كۆرۈش: 16677|ئىنكاس: 11

« ئۈچ ياش»تېلېۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 22:18:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

« ئۈچ ياش»تېلېۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا


cap21.jpg


(شۇ ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ھەققىدە، 1984-يىلى ئىشلەنگەن.)
سىنارىست-مەمەتئېلى زۇنۇن،رىژىسۇر-مۇختىبەر مەخسۇت.
ئاساسلىق روللاردا:
ئالىمجان-ئارسلان مەتنىياز.مۇھەررەم-دىلنار ئابدۇللا.
مۇكەررەم-گۇلباھار.مەخمۇت قەشقىرى-مىرئادىل ھاجىم.
ئىززەتخان-ئايشەم كېرىم.داموللاھاجىم-مىرئادىلھاجىم.
ساراڭ-يولۋاسخان ئىمىن. مىھرىنساخان-ئايگۇل قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
    بۇ فىلىمدە ئالىمجان، مۇھەررەم، مۇكەررەمدىن ئىبارەت ئۈچ ياشنىڭ ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى تېپىش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئاخىرى بۇ ئۇلۇغ مەخسەتكە يەتكەنلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. ئالىمجان پايانسىز باياۋاندا قۇم-بوراندىن قورقماي، ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسىزلىققا بەرداشلىق بېرىپ داۋۇت ھاجىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. بىراق داۋۇت ھاجى ئالىمجاننىڭ مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى سۇئالىنى ئاڭلاپ،يالغاندىن ساراڭ بولىۋىلىپ، ھېچنەرسىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. ئۇ يەنە قىلچىمۇ بوشاشماي، ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
     مۇكەررەم ھېيىتكاھ جامەئەسى ئىچىدە چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە جامەئەنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈپ بولۇپ، جامەئەدىن چىقىپ تۇرۇشىغا گۈللۈك ئەتراپىدا قولىدا ساتار چېلىپ، مۇڭلۇق ناخشا ئوقىۋاتقان بوۋاينىڭ يېقىملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ قالىدۇ ھەمدە يېقىنراق بېرىپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ناخشىغا قۇلاق سالىدۇ:

يارالمىشلەر ھەززىرىتى مەۋلان ئوپال ئازىق ئاراسىدا،

يىتىپ 70 كامالەتكە كىشىگە ئۆز يۇرۇت ھاۋاسىدا.

يىتىپتۇلەر ئارامگاھ ئەل لىۋان چەشمىش لىۋان باغرى،

نىگار  يەڭلىغ قارا تۈننى ناھار  ئەيلەپ دىياسىدا....


     مۇھەررەم ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ناخشا تىكىستىدىن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئوپال يېزىسىدىكى ئازىق كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىگىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئۇ بىر تەرەپتىن خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىدىن تىرشىپ ئۆگىنىپ،ئاخىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
     ئالىمجان ئۇزاقتىن بېرى ئىزدەپ يۈرگەن داموللا ھاجىمنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن مەخمۇت قەشقىرى يېزىپ قالدۇرغان قوليازما ۋە مەدىنىي يادىكارلىقلارنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئۇ چەكسىز شاتلىققا چۈمىدۇ. چۈنكى قوليازمىدا ھەزرىتى موللام مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىگاھىنىڭ ئوپالنىڭ ئازىق كەنتىدە ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت ھەقىقىي دەلىل ئىسپاتقا ئېرىشىدۇ. ئالىمجان بۇ خوشاللىقىنى مۇھەررەمگە يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا قوشلاپ غەلبىگە ئېرشىدۇ. مۇكەررەم بولسا، مۇھەررەمنىڭ ئاچىسى بولۇپ، مىجەزى چۇس، ھورۇن، بىلىمگە ئىنتىلمەيدىغان،ئويۇن-تاماششادىن باش كۆتۈرمەيدىغان قىز ئىدى. فىلىمدە ئاچا-سىڭىلنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ئىنچىكىلىك بىلەن سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق،رۇشەن ھالدا تەسۋىرلىنىدۇ. قۇربان ھېيىت كۈنى يۈزمىڭلىغان جامائەت ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئىزناسىنىڭ تېپىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قوش بايرامنى تەنتەنە قىلىپ، ئۇسۇل-ساما ئويناپ تەنتەنە قىلىشىدۇ.مىھرىنساخان ئانا ئوغلى-ئالىمجاننىڭ تويىنى قىلىش ئۈچۈن، تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ، قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئىبەرتىدۇ. كۈتمىگەندە ئەلچىلەر مۇھەررەم بىلەن مۇكەررەمنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. بىر قاتار ئۇقۇشماسلىق ۋە زىددىيەتتوقۇنۇشلار ئارقىلىق، ئاخىرى ئالىمجان بىلەن مۇھەررەمنىڭ توي ئىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئالىمجان خىزمەتتە زور تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، مەمىلكەتلىك خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالىنىپ، بېيجىڭغا ئۆگىنىشكە ماڭىدۇ. مۇھەررەم، مۇكەررەم قاتارلىق بىر قانچە خىزمەتداشلار ئالىمجاننى ئايرۇدۇمدا ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.
بۇ فىلىم قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، رىياللىقتىكى تۇرمۇشنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ھازىرقى مەقبەرىسى ساقلاپ قىلىنغان. فىلىمدە رول ئالغان، ئالىمجان، مۇھەررەم، مۇكەررەم،مەخمۇت قەشقىرى،ئىززەتخان رولىدىكى ئارتىستلار رولنى تولىمۇ ياخشى ئېلىپ تاماشىنلارنى تەسىرلەندۈرگەن. بىز ئۇلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈمىز.

cap20.jpg


cap15.jpg


cap13.jpg


يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى يېزىلدى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 22:22:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېلۋىزىيە فىلىم 1984-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، ۋەقەلىگى ئۆزگىچە، ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىشى تەبىي بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدۇ. بۇ فىلىمدە ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى -مەخمۇد قەشقەرىنىڭ مەقبەرىسىنى تېپىش جەريانى يىپ ئۇچى قىلىنغان.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
974
تۆھپە
620
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 15:50:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ۋاقىتلاردا تېلۋىنزوردا تۇنجى قۇيۇلغان  ئويغۇر تىلىدىكى فىلىم ئىدى  . ھازىر ئويلىسام ئۆيىمىزگە يېقىن بىر ئىدارىنىڭ  پائالىيەت ئۈيىدە قىستىلىپ ئولتۇرۇپ كورگەن ئىدىم.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
974
تۆھپە
620
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 15:53:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلانىڭ ئۆيىگە ئەلچىلەر كىرگەندە مۇھەرەم بىلەن مۇكەرەم نى ئالماشتۇرۇپ قويۇدۇغۇ دەيمە  شۇنداقمۇيا  ۋولپىرام ئەپەندى.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1681
تۆھپە
808
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 17:01:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشلانغۇچتا ئوقۇغاندا سۆيۇنىش ئىچىدە ئوقۇغان ئىدىم،بولسا بۇ فىلىمنى بازارغا سالسىڭىز ؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 18:02:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم بەك ياخشى جۇمۇ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 18:02:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر كۇرۇشكە ئەرزىيدۇ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
238
تۆھپە
76
UID
4624
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 09:14:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇغۇلغان يىلى ئىكەن . كۈرۈپ باقاي .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
154
تۆھپە
91
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 11:23:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنونىڭ توردا كۆرۈش ئادىرىسى يوقمىدۇ؟؟؟؟؟؟دوسلار


Rank: 4

تىللا
291
تۆھپە
77
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 19:00:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   كىچىك  ۋاقتىمدا  كۆرگەن   لېكىن   ھازىرمۇ   شۇنداق   ياخشى   كۆرىمەن .   ئەجرىڭىزگە  كۆپ  رەھمەت  .   


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 07:01, Processed in 0.085154 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991