قونچاق يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:43 
«ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغۇ ئىشلەتسۇن ئەمدى، ئوتتۇر ...
مېنىڭچە، چوڭلارغۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئىشلىتىدۇ. مۇمكىن بولسا ئازراق ئىشلەتكىنى ياخشى... لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ (قانداق مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشتىن قەتئىينەزەر) يەنىلا ئىشلەتمىگىنى ياخشى. ئۇندىن باشقا كومپيۇتېر... قاتارلىقلاردا ئويۇنمۇ ئوينىماسلىقى كېرەك... دەرۋەقە، سىز دېگەندەك بەزى ئاتا - ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىدىن پەخىرلىنىپ كېتىدىكەن، ھەتتا بەزىلەر (يېزىلاردىكى بەزى دېھقانلار، ھەتتا بىر قىسىم زىيالىيلار) تاپقان - تەرگىنىنى يىغىپ، ئاشۇ ئوماق، ئەقىللىق پەرزەنتلىرىگە ئاشۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، مېڭە تەرەققىياتىغا، ھەتتا ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاشۇنداق «جان ئالغۇ» لارنى ئۆز قولى سېتىۋېلىپ بېرىدىكەن.
مېنىڭ ئاشۇنداقلاردىن كۈتدىغان تەۋسىيەم: بۇنداقلار بۇرۇنراق ئەقلىڭلارنى يىغىڭلار! ئۆزۈڭلارنىڭ قەدرىنى ئۆزۈڭلار قىلىڭلار! ئۆز ھاياتىڭلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن نابۇت قىلماڭلار!...
بۇنداق كۆپ سۆزلىسەم نۇرغۇن تورداشلارنىڭمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماي يەنە! ئەگەر توغرا دەپ قارىمىساڭلار ئۆز پىكرىڭلاردا قالساڭلار بولىدۇ... لېكىن ئېسڭلاردا بولسۇن، بىزنىڭ مىللىتىمىز ھازىر مۇشۇنداق «ناچار» تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ئارقىلىق ۋەيران بولۇۋاتىدۇ...