ھەقىقىي بايرام، ئەڭ قىممەت سوۋغا
بىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى ئىدى. ئۇ سىنىپتا چوڭقۇر غەمگە پېتىپ ئولتۇراتتى. ساۋاقداشلىرى بولسا،مۇئەللىمىگە تەييارلىغان بايراملىق سوۋغىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىشىۋاتاتتى. پەقەت ،ئۇلار نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىسىغا ھېچقانداق سوۋغا ئالالمىغان ئىدى.شۇ سەۋەبتىن كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولماقتا ئىدى.
-ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر-مۇئەللىمنىڭ ياڭراق ئاۋازى ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلىۋەتتى.ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالماستىن،باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئەگىشىپ،بوشقىنە ئاۋازدا-مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز،بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن-دېدى.
-ساۋاقداشلار ،ماڭا قانداق سوۋغىلارنى تەييارلىدىڭلار ،قېنى،بىردىن-بىردىن رەتلىك ھالدا،ئوتتۇرغا چىقىپ،ماڭا كۆرسىتىڭلار-مۇئەللىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن،ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئوتتۇرغا چىقىپ،مۇئەللىمىگە سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇشتى.بىراق،ئۇ يۈزى قىزارغىنىچە،ئورنىدىن مىدىرلىماي،ئولتۇرۇۋەردى.
-قاراڭلار،رەپقەت مۇئەللىمگە سوۋغا ئېلىپ كەلمىگەن ئوخشايدۇ.
-نامرات تۇرسا.
ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ،غۇدىراشقا باشلىدى.ئۇ ،ئۇلارنىڭ مەسخىرىلىرىگە چىدىيالماستىن ،دۈم يېتىۋېلىپ ،پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.تۇيۇقسىز بىر مىھىرلىك قول ئۇنىڭ بېشىنى سىلىدى.ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى.
-رەپقەت، نېمىشقا يىغلايسەن،سەن ماڭا ھەممىدىن قىممەتلىك سوۋغىنى سەن بېرىپ بولدۇڭ-ئۇنىڭ بېشىدا مۇئەللىمى كۈلۈمسىرىگىنىچە قاراپ تۇراتتى-قارا،سەن مەكتىپىمىز بويىچە ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپسەن-مۇئەللىم شۇنداق دېگىنىچە،قولىدىكى نەتىجە قەغىزىنى ئۇنىڭغا بەردى،ھەم بارلىق ساۋاقداشلارغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ-ساۋاقداشلار،بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن،ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ،ياخشى ئۆگۈنىش نەتىجىسىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق،بەخىت ،خۇشاللىق ھەم مۇكاپات يوق،رەپقەت ماددى سوۋغا ئەكەلمىگەن بولسىمۇ،مەن ئۈچۈن،ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا تەقدىم قىلالىدى.شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى،بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ،ھەقىقى كېرەك بولغان سوۋغىنى ھەرگىزمۇ پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ،ئەگەر مىنى خۇشال قىلماقچى بولساڭلار،تىرىشىپ ئوقۇپ،ياراملىق ئادەم بولۇڭلار،مانا بۇ ،مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەت سوۋغا،سىلەرنىڭ نەتىجە قازانغان ۋاقتىڭلارنى كۆرگەن كۈنۈم،مەن ئۈچۈن ھەقىقى بايرام-دېدى.
ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،تىرشىپ ئوقۇپ،ياراملىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن بەل باغلىدى.
* * * * * * * *
شۇنىڭدىن كېيىن،ئۇ تىرشىپ ئوقۇپ،تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى بولۇپ كەلدى.ئۇ ھەرقېتىم نەتىجە قازانغاندا ،مۇئەللىمىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.ھەم بارلىق نەتىجىلىرىنى،ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە،ئۇنىڭغا سۇندى.