كۆرۈش: 33235|ئىنكاس: 11

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش زادى كىمنىڭ ئىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
40
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش زادى كىمنىڭ ئىشى



    ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاز قالغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن كاتتا سوۋغا سۇنغاندەك دائىم گېزىت يۈزىدە كۆرۈلىدۇ ، بۇ، بۇ يىلمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس .
‹‹شىياۋشىياڭ سەھەر گېزىتى ›› نىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈش ، ئۆز ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ، ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق ، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش جەھەتتە مايىللىق سىياسىتىنى قوللىنىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن .
‹‹ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› دېگەن بۇ سۆز قۇلىقىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا دائىم تەكرارلىنىپ كەلدى . ‹‹قانۇن بولغانىكەن ئاساسلىنىش ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش›› دېگەن بۇ سۆزنى ھەممىگە مەلۇم ئەقەللىي بىلىم دېيىشكە بولىدۇ ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ئىجرا قىلشقا كەلگەندە ئانچە باب كەلمەيۋاتىدۇ ، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ كۆرسەك ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇنى قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى ئىجادىيەت قىلىۋالغان . ئەگەر قانۇن بولغانىكەن ، ئاساسلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىش بولسا، ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› دېگەن بۇ ئىشتا مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئاۋارە قىلىپ ، ھەر يىلى تەكىتلەشنىڭ ، ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە ئوقۇتقۇچىلارغا سۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق !
‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار ئىش بولغان ئىكەن ، ‹‹شۇ قانۇنغا ئاساسلىنىش ›› كېرەك . بۈگۈنكى كۈندە ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› تىن ئىبارەت بۇ ئىشتا زادى قانچە جاي ‹‹قانۇنغا ئاساسلاندى ›› ، نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يىللاردا ‹‹قانۇنغا ئاساسلانمىغان ›› جايلاردا ‹‹قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان ›› لىقى ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ بەدەل تۆلىگەن ئادەم يوق ؟ بۇ يەردە مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىش زادى كىمنىڭ ئىشى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ ؟ ئەگەر كىمنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمىسا ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئاۋارە قىلىپ ھەر يىلى ‹‹قالايمىقان سۆزلىمەسلىك ›› كېرەك ، ئاغزىدا دېگەن سۆزنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك . بۇ سەمىمىيەتلىككە ۋە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ ، ھەرگىز مۇنداقلا دەپ قويۇشقا بولمايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، جۇڭگودىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قورقىدۇ، پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارغا ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش›› نى ئىشقا ئاشۇرالمىسا، ئاۋۋال مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشنى ئېيتىش ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنىڭ ناھايىتى ئاسان، شۇنداقلا ناھايىتى تېز ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە، ‹‹ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈپ، ئۆز ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش›› دېگەن بۇ سۆزنى كېلەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا قايتا-قايتا تەكىتلەشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ .
ھازىرقى مەسىلە ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنىڭ زادى كىمنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى يەنە راستلا ئېنىق بولمىسا، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزىمى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۈگۈنكى كۈندە، قانداق قىلىپ يەنە ئوقۇتقۇچىلار غەم قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالدى؟
يەنە‹‹ ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش جەھەتتە مايىللىق سىياسىتىنى قوللىنىش›› دېگەن بۇ ئىشقا كەلسەك، بۇ كىچىككىنە ئىش ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ سوۋغىسى قىلىنىپ، سۇنۇلىشى كېرەك ئىدى. نېە ئۈچۈن پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام ياكى چەت-ياقا، جاپالىق رايونلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىدا، مۇھىتنىڭ جاپالىق بولغانلىقىدىن سىرت، مائاشنىڭ تۆۋەن بولىشىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ باقايلى، شەھەرلەردە خىزمەت مۇھىتى ياخشى، يەنە كېلىپ مائاشمۇ يۇقىرى تۇرسا، كىممۇ نامرات، شارائىتى ناچار جايلارغا بېرىپ، شەھەردىكىلەردىن تۆۋەن مائاش ئېلىشنى خالايدۇ؟ جاپالىق جايلارغا بېرىپ خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلار شەھەردە خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى مائاش ئېلىشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنى باشقۇرىدىغان كىشىلەر مۇشۇنچىلىك ئاددىي ئىشقىمۇ ئىشىنىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا بەكرەك ئىشىنىدۇ! ھازىر، مائارىپ مىنىستىرلىقى:‹‹ ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش جەھەتتە مايىللىق سىياسىتى قوللىنىش›› نى ئېيتتى، كېچىكىپ كەلگەن بۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى سوۋغىسىنىڭ يەنە ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش››قا ئوخشاش، پەقەت ھەريىلى ئېغىزدىلا ئېيتىلىدىغان قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر بۇ ئىشنى كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسا، مەسئۇلىيەت راستلا سۈرۈشتۈرۈلمىسە بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ، پەقەت ‹‹مۇنداق، مۇنداق قىلىش كېرەك›› دېگەننىلا تەكىتلىمەي، ئەگەر ‹‹قىلىش كېرەك››نى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىسە، ‹‹مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك››! پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىش مەسىلىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ.(شاۋ لىيۇشېڭ)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
353
تۆھپە
103
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:53:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقى مۇئاشىمۇ كۆپمىكىن دەيمەن نېمىشقا دېسەڭلار مېنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى خوشنام بار كېچىلىرى ئېگىز -پەس توۋىلاپ بەكلا بېئارام قېلىدۇ بولۇپمۇ جۈمە ؛ شەنبە ؛ يەكشەنبە كۈنلىرى كېچىسى باشقا كەسىپداشلىرىمۇ  كەلسە كىرەك مەلىمىزنى بېشىغا كېيىدۇ ؛ ئايالىمۇ ئوقۇتقۇچى بولمىسا ئايالىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ پالانى ئىشىكنى ئاچ دەپ توۋىلايدىغان بولسا بالام قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ئايالىمۇ كۆنۈك ئوخشايدۇ ئۇنداق
ئېشلارغا ياكى مۇئاشى كۆپ بوپ كېتىپ خەجلەپ بولالماي شۇنداق قىلامدىكىن ؛ ئوقۇتقۇچىلار دېگەن سەۋېيلىك كىشىلەر بولمىسا ھاراقنىڭ زېينىنى بىزدىن بالدۇر بىلىدىغان يەردىغۇ ئۇلار ؛
ئوقۇتقۇچى دېگەن پەرزەنتلىرىمىزنى تەربېيچىسى بولغاچ ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن ئۇنداق ئىشلار ؛ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wtajalli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 18:55  



Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
6
UID
24300
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 23:42:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش     wtajalli   ھەممە ئۇقۇتقۇچى سىزنىڭ خوشنىڭىزدەك ئەمەسقۇ دەيمەن،مۇنداقچە ئېيىتقاندا مەنمۇ بىر ئۇقۇتقۇچى ،ئويلىسام مائاشىم ئۇنچە كۆپتەكمۇ ئەمەس ، بۈگۈنۈمنىلا ئويلىسام مىنىڭ مائاشىممۇ ئارتۇق ، ئەمما ئەتىنى ئويلىماي بولماس ، ئەگەر سىزمۇ ئۇقۇتقۇچى بولغان بولسىڭىز ئاندىن ئۇقۇتقۇچىلارنى چۈشنەتتىڭىز ،  شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كىرەك ‹‹ئۇقۇتقۇچى ئىنسان روھىنى يۇرۇتقۇچى مەشئەل ›› ،مىنىڭ چەككەن جاپالىرىم بۇنداق تەرىپلەشكە ئەرزىمىسمۇ ، ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى ھەقىقەتەن مۇشۇنداق تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ ، قىسقىچە ئېيىتقاندا ھەممە ئۇقۇتقۇچى سىزىڭ خوشنىڭىز ئەمەس ، سىزنىڭ خوشنىڭىزدەكمۇ ئەمەس ، ئۇقۇتقۇچىلاردىن رازى بولمىسىڭىز بىر بالىڭىزنى ئۆزڭىز مۇستەقىل تەربىيلەپ چىقىڭ ،شۇ ۋاقىتتا ئۇقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى ، باللارغا سىڭدۈرگەن قان تەرىنى ، ھەر بىر پەرزەنىت ئۈچۈن قانچىلىك كۈچنى ، قان تەرىنى سىڭدۈردىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلەلەيسىز ،كەسپىمىزگە ھۆرمەت قىلغايسىز ، ئاخىردا سىزنىڭ ئارمىزدىكى بىر قىسىم ھۆرمىتىنى ساقلىمايدىغان ئۇقۇتقۇچىلارنى سۈكۈپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت ، ...............بارلىق كەسىپداشلىرىمغا دەيدىغىنىم ،‹‹كەسپىمىزنى قەدىرلەيلى ،ھۆرمەتلەيلى ،  بىز ئاشۇنداق باشقىلار ئالدىدا سەتلىشىپ قالساق ئۈزمىزگىلا ئەمەس كەسپىمىزگە داغ تىگىدۇ ،شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلىق ، ئۇستازلىق ھۆرمىتىمىزنى ساقلايلى ، ‹‹ئۇقۇتقۇچىلار ئۇداق ،ئۇقۇتقۇچىلار مۇنداق ››دىگەنلەردىن ساقلىنايلى .


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
7
UID
26866
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 17:32:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkun316 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 23:42
تورداش     wtajalli   ھەممە ئۇقۇتقۇچى سىزنىڭ خوشنىڭىزدەك ئەم ...

قوللايمەن ،قېرىندىشىم...


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
7
UID
26866
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 17:33:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن،قېرىندىشىم...


Rank: 3Rank: 3

تىللا
227
تۆھپە
88
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:45:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن قوشۇۋاتقان ئۈن-تىنسىز تۆھپىسىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى «خەلق ئىشچىلىرى» ۋە كەنتلەرگە يېقىندا سەپلەنگەن ياللانما «ساقچى»لارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن.


Rank: 2

ئىسىمى
رۇقىيە
تىللا
74
تۆھپە
38
UID
27169
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 14:10:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەم پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللك قىلىدۇ بىر ئادەمنىڭ قىلمىشى بىلەن شۇ كەسىپتىكىلەرنى ياكى شۇ مىللەتنى ئەيىپلەشكە بولمايدۇ دەپ قارايمەن


Rank: 1

ئىسىمى
ئارسلان.ئاخۇن.ئوغۇزتىگىن=AAOT
تىللا
62
تۆھپە
7
UID
28167
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 17:05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشى-يۇقۇرى ياكى توۋەنمۇ?
مەلۇم داڭلىق رېجىسسور بىر كىنو ئىشلىسە 100-n تۇمەن يۇئەن,مەلۇم داڭلىق ناخشىچى بىرناخشا ئېيتسا
ئەڭ توۋەنى 15 تۇمەندىن باشلىنارمىش,
مەلۇم سودىگەر 10 يۇئەنلىك نەرسىنى 10ن يۇئەنگە ساتسا ھالال بولۇرمىش,پۇخرا ئوقۇتقىچى民办教师
ئايلىق  مۇئاشى350=n يۇئەن,
بىر ئۇقۇتتقۇچى ئۇرۇمچىدە ئايلىق مۇئاشىغا بىر كۋادىرات ئوي ئالالمايدۇ,مانابۇ ئۇرۇمچىدەكى ۋە ئىچكىرىي ئولكەلەردىكى ئەمەلىي ئەھۋال,
ئوزەممۇ ئوقۇتقۇچى【ئالىي لېكتور=ئورۇنباسار پروففېسور】 مۇئاشىم 3000+ن يۇئەن+قۇشۇمچە دەرس ئوتۇش+تەرجىمە-تەھىر+。。。+=ن يۇئان
ئەمما بۇ پارە【فۇل-پۇل=فارسچە】تەجەپ خەجلەمىسەم يەتمەيدۇ;ئالايلۇق :ھاراق ئىچمەيمەن+ 。。。。


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 01:20:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-14 22:45
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن قوشۇۋاتقان ئۈن-تىنسىز  ...

سىز دېگەندەك جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنى چۈشەنسە بولاتتى... لېكىن ئاشۇنداق چۈشەنمەسلىكتىن ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار بەك خارلىنىپ كېتىۋاتىدۇ... ھېچقانداق ساھەنىڭ ئالدىدا قىلچىلىك ھۆرمىتى ۋە ئىناۋىتى يوق...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 4

ئىسىمى
ئاتېللا
تىللا
274
تۆھپە
174
UID
205
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشى دەپتەردە كۆپ، ئەمما قولغا تىگىدىغىنى ئاز. خۇددى دېھقاننىڭ ھوسۇلى« تاغاردا بولمىسىمۇ دەپتەردە ئاشتى » دېگەندەكلا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 00:21, Processed in 0.084322 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991