قالتىس مۇھەببەت
قولىغا سانچىلغان ئوكۇلنىڭ ئاغرىقىغا چىدىمىغان يىگىت ، سېستىراغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ غەزەپ بىلەن تىكىلدى. بىراق ئۇنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا ،يىگىتنىڭ بايىقى ئاچچىقى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى ۋە ئاچچىقىنىڭ ئورنىنى مۇھەببەت ئىگەللەپ ۋۇجۇدىنى ئىنتايىن شېرىن بىرخىل ئېقىم ئۆز قوينىغا ئالدى .
-ئاغرىپ كەتتىما؟-سېستىرا قىزنىڭ سورىغان سوئالى ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلىۋەتتى-مەن پىراكتىكانت،شۇڭا تازا ياخشى قىلالماسلىقىم مۇمكىن.
-ياقەي،پەقەتلا ئاغرىمىدى-يىگىت قىزنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ،شۇنداق دېدى.
ئوكۇل تۈگىگەندىن كېيىن يىگىت قىزبىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە خوشلاشتى.
شۇ كۈندىن كېيىن يىگىت كېسەل بولسا داۋاملىق مۇشۇ سېسىتىرا قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوكۇل سالدۇرىدىغان بولدى،كېيىن ئۇلارمۇھەببەتلەشتى،ئاخىرىدا توي قىلدى .ئېرى كېسەل بولسا ،ئايالى داۋالىدى،ۋە ئوكۇل سېلىشنى ئۇنىڭغىمۇ ئۆگىتىپ قويدى.
بىركۈنى ئايال بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالدى.ئەر ئۇنىڭغا ئوكۇل سېلىپ،تۇنجى پىراكتىكىسىنى ئىشلىدى.قاتتىق ئاغرىققا چىدىمىغان ئايال ئېرىگە بىرنىمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ،ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.بىراق ،ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراش بىلەنلا ئاچچىقى ئاللاقاياقلارغىدۇر يوقۇلۇپ،ئېرىغا تۇنجى قېتىم ئوكۇل سالغان ھېلىقى كۈننى ئېسىگە ئالدى.
-ئاغرىپ كەتتىما؟ئەرنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلۈۋەتتى-تۇنجى قېتىم بولغاچقا، تازا ياخشى قىلالماسلىقىم مۇمكىن.
-ياقەي،پەقەتلا ئاغرىمىدى-ئايال ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ ،شۇنداق دېدى.
شۇ كۈندىن كېيىن،ئايال ئېرى بىلەن،بۇخىل قالتىس مۇھەببەتتىن تەڭ بەھىرلىنىشكە باشلىدى.
مانا مۇشۇنداق قالتىس مۇھەببەتنىڭ سەۋەبىدىن،ئۇلار ھاياتنىڭ قىيىن كۈنلىرىدە بىر-بىرىگە ياردەمدە بولۇپ،بىر-بىرىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ،بىر ئۆمۈر ھەقىقى بەخىت ئىچىدە ياشىدى.