كېپىنەك
باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،بىر جۇپ قىز- يىگىت باغچىدا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپتۇ،يىگىت ئەتىرگۈلنى كۆرسىتىپ دەپتۇ :
- سۆيۈملۈكۈم، سىز خۇددى چىرايلىق گۈلنىڭ ئۆزى!
- مەن گۈل بولسام، سىز نېمە؟
- مەن گۈلگە قونغان كېپىنەك!
- مەن كېپىنەككە ئۆچ!
- نېمە ئۈچۈن ؟
- قاراڭ ، ئاۋۇ كېپىنەك ئەتىرگۈلنى تاشلاپ قىزىلگۈلگە قوندى.
ياش ۋە مۇھەببەت
ئا : مەن ھازىر بىر قىزغا ئاشىق بولۇپ قالدىم، بىراق ئۇ ئەمدىلا 20 ياشقا كىرىپتۇ. ئەگەر يېشىمنى ئون ياش كىچىكلىتىپ 40 ياشقا كىردىم دېسەم، ئۇ قىز توي قىلىشقا قوشۇلارمۇ؟
ب : ئەخمەق ، ئەڭ ياخشىسى ‹‹60 ياشقا كىردىم، ناھايتى كۆپ پۇلۇم بار›› دېگىن.
كىم يامان ؟
بىر دېھقاننىڭ تۇنجى تاكسى توسۇشى ئىدى . ئۇ شەھەردىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى قاقتى - سوقتى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بېكەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ئەتۋىركىسىنى چىقىرىپ چىشىنى كوچىلىغاچ ، تاكسى شوپۇرىدىن سوراپتۇ:
- قانچە پۇل ؟
بۇ چاغدا تاكسى شوپۇرى چەيدو بىلەن ساقىلىنى قىرغاچ ، مۇنداق دەپتۇ :
- ئۆزۈڭ بىلىپ بېرەرسەن.
خىزمەت
ئۇ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ، ئايالى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ياردەمچىسى ئىدى . بىر كۈنى ئۇنىڭ قىزىدىن ساۋاقداشلىرى : ‹‹ سېنىڭ ئاتا - ئاناڭ نېمە خىزمەت قىلىدۇ؟ ››دەپ سوراپتۇ . قىزى ئىككىلەنمەي تۇرۇپ ‹‹ ئانام كىچىك بالىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ ، دادام كىچىك بالىلارنى رېمونت قىلىدۇ ›› دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.