كۆرۈش: 31399|ئىنكاس: 18

70- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
396
تۆھپە
200
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 13:14:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

70- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى



     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، قاۋاقخانا ، KTV لاردىن ئاستا ئاستا زېرىكىۋاتىمىز، تەبىئەتكە يېقىنلىشىۋاتىمىز، ساغلام بولغان تۇمۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرىۋاتىمىز.
     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار،بەزىدە تۇرۇپ زېرىكىپ قالىمىز، يەنە بەزىدە بىرەر كىشىنى چوڭقۇر سېغىنىمىز.
     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار،ياشلىقتىكى جۇشقۇنلۇق قالمىدى، يولۇققان قىينچىلىقلىرىمىز بىزنىڭ كىشلىك كارتىنكىلىرىمىزنىڭ تارىخى بولۇپ قالدى، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ،يەنە بەزى نەرسىلەرگە چىداشنى ئۆگىنىۋاتىمىز.
     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار،ئولتۇرۇپ ئەسلىسەك، بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمىز تولىمۇ كۆپ، ھەم يوقاتقانلىرىمىزمۇ شۇنداق، بىزدە ئەپسۇسلىنىش بار، لېكىن ئۇلار كەلمەسكە كەتتى، بىزنىڭ سەبى ۋاقتىلىرىمىز كەلمەسكە كەتتى. جەمئىيەت، تۇرمۇش بىزنى بېسىپ نەپەس ئالالماي قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا، بىز ئاشۇ ساپ سۆيگۇمىزنى سېغىنىمىز، كۈندە ئىشتىن چۈشكەندە بىرگە تاماق يېيىشنى ، بىللە كىنو كۆرۈشنى ، يەنە بىر كىشىنىڭ بىزنىڭ يەلكىمىزدىكى يۈكىمىزنى بىللە كۆتۈرۈپ بېرىشنى ئارزۇ قىلغان. بىز تىكەن باسقان يولدا جاپالىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز بىرەرسىنىڭ بىزگە مەدەت بېرىشىگە مۇھتاج،  بىز بەزىدە ھېرىپ چارچىغانلىقىمىزدىن بەل قويۇۋېتىشنى ئويلىغان، لېكىن ئەتراپىمىزدىكى بىزنى ئويلاۋاتقان، مەدەت بېرىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى ئويلاپ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىتىپ داۋاملىق ئىلگىرلەيمىز، نىشانىمىز:  مەنزىلىمىزگە بېرىپ توختاش .
     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، بىز داۋاملىق QQ دا يوشۇرۇنچە چىقىۋېلىپ كىم  توردا باركىن ؟ دەيمىز، تونۇشلارنى كۆرگەندىن كېيىن بىر نەرسە دېگىمىز كېلىدۇ- يۇ ، لېكىن ئاخىرىدا ھېچ نەرسە دېمەيمىز، مانا موشۇنداق ئىرماش- چىرماش خىياللاردا ئولتۇرۇپ قالىمىز، QQ بوشلۇقىمىزنى قايتا قايتا ئېچىپ كىم خاتىرىسىنى يېڭىلىدىكىن ، كىم كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدىكىن دەپ كومىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىمىز.
    بىز 40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، كۆڭلىمىز يېرىم ۋاقلىرىدا بۇرۇنقىدەك غودۇڭشىمايدىغان بولدۇق، بىز تېپ تېنىچ، تېپتېنچ ھالدا كۇزىتىمىز بۇ ئەمەلى ۋە ساختا بولغان دۇنيانى.
    بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار،بىزنىڭ ھەقىقىي يىغلىغۇمىز بار ، لېكىن يەنە كۈلىمىز،
ئېنىق كۆڭۈل بۆلگىمىز بار لېكىن يالغاندىن كارىمىز يوق بولىۋالىمىز. بارغان يېرىمىزدە قېپ قالغۇمىز بار لېكىن يەنىلا كېتىپ قالىمىز.ئازاپلىنىۋاتقانلىمىز ئېنىق، لېكىن يەنىلا ئۆزىمىزنى ئالداپ بەخىتلىك دەيمىز. ئۇنتىيالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق لېكىن ئەلقىسسە ئۇنتۇپ كەتتۇق دەيمىز. ئېنىقتىن ئېنىق ۋىجدانغا خىلاپ يالغان سۆز قىلساقمۇ لېكىن مېنىڭ دېگىنىم راست دەپ تۇرۇۋالىمىز. كۆز ياشلىرىمىز كۆز چاناقلىرىمىزدىك چىقىپ كېتەي دىسىمۇ ، بېشىمىزنى  ئىگىز كۆتۈرىۋالىمىز.
     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار،ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز ، لېكىن گېپىمىزدە چىڭ تۇرۇۋالىمىز...ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى يوشۇرغىمىز كېلىدۇ، ئازاپلىنىۋاتىمىز ، لېكىن يالغاندىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۇرۇيمىز، باشقىلارنىڭ ئازاپلىرىمىزنى كۆرۈشنى خالىمايمىز، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشنى خالىمايمىز، پەقەت قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تەنھالىققا بوي سۇنىمىز، قەلبىمىز ئازاپتىن پۇچۇيلىنىپ كېتىۋاتسىمۇ لېكىن باشقىلارغا«ھېچ ئىش يوق»دەپ قويمىز، كەيپىيات تەڭشەلگەندىن كېيىن ئۆز ئۆزىمىزگە كۈلۇپ تۇرۇپ ، نىمە ئۇچۇن ئۆزۇڭنى مۇنداق قەيسەر كۆرسىتىسىەن؟ خۇددى سەن ھەممە ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغاندەك... ھې ھې ، بۇنداق ياشاش بەك ھارغىنلىق، ھەي ...
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇيۇقسىز كەيپىياتىڭىز ناچارلاشتى، باشقىلارغا دېگۈڭىز كەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىڭىز تەنھا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالىسىز، ئۆتمۇشتىكى بىر ئادەمنى ياكى بىرەر ئىشنى ئويلايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇرۇپلا كەيپىياتىڭىز بۇزۇلۇپ ئىچىڭىز تىتىلدايدۇ، ھېچ نەرسە خوش ياقمايدۇ، دىمىڭىز تۇتۇلۇپ خاتىرجەمسىزلىنىسز ، بىر يەردىن بىرەر چىقىش ئېغىزى تاپقۇڭىز بار لېكىن تاپالمايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزنى چۇشەنمەيدۇ، يىنىڭىزدىكى ئادەم ئۇددۇلىڭىزدا تۇرغاندا تۇيۇقسىز گەپ قىلالماي قالىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇيۇقسىزلا سىز بۇ دۇنيا بىلەن چىقىشالمايدىغاندەك ، سىز ئەزەلدىن قەتئىي تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان نەرسە بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىپ كەتكەندەك.
     سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇيۇقسىزلا ھازىرقى تۇمۇشىڭىزنى تاشلاپ بىر نەچچە قۇر كىيىم ، ئاددىي يۇق تاقنى كۆتۈرۈپلا سەرگەردان بولغىڭىز كېلىدۇ.
     سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ باشقىلار سىزگە : سىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز  دىسە، ئارقىدىن سىز ، تېگى يوق خىياللارغا كېتىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇيۇقسىزلا سىز ۋاقىتنى موشۇ ۋاقىتقا توختىپ قويغىڭىز كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىز ياقتۇرىدىغان ئادىمىڭىز بىلەن مۇڭغا چۇشۇپ كېتىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ئۆزىڭىزنى ئاجىز ھېسابلىغان ۋاقتىڭىزدا ، ئۆزىڭىز بىر يەرگە بىكىنىۋالىسىز، باشقىلارغا ئازاپلىرىڭىزنى كۆرسەتكۇڭىز كەلمەيدۇ.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇيۇقسىز يىغلىڭىز كېلىدۇ ، لېكىن يىغلىيالمايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۈن نىسبى بولغان ۋاقتىدا، ئۆزىڭىزنى بەكمۇ مىسكىن تەنھا ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تونۇش بولغان كوچىلاردىن ئۆتكەندە، تونۇش بولغان مەنزىرىلەرنى كۆرگەندە ، تۇيۇقسىز سىز بىلەن بىللە بولغان كىشىنىڭ سىماسى ئالدىڭىزغا كېلىدۇ.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ قەلبىڭىزدە نۇرغۇنلىغان دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بار ، لېكىن قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ بەزىدە ئۆزىڭىزنى ھېچ نەرسىسى يوقتەك ھېس قىلىپ، تەركىدۇنيا بولغىڭىز كېلىدۇ.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇنلىغان دوسلىرىڭىز بار ، لېكىن ئۆزىڭىزنى يەنىلا تەنھا ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ئۆزىڭىزنى مەيلىڭىزگە قويىۋەتكىڭىز بار، ئۆزىڭىزنى ھېچ نەرسىنى تۇيمايدىغاندەك بىر قېتىم مەس بولغىڭىز بار.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ نۇرغۇنلىغان ئوي خىياللىرىڭىز بار، لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟داۋاملىق قىلىدىغان ئىشىڭىزنى تاپالمايسىز، زېرىكىشلىكتىن ھەممە نەرسىدىن زېرىكىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ بەزىدە ئۆزىڭىزنى تاپالماي قالىسز، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ قەلبىڭىزدە بەزىدە تۇيۇقسىزلا «زېرىكىشلىك» ھېسيات پەيدا بولۇپ ، ئۆزىڭىزنى بەك ھارغىن ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۇسىنى ئويلىغىڭىز كەلمەيدۇ، كەلگۇسىگە يۈزلەنگەندە، تەمتىرەپ قالىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇرۇپلا ئۆزىڭىز نى قېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ بىرەر كونا ناخشىنى ئاڭلىغاندا ، تۇيۇقسىز ئېسىڭىزگە بىرەرلىرى كېلىپ قالىدۇ
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ بىرەرسىنىڭ سىزنى قەدرىلىشىنى ، سۆيىشىنى، بىرخىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىشنى ئۈمىد قىلىسز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ باشقىلار سىزنى خاتا چۇشۇنىپ قالغاندا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگۈڭىز كەلمەيدۇ، ئۆزىڭىز قەلبىڭىزدە تەنھا ئازاپلىنىسز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ داۋاملىق خىياللار ئىچىدە تىركىشىسىز، نۇرغۇنلىغان ئۆتۇپ كەتكەن ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ بىرسىنىڭ قەلبىڭىزنى چۈشۈنىشىڭىزنى، بىر قاراشتىلا قەلبىڭىزنى چۈشۈنىشىنى ، قەدىناس بولۇپ ئۆتۇشنى ئويلايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، ئۆزىڭىزنى قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىسىز.
     مانا بۇ بىز 40 قا ئاتلىغان 70 – يىللاردىن كيىن تۇغۇلغانلار.
     ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئاستا – ئاستا قېرىشقا ماڭغانلار، بۇنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار ، ئۇمۇ بار ، مەنمۇ بار ھەم.
مەن يوقۇردىكى قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، ئۆزۈممۇ 70 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ، بۇنىڭدىكى بۇ قۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆزۈمدە بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئولتۇرۇپ قالدىم. بەلكى نۇرغۇنلىغان تورداشلارمۇ موشۇنداق ھېسياتتا بولسا كېرەك دەپ تەرجىمە قىلىپ سىلەرگە سۇندۇم.
مەنبە : ئۆزۈم (تەرجىمە قىلغان ئەسەر)
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
بانۇ + 15很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 15  باھا خاتىرىسى

ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 16:38:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بىزنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاختىمىز، يۇقىرىدا چوڭلار ،تۆۋەندە بالىلار. خىزمەر تېخى جەڭدەك، مۇسۇلماندارچىلىق قائىدە يۇسۇنلىرى ساماندەك،يىتىشەلمەي يۈگرەپ يۈرگەن .ئۇف ........دەپ بولغىچىمۇ ھېرىپ كەتتىم.

Rank: 4

تىللا
478
تۆھپە
116
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 22:36:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   بەك   ياخشى  تېما  يوللاپسىز  ، خاتىرەمگە  كۈچۈرۈۋالدىم .
san实名认证 

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
naprat
تىللا
198
تۆھپە
55
UID
23400
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 18:10:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ماۋزۇدىنلا ياخشى ئەسەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
    زو رقىزىقىش ئىچىدە دەرھال ئوقۇدۇم، ئوقۇدۇم - يۇ چوڭقۇر ئويغا پېتىپ قالدىم، نىمە دەي، بۇ بىر دەرھەقىقەتقۇ! تۇيۇقسىزلا ئۆتمۈشۈمنى ئەسلەپ قالدىم، ئۆتمۇشتىكى ئىزلىرىمنى ئىزلىدىم. ئەپسۇس، يىللارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغىنى پەقەت قۇرۇق  ئەسلىمىلەرلا ئىكەن. ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ كۆزلىرىمنىڭ چۆرىسىدىن يول ئالغان بىلىنەرـ بىلىنمەس قورۇقلارنى بايقاپ قالدىم.تېخى تۈنۈگۈنلا ئەمدى رېسىدە بولغان تارتىنچا، ئۇياتچان بىر قىز ئىدىم . ۋاقىت نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن -ھە؟ تېخى تۈنۈگۈنلا ئالى مەكتەپنىڭ قايناق تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندەك قىلغانىدىمغۇ؟  ياق، ياق بىر دەمدىلا 10 يىل ئۆتۈپتۇ.
    مەن ئەينى چاغدا باشقىلارنى ئاچا-ئاكا دىگەن بولسام ئەمدى باشقىلار مېنى ئاچا دەۋاتىدۇ.
    مەندىكى گۈزەللىكلەرنى تارتىۋېلىشقا باشلىغان  رەھىمسىز يىللارنى كەينىگە قايتۇرۇشقا ئامال يوق ئىدى.

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
396
تۆھپە
200
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 18:12:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
san يوللىغان ۋاقتى  2012-9-14 18:10
ماۋزۇدىنلا ياخشى ئەسەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
     ...

مەندىنمۇ بالدۇر قېرىپ كەتتىڭىزمۇ سىڭلىم، سىز تېخى قىرىققا كىرىدىغانغا 8 يىل بار جۇمۇ ، ھاھاھا
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!
san实名认证 

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
naprat
تىللا
198
تۆھپە
55
UID
23400
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:03:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز؟
      مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىتۇدىنىت چاغلىرىمغا قارىغاندا مەندە ھازىر  كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى.   
سەبىلىكىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ھازىرقى سىتۇدىنىتلار مېنى ئاچا دەپ چاقىرسا دەسلەپتە كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى، لېكىن ھازىر تەن بەردىم. بارغانسېرى ئۆتمۈشىمىزدىن يىراقلىشىدىكەنمىزكى ھەرگىزمۇ ئەسلىمىزگە قايتىيالمايدىكەنمىز.
      
san实名认证 

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
naprat
تىللا
198
تۆھپە
55
UID
23400
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 00:30:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      سىزنىڭمۇ 10 يىل ئىلگىرىكى قامەتلىك گەۋدىڭىز ھازىرمۇ شۇ پېتى تۇرۇۋاتامدۇ؟ قويۇق قۇندۇزدەك چاچلىرىڭىز ھازىر بارمۇ؟ چىرايىڭىزدىكى خۇشخۇيلۇق ھازىرمۇ دائىم ئەكىس ئېتىپ تۇرامدۇ؟؟؟؟
      سزى يۇقىرىقى سوئاللىرىمنىڭ ھەممىسىگە «ھەئە» دەپ جاۋاپ بېرەلەمسىز؟ ئەگەر قىلچە ئىككىلەنمەي «ھەئە» دىيەلىسىڭىز ئۇ چاغدا سىز ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزنى قەدىرلەڭ، چۈنكى سىز تولىمۇ بەخىتلىككەنسىز.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
791
تۆھپە
421
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 12:23:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ياشتىكى كىشىلەرنىڭ رۇھىي پىسخكىسى ناھايىتى جانلىق ئىپادىلىنىپ بىرىپتۇ ،مۇشۇ ياشتا كىشى سىرىتقى كۇرۇنىشى جىمغۇر لىكىن كۆپ ئىشلارنى ئۇيلايدىغان بولوپ قالىدۇ ،،،

Rank: 1

ئىسىمى
پەزىلىيە مەمتىلى
تىللا
43
تۆھپە
13
UID
27508
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 19:29:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىكەن.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2345
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 19:40:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى قايتا-قايتا ئۇقۇدۇم،،، چوڭقۇر  ئويغا پاتتىم ،،،راس ھەممىسى ھەقىقەتقۇ ، ئويلاندىم ئاخىرى مۇشۇ بىر كوپلىت شىېرغا يىغىنچاقلىدىم
ئاھ!! ئەجەپ سۇندىغۇ  مىسكىن بۇ كۆڭلۇم ،
سۆيگۇ باپلىرىدا قالدۇرۇپ بوشلۇق ،
يىگانە ئۇتەرمۇ پىغاندا ھايات،
قوندۇرۇپ چاچقا ئاق ،، يۇزلەرگە قورۇق
مېنىڭ شۇنداق ۋاقىتلىرىم بەك  كۆپ بولغان ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nargiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 19:42  

ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 19:46, Processed in 0.135183 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991