۇرمىلىق لامپۇچكا ئىكەن ،سەن ئايلىنىپ بەرمىسەڭ قانداق ئالماشتۇرىمەن ؟ -دەپتۇ بالىسى . 
ئېسىگە ئېلىش 
     سەرۋى بەك ئۇنتۇغاق ئىكەن ،بىر كۈنى ئۇ بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېسىگە ئاپتۇ ،لېكىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەپتۇ ، ئۇ شۇنداق ئويلىنپ يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپتۇ - دە :
  - ھە راست ، بۈگۈن كەچ بالدۇر ئۇخلىماقچى بولغانىدىم ، - دەپتۇ ھېلىقى ئىش ئېسىگە كېلىپ .
چاشقان دورىسى 
     تەڭرىتاغ چاشقان دورىسى سېتىۋىلىپ ، ئۇنى دائىم چاشقان ئۆتىدىغان يولغا تاشلاپ قويۇپتۇ ،بىراق نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ چاشقانلار ئۆلمەپتۇ ، تەڭرىتاغ سودىگەرنى تېپىپ ،ئۇنىڭغا بەرگەن دورىسىنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ،سودىگەر تەڭرىتاغقا : 
    - چاشقاننى تۇتۇپ ،ئىلمان سۇ بىلەن دورىنى ئىچۈرۈڭ ،شۇنداق قىلسىڭىز دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ ، -دەپتۇ .
     تەڭرىتاغ دېگىنىدەك قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغ يەنە سودىگەرنى ئىزدەپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ . 
    -بۇ دورىنى بىر باسقۇچتا ئالتە قاپ ئىچۈرىسىز ، -دەپتۇ سودىگەر .