سىز «يانفون خۇمارى» مۇ؟
ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ، شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 4-سانىدىن «"يانفۇن خۇمارى"نى چۈشىنەمسىز؟» ناملىق ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئابلىمىت نىياز بولۇپ، ئاپتور:شىنجاڭ دىلخۇش پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش داۋلاش مەركىزىدىن ئىكەن. ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان مۇنۇ قۇرلار مېنى خېلىلا ئويلاندۇرۇپ قويدى.
"يانفۇن خۇمارى"نىڭ ئىپادىلىرى قانداق بولىدۇ؟
1. تېلېفون ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغاندا (تېلېفوننى ئۇنتۇپ قالغاندا، توكى تۈگىگەندە، سېگنال ئاجىز بولغاندا)بىئارام بولۇپ، ئىچى تىتىلداش.
2. شارائىتنىڭ تېلېفون ئېلىشقا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى پەقەت نەزەرگە ئالماي، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھېسياتىنى ئويلاشمايلا تېلېفون ئېلىش.
3. داۋاملىق تېلېفونغا قاراپ، ئۆزىنىڭ تېلېفوننى ئاڭلىماي قالغان ياكى قىسقا ئۇچۇرى بار-يوقلىقىنى كۆرمەي قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش.
4. ھەركۈنى نۇرغۇن ۋاقىتنى تېلېفونغا سەرپ قىلىپ، نورمال خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزۈش.
5. تېلېفون ھەققى بارغانسېرى ئېشىپ كېتىش، ھەتتا كۆتۈرەلمىگۈدەك ھالەتكە يېتىش.
6. باشقىلاردىن تېلېفون كەلمىسە تېلېفوننىڭ ئېتىك ياكى ئوچۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش.
7. تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشنى تېلېفون ئارقىلىق ھەل قىلىش.
8. شارائىتنىڭ تېلېفون ئېلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ (ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا، دوختۇرخانىدا) يەنىلا چىداپ تۇرالماي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش.
9. تازىلىق ئۆيىگە كىرگەندە، مۇنچىغا چۈشكەندە تېلېفون ئېلىپ كىرىش.
10. ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن تېلېفوننى ئاڭلىماي قېلىپ، كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم قايتۇرۇپ، كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىش.
11. يېڭىدىن دوستلار بىلەن تونۇشقاندا ئالدى بىلەن تېلېفون نومۇرىنى سوراپ قالدۇرۇش.
12. تېلېفون بىلەن ھەل قىلغۇدەك ئىش بولسىلا، ۋاقىت ئۇزۇن سەرپ بولسىمۇ ئۆزى ئاتايىن بېرىشنى ئېغىر كۆرۈپ، تېلېفوندا ھەل قىلىش (ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىدىغان تاماقخانىلارغا تاماق بۇيرۇتۇش).
يۇقىرىقى ئىپادىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مەندە باركەن. مەنغۇ بەك تېلېفون ئويناپ كەتمەيمەن. دېمەك مەنمۇ يانفون خۇمارىمۇ؟دوستلار سىلەرچۇ؟
