يانفون ئاسقان چاشقان
( ھېكايە )
ئەختەم قايتى ...
مەن ئۇنىڭ غەلىتە گەپلىرىدىن ئېغىر ۋەھىمىگە پاتتىم ... راستىنلا شۇنداق ئىشلار بارمىدۇ؟ ! ... ئۇنىڭ سۆزلىرى ....«كالتا يوپكىلىق ئۆچكە ›› ۋەقەلىكلىرى مېنىڭ تۇيغۇمدىن بىردەممۇ نېرى بولمىدى . گېزىتخانا رەھبەرلىكى يېزىلارغىمۇ بەلگىلمىدى . ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر – ماقالىلەرنى تەھرىرلەش بىلەن كۈندىلىك خىزمىتىم قېلىپلىق ھالدا ئۆتىۋاتىدۇ .شۇنداق قىلىپ ئەختەم قايتتى ....
كىتابخۇمار ھەم گەپدان مۇئەللىم ئاغىنەم ئەختەم قايتتى ، شۇ قايتقانچە ئىككى يىل بولدى ، يوق ... ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلمىدى ، « ئالدىراش ھەم بىكار ›› ھېسابلىنىدىغان شەھەر ئاھالىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ ئۇنى ئىزدىيەلمىدىم . ئىشخانا ياكى ئائىلىدە بولسۇن تۇرۇپلا ئەختەمنى ئويلاپ قالىمەن . ئۇنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرىنى سېغىنىۋاتىمەن ، يا ئۇغەلىتە ئىشلارغا ياقىسىنى تولا چىشلەۋېرىپ بوينى سىڭايان بولۇپ قېلىپ داۋالىنىۋاتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ... شەنبە ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى ! بۈگۈنكى دەم ئېلىش كۈنۈمدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان « قانغا بويالغان سايرام ›› ناملىق روماننى ئوقۇپ تۈگۈتەي دەپ قولۇمغا ئېلىپ ئەمدىلا بىرەر بەت ۋاراقلىشىمغا ئىشك چىكىلدى . ــ ئەستا ، كىم بولغىيتتى ؟ دەم ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ ... - مەن شۇنداق دەپ غودۇڭشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ بېرىپ ئىشكنى ئېچىپ بولغىچە يۇمۇلاققىنە سەمىرىگەن ئېگىز بويلۇق ، كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر ياش تەكلىپسىز سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى :ــ مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ مۇشۇ كۈنلەردە زادى نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ ؟ شەھەرلىكنىڭ يېزىدىكى ئادەملەرگە قارىغاندا كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن .... سەۋەبى دەل سىزدەك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھاۋالىق جايلارغا ، ھېچ بولمىغاندا سەھرالارغا چىقىپ دەم ئالماي مۇشۇنداق ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ ئولتۇرۋېلىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەندە ...
ئىچىڭىز سىقىلمامدۇ بۇنداق ئولتۇرىۋەرسىڭىز ؟ .... يۈرەك سىقىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغانسىز ؟ شەھەرلىكنىڭ يۈرىكى ھازىر بەك ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتىمىش .... نېمىشقا دېمەمسىز ؟ خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ .... ئولتۇرىۋاتقان ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنىڭ ئېشىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ ... توك ھەققى ، سۇ ھەققى ، تېلېفون ھەقلىرىنىڭ يەنە ئۆرلەپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ ... ئۆي جازىلىرى ياكى كىيىم بولامدۇ ئىشقىلىپ « مودا ›› دەپ ئاتىلىدىغان بىرەر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ .... چاي – ئولتۇرۇشنىڭ باغىقى كېلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ .... ئەنسىرەش بىلەن يۈرىكى پات – پات تۇققانلىق ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتىمىش ... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇخبىر ئاداش ؟مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم . ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىل بولۇپ قالغان ئەختەم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم .ــ ھوي! ئەختەممۇ سەن ؟نېمانچىلا ئۆزگىرىپ كەتتىڭ ؟ يوقاپلا كەتتىڭغۇ ؟ ھەي نېمىسىنى دەيسىز ؟ « كاۋا پۇل ئەمەس ، باراڭ پۇل ›› بولۇۋاتقان دەۋىردە قالپاق كىيىش ئۈچۈن ئوقۇشقا چىقىپ كىردىم شۇ. تەتىلدىمۇ قايتمىدىم ، نېمىشقا دەمسىز ؟ كومپىيۇتېردىن ساۋاتلىق بولۇپ قالاي دەپچۇ ، . خەت يازاي دېسەم ئەپسىز ھېس قىلدىم . يا بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار بولمىساق !تېلېفۇن ئالاي دېسەم تېلېفون نومۇرىڭىزنى يېزىۋالماپتىمەن ..... ھە ! بۈگۈن سىز كىتاپ ئوقۇماقچى بوپتىكەنسىزدە ؟ ھېلىمۇ ياخشى كىتاپ ئوقۇپ تۇرىدىغانلار بار كەندە نامىنى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان ئولتۇرۇشلاردا قىممەت باھالىق ھاراقلارنى ئىچىۋېلىپ ئالدىدىكى قورۇمىلارنى قۇسۇپ ئولتۇرۇپ كىتاپ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن زارلايدىغان .... يازغۇچى دېگەن خەق كۆپىيىپ كەتتى ، يازغانلرىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ تىللايدىغان .... ئۆيدە ئايالى ئېتىپ بەرگەن تاماقنى ياراتماي ئىلغايدىغان ... كۈتكۈچىسى يالىڭاچ رېستۇراننى ئىزدەيدىغان .... يېيىشتىن باشقىنى ئويلىماي يەپ – ئىچىۋەرگەچكە سەمىرىپ پىخىلداپ قېلىۋاتقىنىغا باقماي گالاستۇكتا بوينىنى باغلاپ قويۇپ ئەركىن نەپەسلىنەلمەي خىڭىلداپ ئولتۇرۇپ ئەدەبىياتنى تەھلىل قىلىدىغان ... ئۆمرىدە بىرەر كىتاپ ئوقۇپ باقمىغان ، كىتاپخانىنڭ ئادرېسىنى بىلمەيدىغان ھالىغا مائارىپ ساپايىمىز تۆۋەنلەپ كەتتى – يەي .... يۇقىرىدىن مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ –يەي .... دەپ زارلاپ قويۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ، دەرسلىك كىتابنىڭ پۇلنى بېرىشكە چىدىماي تولغىنىدىغان « نوچىلار ›› كۆپىيىۋاتىدۇ ، چاشقانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سىزدىن ئارىيەتكە ئالغان كىتابنى چاشقانلار غاجاپ تاشلاپتۇ . سىزگە شۇ پېتى قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ – دە ، يېڭىدىن سېتىۋىلىپ قايتۇرۇپ بېرەرمەن دەپ ئويلىغانتىم .بۇ نەسچىلىكىنى قاراڭ . يانچۇقۇمدىكى پۇلنى ئاپتوبۇستا يانچۇقچى چاشقانلار ئوغرىلىۋاپتۇ . كىتابىڭىزنى چوقۇم كىلەر قېتىم سېتىۋىلىپ يېڭىلاپ قايتۇرۇپ بىرىمەن . مۇخبىر ئاداش «شەھەر نامراتلىرىغا يېزىلاردىن ئىئانە توپلىسا ›› ئەقىلگە مۇۋاپىق بولامدۇ ؟ ھەي، جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ ؟ ئاڭلىدىڭىزمىكى ؟ يېقىندا ئاۋستىرالىيەدە بىر پاھىشخانا پايچېكىنى بازارغا سېلىپ كۆپ پۇل تېپىپتىمىش « خوراز مېكىياننى بېسىۋالغاندا ئۇسۇرىدۇ ›› دېگەنگە ئىشىنەمسىز ؟
قايسى بىر ئولتۇرۇشتا مەستلەر شۇ گەپنى تالىشىپ قىلىپ ئاخىرى جىدەل ئۇلغىيىپ ، ئىككى مەستنىڭ يارىدار بولىشى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ . بىراق ئۇلار ھازىرغا قەدەر شۇ گەپكە ئېنىق جاۋاپ ، توغرا ئىزاھ ئىزدەپ يۈرەمىش ... بىزنىڭ يېزا يوللىرىغا ماي ياتقۇزۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىن بەرگەن مەبلەغنى بىر تۇلۇم چاشقان يەپ كېتىپتىمىش ... مىش –مىش پاراڭلارغا قارىغاندا بۇنى قايتۇرۋالماق تەس بولارمىش . تۇلۇم چاشقان « لوق گۆشنى ›› نى ئىز قالدۇرماي يىگەن ئوخشايدۇ . قاچانلاردا توپىلىق يوللىرىمىز ماي يولى بولىدىغاندۇ ؟!؟! ... مۇخبىر ئاداش ، سىز نېمىشقا شۇنداق ئىشلارنى يازمايسىز ؟ ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ مەن بۇ گەپنى تۇنجى ئاڭلاپ ياقامنى بىر چىشلىگىنىمچە بىر كۈن قويۇپ بەرمەي يۈردۈم . نېمە گەپ دەمسىز؟ ئامېرىكىدا « خوتۇن ئالماشتۇرۇش ›› ئويۇنى ناھايىتى ئەۋج ئېلىپ كېتىپتىمىش ... ھەيران قالارلىقى ھازىر ئامېرىكىدا 500دىن ئارتۇق « خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى ›› بارمىش ... ھە راست ، مۇخبىر ئاداش ، توي قىلمىغانسىز ؟ توي قىلمىدىڭىزمۇ ؟ ھە ، ياخشى بوپتۇ ، ئالدىرىماڭ جۇمۇ! نېمىشقا دەمسىز ؟ ئۆتكەندە سىزگە ئۆيدىكىلرىمنىڭ زور بىلەن ئۇزۇن يوپكا كىيىدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىۋالدىم دېگەنتىمغۇ ، ئايرىلىپ كەتتىم . نېمىشقا ؟ چۈنكى ئۇ ، سىز ماڭا قارىماي ھە دېسە كىتابقا قارىۋالدىڭىز دەپ كىتابلارنى يىرتىپ خاپا سالدى... ئاڭلاپ تۇرۇپ ھە ، مۇشۇ دورام ئوقۇۋاتقاندا بىر قىز تەلەپ قويدى قاراڭ .... مۇھەببەتلىشىپ قالدۇق . بىر كۈنى ئۇ قىز بىز ئۆز ئارا سادىق بولىشىمىز ئۈچۈن قەسەم بېرىشسەك دەپ تۇرۋالدى . بوپتۇ دەپ قەسەم بېرىشتۇق ... جەمئىيەتتە ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش ، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت تۈگەپ كەتتى دەيدىغانلار كۆپ . مەن ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشتىمغۇ دەپ خۇش بولۇپ كېتىپتىمەن . قارىمامسىز ، ئۇ مەندىن بىر يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقانىدى ، يۇرتقا بېرپلا يەنە بىرسىگە تەلەپ قويۇپ يۈرۈۋاپتىمىش . ئاڭلىسام ئۇ يۈرگەن يىگىت بەك پۇلدار ئىمىش .... ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىزدىن خەت كەلدى : « سەندەك كىتاب خالتىسىدىن پۇل خالتىسى ياخشىكەن ! قەسەملىرىمگە ئىشەنگەنمۇ ؟ قەسەم بەرگەندىچۇ - چىشىمنى شورىغانتىم قان چىقتى . ئاڭلىغانمۇ ؟ قان چىقسا تاھارەت سۇنىدۇـ قەسەممۇ سۇنىدۇ... ›› - شۇنداق دەپ يېزىپتۇ قاراڭ . قىزلار ھىيلىگەر بولۇپ كەتتى . شۇڭا دەيمەنغۇ توي قىلىشقا ئالدىرماڭ مۇخبىر ئاداش . گاھى ئىشلار ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ. خىزمەت قىلىدىغانلار ، خىزمەت قىلىدىغان مائاشلىقلار بىلەن توي قىلسام بولىدۇ. دەپ مائاشلىقنى ئىزدەيدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ‹‹تۆشۈك مونچاق يەردە قالمايدۇ. ›› دەپ ھەممىسى ئويۇن دېگەننى پۇخادىن چىققۇچە ئوينىۋالىدىكەن . مائاشلىق قىزلارغا خۇشتار يىگىتلەر نېمە دەيدىكەن دېمەمسىز ؟ قىزلارنىڭ قورسىقىنى تاۋۇز مۇشتلاپ باققاندەك پوك – پوك ئۇرۇپ بېقىپ، قورسىقىدا بولمىسىلا ، توي قىلىۋېرىمىز دەيدىكەن مۇخبىر ئاداش مەن قايتاي ھە راست ... مەنمۇ يېزىقچىلىقنى دوراپ ، ‹‹ چاشقان ›› توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىپ بېقىۋىدىم . كۆرۈپ بېقىڭ بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز . ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلدۇرۋېتىڭ ، بولمايدۇ دەمسىز ؟ ياق ئۆزەمنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنسا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ شوجاڭ ئۆزىگە كاتىپ قىلىپ بەلگىلىۋالسا ، مەن ئۇنىڭ خەتلىرىنى، سۆزلەيدىغان گەپلىرىنى ، ئايالىنىڭ دەرس تەييارلىقلىرىنى يېزىپ بولالماي قالىمەن دە ، قويۇڭ بۇنداق ئىشنى ، ئۆزەمگە باش ئاغرىقى تاپقۇم يوق . گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلسامچۇ ؟ قاراڭ ئۆزەمنىڭغۇ يازغۇم بار، بىراق خەت يېزىشقا ئېرىنىمەن . ھەم باش ئاغرىقى تېپىۋېلىشتىن قورقىمەن . سىز – يېزىۋېرىڭ يېزىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولسىلا سىزگە سۆزلەپ بېرەي . مەن سۆزلىگەن ئىشلار ھېكايە بولۇپ ئېلان قىلىنىپ قالسىچۇ ؟ بۇ ھېكايىدە مېنىڭمۇ ھەسسەم بار دەپ ، پەخىرلىنىۋالساملا بولدى. بولدى. ... بولدى... بۇ چاخچاق ،ھەممىسى چاخچاق ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ،ئەمىسە شۇنداق بولسۇن . مەن قايتاي شىمالدىكى ئوقۇشتىن كەلگەندىن بېرى ، شەھەرلىك تۇققانلارنى يوقلىغۇچى بولمىدىم . بۈگۈنكى دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ يوقلىۋالاي دەيمەن . ھە راست مۇخبىر ئاداش ، سىز بىزدەك ئەقەللىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ مېڭىسىنى قۇۋۋەتلەشكە، چارچاش كېسىلىگە دەل ياڭاق ،يەنە خوتەننىڭ ياڭىقى دورا ئىكەن . ئاڭلىدىڭىزمىكىن ؛ بىر ئۇيغۇر سودىگەر ياپونىيەگە چىقىپ كۆپ پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكىدە چارچاپ ،مېڭىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتىمىش ... شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپتۇ. دوختۇر بىر ئۇزۇنغىچە تەكشۈرۈپ بىر رېتسىپ يېزىپ بېرىپ تازا جېكىلەپتۇ. بۇ دورىنى بىر ھەپتە ئۈزۈلدۈرمەي كۈنىگە ئىككى ۋاق يەپ بېرىڭ ،تولۇق ساقىيىپ كېتىسىز دەپتىمىش .
دورىخانىغا بېرىپ رېتسىپنى تەڭلىسە بىزنىڭ خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا ئىككى مىڭ سوم پۇل تۆلەڭ دەپتۇ. جان تاتلىق بولغاچقا پۇلنى تۆلەپ دورىنى ئېلىپ قارىسا بىر كورۇپكا ياڭاق مېغىزى چىقىپتىمىش ... مۇخبىر ئاداش بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ تۇرۇڭ ، ئىككى تۈپ ياڭىقىم بار... خوش ئەمىسە . ۋاقىتمۇ بىر يەرلەرگە بېرىپ قاپتۇ . مەن قايتاي... خوش ئەمىسە.
ئەختەم ماڭا بىرەر ئېغىز سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەيلا شۇنچە گەپلەرنى قىلىۋېتىپ ، يا نچۇقىدىن چىرايلىق قاتلانغان ئىش قەغىزىنى ئېلىپ ماڭا بېرىپلا ياندى. مەن ئۇنى قانچە تۇتساممۇ ئۇنىمايلا ئۇزاپ كېتىپ قالدى. مەن ھەي ... ئەختەم غەلىتە بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام ، ئىشكىم يەنە ئېچىلىپ ئەختەم بېشىنى تىقىپ :– ئاداش ناۋادا توي قىلىشنى ئويلاپ قالسىڭىز تاماكا چەكمەيدىغان قىزدىن ئېلىڭ جۇمۇ؟ ھازىرچۇ قىزلار توي قىلساق ئەرلىرىمىزنى قانداق يۈگەنلەيمىز ؟ ئۇلارغا بىلىندۈرمەي ‹‹ھاياتنى مەنىلىك ›› ئۆتكۈزۈشكە قانداق ياخشى پىلانلارنى تاپسام بولار دەپ ئويلىنىپ بولالماي دەرتمەن بولۇپ تاماكىغا خۇمار بولۇپ قاپتىمىش ... ئەمىسە شۇنداق بولسۇن ، خوش مەن قايتتىم .
ئەختەم قايتتى ،مەن گەرچە ئەختەمنىڭ قىززىق گەپلىرىنى سېغىنغان بولساممۇ بۈگۈنكى سۆزلىرىنىڭ قىززىقمۇ ياكى سوغۇقمۇ ‹‹تېمپىراتۇرىسىنى ›› بىلەلمەي خۇددى تازا چۆرگىلىتىپ قويغاندەك بېشىم قېيىپ گاڭگىراپلا قالدىم . بۇ گاڭگىراش ... غەلىتىلىك ئىچىدە ئەختەم بەرگەن قەغەزنى ئاچتىم . بىرىنچى بەتتە ئۈچ قۇر لا سۆز تۇرىدۇ! ‹‹-مۇخبىر ئاداش بۇ يازغىنىم بۆرتالادا ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدىكى كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ بىر پارچىسى بۇنىڭدا سۆزلىگەنلىرىم . راستمۇ ئەمەس ، يالغانمۇ ئەمەس . ئەستايىدىل ئوقۇپ بېقىڭ ، بەلكىم چۆچەككە ،بەلكىم بالىلار ھېكايىسىغا ئوخشاپمۇ قالىدۇ... ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ››. مەن قىززىقسىنىپ ئىككىنچى بەتنى ئاچتىم، باش قۇر دەل ئوتتۇرسىغا ‹‹يانفون ئاسقان چاشقان ›› دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ ، بۇ ماۋزۇنىڭ غەلىتىلىكىدىن ئۇنىڭ نېمىلەرنى يازغانلىقىغا قىززىقسىنىپ ئوقۇشقا تۇتۇندۇم :
ئائىلىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر يەشىك نانلىرىم تۇيۇقسىزلا بىر ئاخشامدىلا غايىپ بولدى. ياتاقداشلىرىمدىن گۇمانلىنىپ سوراپ باقتىم. بىراق ئۇلار ماڭا پەقەت ئۆزىنىڭ ھېسداشلىقىنىلا بىلدۈردى. ھەي قانداقمۇ قىلارمەن ناننى ئىككى ۋاق يەپ ، بىر ۋاقلىقىمغا ئاشخانا تامىقىنى يەيمىكىن دەپ ئويلىغانتىم . ئائىلە ئىقتىسادىمنىمۇ ئويلاشمىساممۇ بولمايتى . تازا نەس باستىمۇ مېنى ، شۇنىڭدىن بېرى كېچىلىرى ئىچىم پۇشۇپ تۈزۈككىنە ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم . بىر ئاخشىمى خىيال سۈرۈپ ياتسام كارىۋىتىم ئاستىدا تېلېفون جىرىڭلىغاندەك قىلىدۇ. سەل قورقتۇم، باشقا ياتاقداشلىرىم ھەممىسى ئۇخلاپ قالغانىدى. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. قۇلىقىمنى تېخىمۇ دىڭ تۇتۇپ ياتتىم .
راستىنلا تېلېفون ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. بېشىمنى ئاستىغا ئېڭىشتۈرۈپ كارىۋات ئاستىغا قارىدىم . توۋۋا ، ھەم قورققانلىقىمدىن ، ھەم ھەيرانلىقىمدىن توۋلىۋېتشكە تاسلا قالدىم . ئاجايىپ ئىش، كارامەت ئېسىل ، چىرايلىق پەلتۇ كىيىۋالغان، رەڭ ئۆزگەرتىشچان كۆزەينەك تاقىۋالغان گىرمانىيەلىكلەرنىڭ شىلەپىسىگە ئوخشاش شىلەپىدىن كىيىۋالغان ، ئۇزۇن تۇمشۇق ،ئۇزۇن قۇيرۇق. يوغان قورساق بىر پاكىنەك جاناب قولىدا يانفون تۇتۇپ تۇراتتى. مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ نېمە دەپ كۆزۈمنى ئۇۋىلىۋېتىپ قارىدىم . ھە ئەسلىدە ، ئۇ بىر چاشقان ئىكەنغۇ ئۇنىڭ قولىدىكى يانفون سۆزلەپ قالدى :-ۋوي 005 مۇ؟ ئۆتكەنكى ساندۇقتا يەنە نان بارمىكەن ؟ -دەپ سورىدى. (ھە ئەسلىدە نانلىرىمنى ئوغرىلاپ كەتكەن ، شۇ چاشقانلار ئىكەندە يەنە نېمە دېيىشىدىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن چوڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ ياتتىم ) .نان تۈگەپتۇ ، ئەترەت باشلىقى .مەن باشقا ساندۇقلارغا قاراپ باقاي (ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مۇنتىزىم ھەربىي ئاتالغۇلىرى بار ئىكەندە ) يانفون تۇتۇۋالغان چاشقان پەلتۇسىنى سالدى. ۋە ئۇنى ئايىغىمنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويدى . يانفوننى بىلىدىكى قېپىغا قىستۇردى ، كۆزەينىكىنىڭ جازىسىنى سىلاپ قويغاندەك قىلىۋىدى. كۆزەينەك پىرژىكتىردەك يېنىپ كارىۋىتىم ئاستىنى يورىتىۋەتتى. يانفونى بار چاشقان يېنىمدىكى كارۋاتتا بىغەم ئۇخلاۋاتقان ياسىننىڭ ساندۇقىغا كىرىپ كەتتى . يەنە تېلېفون جىرىڭلىدى. نان بارمىكەن ؟ نان تولا ئىكەن ، بىراق سەل كۆكىرىپ قاپتۇ .مەيلى مەن بىر ئەتىرەت ئەۋەتەي ، گەپ ئاخىرلىشىپ بولغىچە بىردىن خالتا يۈدۈۋالغان ، قوللىرىدا بىردىن يانفون كۆتۈرۈۋالغان ئونغا يېقىن چاشقان پەيدا بولدى. ۋە ھەممىسى ساندۇققا كىرىپ كېتىشتى ، بىردەم تاراق – تۇرۇق ،كا تۇر – كۇ تۇر ئاۋازدىن كېيىن ھەممىسى خالتىسىنى توشتۇرۇپ چىقىشتى . ھېرىپ قالغان چېغى ، ھەممىسى خالتىسىغا يۆلىنىپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى : بۇ ئەخمەقلەر نانلىرىنى يارىتىشماي رېستۇرانلاردا تاماق يەپ يۈرۈشىدىكەن . نانلىرى كۆكىرىپ قالسا ، ئۆگزىگە ياكى ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلىۋېتىشىدىكەن ،تۇيۇقسىز يانفون يەنە سايراپ ئۇلارنىڭ سۆھبىتى بۇزۇلدى. ۋەي 005، سەن دەرھال ئەترەتنى باشلاپ ‹‹ھاماقەتلەر رېستۇرانى ››غا بارغىن بەش ئۈستەلنىڭ غىزا – پىزالىرى ئېغىزمۇ تېگىلمەي يىغىشتۇرۋېتىلدى. ،
خوپ ئەترەت باشلىقى .
ئەتىسى ياسىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ساندۇقىنى ئېچىپ نانلىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى: خويمۇ قۇتۇلدۇم ناندىن ، قەيەرگە تاشلىۋەتسەم بولاركىن دەپ بېشىم قېتىپ تۇراتتى.( ھە ، چاشقانلارنى يامان ئۆگىتىپ قويغان ئەسلىدە ئۆزىمىز ئىكەندۇقتە ) ھېلىقىدەك نان يوقىلىپ كېتىدىغان ئىشلار نۆۋەت بويىچە ھەممە ياتاقداشلىرىمنىڭ بېشىغا كەلدى. ئاقىۋەتتە ياتاقتىكىلەرنىڭ نان ۋە ئۈزۈم – ياڭاقلىرى تۈگىدى. يانفون ئېسىۋالغان چاشقانلارمۇ غايىپ بولۇپ كېتىشتى ، ئاڭلىسام باشقا ياتاقلاردىمۇ نان يوقاپ كېتىشكە باشلاپتىمىش.
بىر كۈنى ئائىلەمدىكىلەر ئەۋەتكەن پۇل چېكىنى ئېلىپ پوچتىخانىغا باردىم ،ئادەم كۆپ، پۇل ئېلىۋاتقان ، قويىۋاتقانلار ... مىغ- مىغ ئادەم . تۇيۇقسىز پوزۇر ياسىنىۋالغان قولدا يانفون ، ئۇنىڭدا سۆزلىشىپ تۇرۇپ ئادەملەر توپى ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ سومكا ۋە يانچۇقلارنى قۇرۇغداۋاتقان بىر ياشنى كۆردۈم . ئۇ ماڭا بىر تۇرۇپ كارىۋىتىم ئاستىدىكى چاشقانغا ،بىر ئادەمگە ئوخشاش كۆرۈنۈشكە باشلىدى . مەن قورقتۇم لېكىن باشقىلارنىڭ پۇللىرىنىڭ ئوغۇرلىنىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى: ئوغرى ،يانچۇقچى ... چاشقان پۇل ئوغرىلاۋاتىدۇ دەپ ۋاقىراپ سالدىم ، باشقا كىشىلەر مېنى ساراڭ دەپ بىلدىمۇ، ھەممىسى قالايمىقان بولۇشۇپ قولىنى جۇنۇپ مېنى بىر نەرسە دەپ تىللاشتى ، مەن شۇ ئەلەم ،ناھەقچىلىق ،خىجىللىقتا پۇلۇمنىمۇ ئالماي ، مەكتەپكە قايتىش ئۈچۈن پوچتىخانىدىن سىرتقا چىقتىم . چىقىپلا يانفون ئېسىۋالغان چاشقانغا كۆزۈم چۈشۈپ يۈرۈكۈم جىغ قىلىپ قالدى. يانفونلۇق يانچۇقچى ماڭا ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى ، ئۇنڭ پال- پال كۆزلىرىدىن بىر خىل زەھەرخەندىلىك ، كۆرەڭلىك ،شۇملۇقنىڭ سوغۇق نۇرلىرى چېچىلىپ تۇراتتى . ئۇ ماڭا ھومۇيۇپ تۇراتتى .
ئەختەمنىڭ يازغانلىرى تۈگىدى، راستىنلا بىر تۇرۇپ چۆچەككىمۇ ، بىر تۇرۇپ بالىلار ھېكايىسىغىمۇ ، بىر تۇرۇپ راست بولغان ئىشلاردەك بىلىنىپ قالدى. بەلكىم جەمئىيەتتە شۇنداق ‹‹يانفون ئاسقان چاشقان ›› لار بولىشى مۇمكىنغۇ ...
مەن شۇلارنى ئويلاپ قالدىم .
مەنبە : << يىڭى قاشتېشى ژورنىلى >>