كۆرۈش: 4454|ئىنكاس: 3

«ھۇررا » توۋلاش ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
15904
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 17:44:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



    دىيارىمىزغا نىسبەتەن 2012-يىلدىكى  ئەڭ قىزىق تېما <<ھۇررا!>> بولدى. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جوڭگۇ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى شىنجاڭ رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان <<2012-يىللىق ب دەرجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى>>دىن تارقالغان <<ھۇررا>>سادالىرى تەڭرىتاغ باغرىدىن ئۆتۈپ مەملىكىتىمىز جۇڭگو شۇنداقلا چەتئەللەردىكى پۇتبول سۆيەر خەلقلەرنى ھەيران قالدۇردى . يۈكسەك مەدەنىيەت خېمىرتۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ روھ ،بۇ بىرلىك ، بۇ ئىناقلىق مەملىكىتىمىز  ۋە دۇنيا خەلقىگە پۇتبول سۆيەر روھىمىزنى ، پۇتبول مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتتى.   
      بۇنىڭدىن 11ئەسىر ئىلگىرى بۈيۈك قامۇسىمىز <<تۇركىي تىللار دىۋانى>>دا تىلغا ئېلىنغان بۇ تەنتەربىيە تۈرى ئەزەلدىن ئەزىمەتلەرنىڭ مەردلىكىنى ،جەسۇرلۇقىنى سىنايدىغان بىر بەيگە ئىدى. ئەلۋەتتە، مەدەت بەرگۈچىلەردىمۇ مەردلىك ،جەسۇرلۇق روھىنى ئۇرغۇتاتتى. بۇ بىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىمىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئىدى. لېكىن قاچانلاردىدۇر بىر چاغلاردا كەيدۈرۈلگەن، بېشىمىزغا ماس كەلمىگەن <<ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى>>دېگەن قالپاقنىڭ ئاسارىتىدە، ھېسياتقا باي روھىي ئاجىز ،يىغلاڭغۇلۇق خاراكتىرى كۈچىيىپ كەتكەن مۇھىتتا ياشاۋاتقان خەلقىمىز ، تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كېتىۋېتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ،ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ <<ئوقياچى مىللەت>>دەپ ئاتالغاندەك ؛ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى زامانىدا تۈرلۈك ساھە بويىچە يېتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن <<مەرىپەتچى مىللەت >> دەپ ئاتالغاندەك <<پۇتبولچى مىللەت>> دەپ ئاتالسابولماسمۇ؟!           
       پۇرسەت شۇنداق نەرسىكى ، ئۇنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ تۇتالمىسا گەرچە ئوغۇزخاننىڭكىدەك ئۆتكۈر قېلىچ بولسىمۇ ئۇ چامغۇر ئاقلاشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. سۇتۇق بۇغراخاننىڭكىدەك ئۇچقۇر ئارغىماق بولسىمۇ قوش تارتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بايقىساق بۇ بىز ئۈچۈن تارىخىي خاراكتىرلىق بىر پۇرسەت ! چۈنكى شۇ پەيتتە جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈمىدىنى شىنجاڭغا باغلىدى. دۇنيامۇ شىنجاڭنىڭ پۇتبول مەدەنىيىتىگە قىزىقماقتا...
        بىزگە ئوخشاش تەپەككۇر تىپىدىكى ئەمەس، ھېسسىيات تىپىدىكى مىللەتلەردە لوگىكىلىق پىكىر قىلىش ئادىتى كەمچىل ، ھېسسىياتلىق پاراڭ-سۆھبەتلەر كۆپ، ئىلمىي روھ كەمچىل، قارىغۇلارچە  قىزغىنلىق كۈچلۈك بولىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن غەلىبە خۇمار بولۇپ قېلىش، غەلبە قىلسا جاھانغا پاتماي ، بىر قېتىم مەغلۇپ بولسا پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقىتىش ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ھەل قىلماي قارىغۇلارچە قېيداش ، ھەممىدىن ۋاز كېچىش ، <<خوجىسىدىن رەنجىسە ،ئاچچىقىنى مالىيىدىن چىقىرىش>>.... تەك بىر قاتار سەلبىي روھىي ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھەممە ئۈچۈن پاسسىپ تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر ناچار پىسخىك ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، پۇتبول ھەرىكىتىنى ۋە پۇتبول مەدەنىيىتىمىزنى قايتا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىدىغان پىسخىك ھالەتنى ساقلاپ ،قىيىنچىلىقلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ "ھۇررا 'سادالىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىمىز لازىم .  <<ھۇررا>>سادالىرىمىز ئەزىمەتلىرىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيىتلەردە تېخىمۇ جاراڭلىق ياڭرىسۇن! ئۇلار مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىۋاتقاندا ئۇلارغا <<ھۇررا>> دەپ تەسەللىي بېرەيلى .
      خۇلاسە كالام، ھۇررا توۋلاش ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشى . ئەزىمەت غەلبە قىلغاندىمۇ ''ھۇررا'' دەپ توۋلايدۇ. مەغلۇپ بولغاندىمۇ قايتا ''ھۇررا'' دەپ توۋلىيالايدۇ.   ئاخىرىدا ھەممىمىز بىرلىكتە 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 دە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 2012-يىللىق ب دەرجىلىك كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە '' ھۇررا " سادالىرىمىزنى بىرلىكتە كۆككە ياڭرىتايلى .

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:19:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 دە ئەمەس 14 تىدۇ.
بولسا دوسلار يېڭى رىكورت يارىتايلى ، ئەزىمەتلەرگە مەدەت بېرەيلى ، ئالدىنقى 4  - ئورۇنغا ئۆتۈشىگە ، غەلبە قىلىشىغا دۇئا قىلايلى


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 4

تىللا
413
تۆھپە
112
UID
14483
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:38:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئىچى- تېشى ھۇرراچىلار بىلەن لىق تولسۇن. كوماندىمىزغا مەدەت بىرەيلى. غەلبىنى قولغا كەلتۈرەيلى. مەنمۇ مۇمكىن بولسا يىتىپ بارىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   未来和田 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 20:39  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
6016
تۆھپە
554
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 22:00:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەك ياخشى يېزىپسىز . نۆۋەتتىكى پۇتبول قىزغىنلىقى ئۆزىگە بىۋاستە ۋە ئەگەشمە ھالەتتە نۇرغۇن ساھەلەرگە تەسىر كۆرسۇتۇپ ، پۇتبولچىلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنى ، تەنتەربىيىچىلەرنى ، ئوبزورچى يازغۇچىلارنى ، تەتقىقاتچىلارنى ، فوتوگرافلارنى ، مۇكەممەلەشكەن توپ مەستانىلىرىنى، ئەڭ موھىمى كەلگۇسىدىكى ئۈمىد چولپانلىرىنى يېتىشتۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ .
  بىز ھېچ بولمىسا تەڭرىتاغ ئاسمىنىنى لەررزىگە سالغان ئاشۇ « ھۇررا !» ساداسنىنىڭ بىر كىشىلىك ئاۋاز دولقۇنىنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشايلى ! ھۇررا !!!


مورى ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 02:22, Processed in 0.072748 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991