- 出生县
- 疏附县
- 生日
- 1967 يىل 1 ئاي 1 كۈن
- ئىسىمى
- باتۇرجان مەمەت
- 出生小区
- 兰干乡
- 职业
- ئوقۇتقۇچى
- تىللا
- 214
- تۆھپە
- 140
- نادىر
- 0
- يازما
- 140
- جۇغلانما
- 634
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-19
- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- UID
- 13718

- ئىسىمى
- باتۇرجان مەمەت
- تىللا
- 214
- تۆھپە
- 140
- UID
- 13718
| ئاللىكىملەرنىڭ «بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشەكتىن پەرقى يوق» دېگىنى ئىسىمگە كەلدى، چۈنكى ئىشەك جېنىدا ياتقان يېرىنى قۇيرۇقىدا بولسىمۇ تازىلايدۇ ئەمەسمۇ!؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،يېقىندىن بېرى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى تورغا چىققۇدەك ۋاقىت بولماي قالدى،بۈگۈن تورغا چىقىپلا توردىشىمىز arginakunنىڭ مېنىڭ «ئوقۇتقۇچىلار سىرچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دىگەن تېمامنى ئوقۇغام\ندىن كېيىنكى يازمىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. قارىغاندا بۇ توردىشىمىزغا ھازىرقى مەكتەپلەردە بولۇۋاتقان ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر ئېيتىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك قىلىدۇ،چۈنكى بۇ توردىشىمىز تورغىمۇ يەڭلىرىنى تۈرۈپ،«تۇغۇت دوختۇرى»غا ئوخشاش كىرىدىكەن،ھەمدە پۇلنىڭ گېپىنى كۆپرەك قىلىدىكەن،گەرچە مەن يوللىغان تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ«قانۇنلۇق ئارام ئېلىش«(تەتىل) مەزگىلىدە ئۇلارنى مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنى تۈزەشتۈرۈش ئەمگىگىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىگى ئېنىق تۇرسىمۇ بۇ بۇرادىرىم قەستەنگە ئۈزۈندە ئېلىپلا قايناپ كېتىپتۇ،گېپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا« مەمتىلى ئەپەندى»دىگەن كىتاپنى ئاز-تولا ئوقۇغاندەك،لېكىن سۆز-ئىبارىلەرنى جايىغا ئىشلىتەلمىگىنىگە قارىغاندا مەلۇم بىر ئورۇنغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ،بۆرەكچىلىك بىلەن جان باقىدىغان غالچىلاردىن بولسا كېرەك،ئېھتىمال مۇشۇ بۇرادىرىمىز بىرەر كۈن سىمېنا قوشۇپ ئىشلەپ قالىدىغان بولسا كۈن ئۆتكۈزمەيلا كاماندىروپكا جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ،يالغاندىن سەت ھېجىيىپ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ،كىچىككىنە پۇلنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن قىلىدىغان قىلىق تاپالمايدۇ،ئەمما ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانچىلىك بۇرۇقتۇمچىلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كېرەك،ئەجەبا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ مەكتەپنىڭ يىللىق،مەۋسۈملۈك خىزمەت پىلانىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا تۈزۈپ قويۇپ،باشقا ئىشلار بىلەن كارى يوق،ئاخرىدا بەزىبىر خىزمەتلەرنىڭ ۋاقىت سۈرۈكى توشاي دىگەندە باشقىلارنى خالىغانچە ئىشقا بۇيرۇيدىغان ،ياتقان يېرىنى قۇيرۇقىدا بولسىمۇ تازىلاشنى بىلمەيدىغان ئىشەكتىن بەتتەر كىشىلەرنىڭ قولىدا دەخلى تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالمىغان ئوقۇتقۇچى قانداق ياراملىق پەرزەنت تەربىيىلىيەلەيدۇ دىگەننى ئويلىمىغان بولسا كېرەك،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانچىلىك كۆيۈنىدىغىنىنى ئوقۇتقۇچى ئۆزى بىلىدۇ،ئەمەلىي مەسىلىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويسا »قاقشىغان» لىق بولسا،باشقىلار قانچىلىك بوزەك قىلسا غىڭ-پىڭ قىلماي ئولتۇرسا ئاندىن توغرا ئىش قىلغانلىق بولامدۇ،مېنىڭچە arginakun،سىز (يەنىلا سىز دەپ تۇراي) ئوقۇتقۇچىغا ھاقارەت قىلىدىغان تىلىڭىزنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇپ،ئالدى بىلەن ھازىرقى مەكتەپلەرنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگەللەپ ئاندىن پىكىر قىلىڭ،بولمىسا كۆتىڭىزنى قىرىپ يەپ،بۆرەكچىلىكىڭىزنى قىلىڭ،سىزدەك ئادەمنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا خالىغانچە باھا بېرىدىغانغا ھەققىڭىز يوق.ئەگەر بۇ توغرىدا مۇنازىرىلەشمەكچى بولسىڭىز مەن داۋاملىق تەييار،ئەمما گەپ-سۆزىڭىزگە ئېھتىيات قىلىڭ،بۇ دىگەن ئىلمىي مۇنازىرە مۇنبىرى،سىزنىڭ شالىڭىزنى چاچىدىغان جاي ئەمەس، |
|