كۆرۈش: 6970|ئىنكاس: 9

قارشى قىرغاقتىكى خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
364
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 18:19:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارشى قىرغاقتىكى خىياللار


     سەندىن ساپ ، غۇبارسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت تىلەش ئۈچۈن ، يوقاتماقچى بولغانلىرىم بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتتى . ئەلۋەتتە ، شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . سەن ماڭا سايىدەك يېپىشقان شۇ كۈندىن باشلاپ ، قەلبىمدىكى ھەسرەتلەر ھېماتسىز قالدى ، سېنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىڭگە دەممۇدەم ئېرىشىپ تۇردۇم ، ئۆزۈمنى خۇددى چۈش دەرياسىنىڭ تىمتاس ساھىلىدا يۈرگەندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم . يىراقلارغا ئەركىن نەزەر سالدىم ، دەريا تاشقىنى قىرغاقلارغا قاتتىق ئۇرۇلۇپ مېنى ئالقىشلايتتى ، ئاسماننىڭمۇ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرۈپ ئارامى بۇزۇلغانىدى ، يۇلتۇزلار ئۈن-تىنسىز پىچىرلىشىپ ھەۋەسلىنىپ قارايتتى ، قەلبىم شۇقەدەر يېنىك ، تاڭ شەپىقىدەك شۇقەدەر بىخۇبار ئىدى . ئېھ ، سۆيۈملۈك قىزچاق ! ھايات دوقمۇشلىرىدا تىنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈشلىرىمنى تاشلاپ ، تاڭ ئۇپۇقى بىلەن بالقىغان قارشى قىرغاققا ئۈنسىز قاراپ ئولتۇرۇپ ، ئاسمان سەتھىسىدىن ھېس-تۇيغۇلۇق ئاۋازىڭنى تىڭشايمەن . قەلبىمنىڭ خىلۋەت ساھىلىغا مېھىر-مۇھەببىتىم ، ئۈمىد-ئىستەكلىرىم ، ئوي-پىكىرلىرىم بىلەن ئاپپرىدە قىلغان مۇئەككىلىڭنى قۇچاقلاپ ، سېغىنىشلىق لەۋلىرىمنى سۈرۈپ قويىمەن . مەن خېلى ۋاقىتقىچە مۇشۇنداق ئولتۇردۇم ، تاكى سەن ۋىسال جامىنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ ماڭا سۇنغىچە مۇشۇنداق ئولتۇرماقچىمەن . مانا مۇشۇ سەلتەنەتلىك ئۇلۇغ كۆرۈنۈشلەرگە لالە رەڭ قوياشنىڭ قانچىلىغان تەبەسسۇمى ، شاھانە كېچىنىڭ قانچىلىغان كۈيلىرى ، غېرىبانە يۇلتۇزلارنىڭ نەچچە رەت ئۈمىدلىك بېقىشلىرى يۇغۇرۇلغان _ ھە ! ھەي ، مېنىڭ سۈبھى يۇلتۇزۇم ، سەن نەقەدەر ئوماق ، نەقەدەر چىرايلىقسەن ! سەن مېنىڭ يەسىمەن گۈلۈم . يىللاردىن بىرى ، تۈننىڭ سىرلىق چۈمبەردىسىنى قايرىپ ، قوياش گۈلچەمبىرىكىنى بوينۇمغا ئېسىپ ، ماڭا ئۈمىد يولىنى كۆرسىتىپ كەلدىڭ . سۆيۈملۈك گۈلۈم ، سېنى كۈتىمەن ، سېنىڭ مېنى خىلۋەت ساھىلدىن قايتىپ ، ئارامبەخىش ھۇجراڭغا چاقىرىشىڭنى كۈتىمەن ...

v.gif
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
989
تۆھپە
273
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 15:46:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
891
تۆھپە
576
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 22:21:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان نەسىر ئىكەن .


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
1199
تۆھپە
61
UID
4359
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 00:14:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت     


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1286
تۆھپە
870
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:10:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە يازغىچە قىزغىلا يازسىڭىزچۇ!!!!!!  ياخشى چىقىپتىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
974
تۆھپە
620
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:57:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 18:20:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1681
تۆھپە
808
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:35:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
4
UID
20094
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 15:51:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ياخشې ئېكەن


Rank: 4

ئىسىمى
خەيرىگۈل
تىللا
187
تۆھپە
105
UID
16947
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 17:31:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، دائىم مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 07:03, Processed in 0.083754 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991