ھەقىقىي مۇھەببەت
قايسىبىر پەيلاسوپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «دۇنيانىڭ شۇنچە ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشى ئەلۋەتتە مۇھەببەتنىڭ ھەممە يەرنى قاپلاپ تۇرغانلىقىدا! مۇھەببەت بارچە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسى.»
مەن بۇ پەيلاسوپنىڭ قارىشىغا تامامەن قوشۇلىمەن. شۇ سەۋەبلىك، مەن پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپلا، مۇنبەرگە تۇنجى چىقىشىمدىكى بىرىنچى سائەتلىك دەرسىمدىلا، 35 نەپەر ئوقۇغۇچۇمغا ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى مۇھەببەتنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇلارغا بىر بەتلىك ئىمتىھان سوئال قەغىزى تارقاتتىم. مەن تۈزگەن بۇ ئىمتىھان سوئالى مۇنداق ئىدى:
تۆۋەندىكى بەش خىل تاللاش ئىچىدىن، ئۆزىڭىز «بىردىنبىر» دەپ قارىغان مۇھەببەتنى تاللاپ چىقىپ قالغان تۆت خىل تاللاشنى بويىۋېتىڭ: مەكتەپكە بېرىش، ۋاقىت، قۇياش، دوست، پۇل-مال. ئەگەر سىزنىڭ قەلبىدىكى «بىردىنبىر» مۇھەببەت بۇ بەش خىل تۈردىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بولسا، بۇ بەش خىل تۈرنىڭ ھەممىسىنى بويىۋېتىڭ. ھەمدە سۇئالنىڭ ئارقىسىغا ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىدىكى «بىردىنبىر» مۇھەببىتىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ!
سىنىپنىڭ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى. قەلەملەردىن چىققان شىرت-شىرت قىلغان ئاۋازلاردىن ھەربىر ئوقۇغۇچىمنىڭ يۈرەك قەلبىدىكى مۇھەببەتلەر قەغەز يۈزىگە قونماقتا ئىدى.
بېرىلگەن بەش مىنۇت ۋاقىت توشتى. ئىمتىھان قەغەزلەر بىر-بىرلەپ يىغىۋېلىندى. مەن جاۋابلارغا قاراپلا چەكسىز ھەيران قالدىم. 35 ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن 34ى بەش خىل تاللاشنىڭ ھەممىنى بويىۋەتكەنىدى ھەمدە ھەممىسى دېيىشىۋالغاندەكلا سۇئالنىڭ ئارقىسىغا «ئاپام» دەپ يازغانىدى.
مەن ئا دىن سورىدىم:
سىز نېمە ئۈچۈن «ئاپام» دەپ يازدىڭىز؟
ئاپام ئەڭ جاپاكەش، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھنەت تەرى بىلەن ئۆيىمىزگە بەخت ئاتا قىلدى.
ب دىن سورىدىم:
سىز نېمە ئۈچۈن «ئاپام» دەپ يازدىڭىز؟
ئاپام ھەممىمىزگە كۆيىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە مۇھەببىتىنى ماڭا بېرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مەندىن ھېچقانداق بىر جاۋاب تەلەپ قىلمايدۇ.
س دىن سورىدىم:
سىز نېمە ئۈچۈن ئاپام، دەپ يازدىڭىز؟
ئاپام ماڭا ھاياتلىق بەردى، دۇنيادا ھاياتلىقتىنمۇ ئارتۇق قەدىرلىك نەرسە يوق.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشىمىغان جاۋابلىرى بىر مەنىدە ئىدى. بۇ جاۋابلار بايىقى ھېلىقى پەيلاسوپنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەلىلى ئىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا كۆزۈم 35ىنچى ئوقۇغۇچىنىڭ، بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرغان قىزچاقنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە چۈشتى. ئۇنىڭ ئىمتىھان قەغىزىدىكى تاللاشلارمۇ باشقا ئوقۇغۇچىلاردەك بويىۋېتىلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى جاۋابىنى يازمىغان ئىدى.
ساۋاقداش، ئەجەبا سىزنىڭ «بىردىنبىر» بولغان مۇھەببىتىڭىز يوقمۇ؟
بار.
ئۇ قىز پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردى.
ئۇنداقتا سىز نېمىدەپ بۇنىڭغا يازمىدىڭىز؟
چۈنكى مەن ھازىر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم.
ئۇ نېمە؟
ئاپام. ئەمما ئۇ ھازىر بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
مۇشۇنداق بولسىمۇ، سىز يەنىلا ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ بىردىنبىر مۇھەببىتى دەپ قارامسىز؟
ھەئە.
نېمىشقا؟
چۈنكى ـــــ ئۇ سىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئىمتىھانىڭىزنى بىلگەن بولسا، چوقۇم قايتىپ كەلگەن بولاتتى!
يۈرۈكۈم بىردىنلا ئورنىدىن قوزغالغاندەكلا بولۇپ قالدى-دە شۇنداق دېدىم:
قېنى ئەمىسە، ئۇنى چاققان يېزىپ قويۇڭ!