بەزىلەر نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى دېيىشىدۇ، بۇنىڭمۇ مۇئەييەن ئاساسى بار. نىكاھلىق تۇرمۇشتا چۆمۈچنى قازانغا تەگمەيدۇ دېيەلمەيمىز، مۇشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك جېدەللەر ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مېھرى -مۇھەببەتنى خورىتىدۇ، نەتىجىدە نىكاھ راستىنلا مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ياخشى ئەر بولاي دېسىڭىز، بۇنىڭدىن ساقلىنىشىڭىز زۆرۈر، ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس، پەقەت كۆڭۈل بەرسىڭىزلا كۇپايە.
ئىلگىرى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا چاغلىرىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ. بۇ ھېسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئامالى.
خاتىرە كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇنداق كۈنلەرنى ئۆزىڭىز ئويلىغان ئەڭ رومانتىك ئۇسۇل بىلەن خاتىرلەڭ.
گەدىنىڭىزدىكى قەرزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئايالىڭىز سىز تېخى ھېچنېمىسى يوق‹‹ يالاڭتۆش يىگىت›› ۋاقتىڭىزدا سىزگە ياتلىق بولغان. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى بەختلىق قىلىشقا تىرىشىڭ.
داۋاملىق كۆيۈنۈڭ. تويدىن ئىلگىرى پېيىدىن چىقماي سوكۇلدايدىغان، تويدىن كېيىن ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق بولمايدىغان ئەر بولماڭ، كۆيۈنىشىڭىز ئىزچىل بولسۇن.
ئانچە-مۇنچە ئايرىلىپ تۇرۇڭ . ئىككى ئادەم ئۇزاق مەزگىل بىللە ئۆستە، يېڭىلىق بولماي قالىدۇ ، شۇڭىمۇ مۇۋاپىق پەيتتە قىسقا مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغانمۇ ياخشى، بۇمۇ سېغىنىشنى كۈچەيتىشتىكى ئوبدان ئۇسۇل.
ماتېرىيالدىن ئېلىندى