ئىگىسى: arginakun

«ئوقۇتقۇچىلار سىرچىلىق قىلىۋاتىدۇ» نى ئوقۇغاندىن كېيىن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1055
تۆھپە
368
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 05:20:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راست، ئوقۇتقۇچىلارغا كېلىۋاتقان مۇنداق بىنورمال بېسىملار ئىچىدە  تەۋپىق ئەپەندى يا دۆلەت مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ كەسپ ئالمىشاتتى، يا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر بىلەن  بىرلىشىپ توپ  مال تارقىتىش دۇكىنى ئاچقان بولاتتى...

Rank: 3Rank: 3

تىللا
119
تۆھپە
64
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:06:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئەپەندى،قورساق بوشىغۇدەك ئىنكاستىن بىرنى يېزىپسىز،،رەھمەت سىزگەئىسنىڭ ئاچچىغىنى مۇرا بىلىدۇ قېرىنداشلار،شۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنسىز ئەيىپلەپ كەتمەيلى...

Rank: 1

تىللا
60
تۆھپە
2
UID
11641
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 13:01:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىنىڭ رڭيھللىقىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم. تېما ئىگىسىگە رەخمەت !!!!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
133
تۆھپە
65
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 14:06:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇدىرلارنىڭ يۈرىكى شۇنداق چوڭمىدۇ؟
مەكتەپ مۇدىرىغا چېتىشلىق تېما بولسىلا مۇدىرلارنى تىللاپ-غاجاپ رەسۋاسىنى چىقىرىۋېتىدىكەنسىلەر!؟
ھېلىمۇ تىللاپ- غاجاپ، چېقىشتۇرۇپ يۈرۈپ، نۇرغۇن مۇدىرلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. (خەقنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ قولىغا قالدۇق)
ئۆز ۋاقتىدا ھىچ بولمىسا رۇخسەت سوراش خېتىنى ئانا تىل- يېزىقىڭىزدا يېزىپ رۇخسەت سورىيالايتىڭىز. ئەمدى قوش تىل سەۋىيىسى يوقۇرىراق بىرەرىگە يالۋۇرۇپ يازدۇرىۋاتىسىز.
«ئۆزەڭنىڭ يامىنىدىن قاچما،خەقنىڭ ياخشىسىغا يانداشما» دەپ بىر ماقال بولىدىغان.
ئەمدىكى گەپكە كەلسەك، يوقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ياكى يېزا- بازار مەسئۇلىنىڭ پەرمانىسىز ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغاندا ئارتۇق ئىشلىتەلەيدىغان، ئېغىر- يېنىك جىسمانىي ئەمگەككە سالالايدىغان مەكتەپ مۇدىرى يوقتۇر دەپ ئويلايمەن.
نېمىشقا 5-6 خانىلىق سان بويىچە پارا يەيدىغان، يۆتكەپ ئىشلىتىغان، خىيانەت قىلىدىغان، ئەپەندى خەق دېگەن بىكار خەق، دەپ كېچە- كېچىلەپ ئوقۇتقۇچىلارنى چارلاش- تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرالايدىغان باشلىقلارغا تېما يازالمايسىلەر.
مەنچە مەكتەپ مۇدىرى دېگەن بەك كىچىڭ ھوقۇق، ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خالىغانچە ئېكىسپالاتاتسىيە قىلالمايدۇ.
كەڭ قوساقلىق بىلەن، مۇدىرنى دۈشمەن دەپ قارىماي، ئويلاپ باقايلى، «ئىككى ئاساسەن» ئارخىپلىرىنى مۇدىر لايىھىلەپ چىقمىغان بولغىيدى؟ يالغان سان- ساناق، يالغان نەقمەيداننى مۇدىر ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرمىغان بولغىيدى!؟
«ئىككى ئاساسەن»دىكى بىر ئاساسەن (ياش- ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى ئاساسەن تۈگىتىش)نى مۇدىر تەلەپ قىلىپ بىز ئىشلەيلى، دەپ تۇرىۋالمىغان بولغىيدى؟!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار(مۇدىرلار ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرمۇ ھەم) مەكتەپنى ئۆز ئائىلەم، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىم، دەپ قاراپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسەكلا ئەۋلادلارغا يۈز كېلەيمىز.
ئۈمۈدۋار بلايلى، ئەتە بۈگۈندىن گۈزەل! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ! ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا!!!!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
133
تۆھپە
65
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 14:10:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار، مەن مۇدىر ئەمەس. يەنە مېنىمۇ «قارا قوساق مۇدىر»، «مۇدىرنىڭ.......سى» دەپ قۇرۇق چايناپ ئاۋارە بولماڭلار. مەن 22يىللىق سىتاژغا ئىگە، ئۆز تارىخىمغا يۈز كېلەلەيمەن دەپ قارايدىغان ئوقۇتقۇچى. بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1055
تۆھپە
368
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 14:36:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالماس ئەپەندىنىڭ گېپىنىڭ بەزى جايلىرى خېلى ئورۇنلۇق. ئەمما، ئەتراپىمىزدا باشقىلارنى كولدۇرلىتالىغىنىدىن خۇشال بولىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن خېلى بار. دېمەكچىمەنكى، مۇدىرلار ئامالسىز قالىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ. بۇ يەردە مۇنازىرە بولۇۋاتقىىنى: قولىدىن كېلىدىغان ۋە كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشلاردىمۇ مۇئەللىملەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىيالماسلىق ۋە ئۇنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش.
بىز ئەزەلدىن مۇدىرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشتىن قاقشاپ يۈرمەيمىز.ئۇنداق ئادەمنى ئېلىشمال دېسە بولىدۇ. ئەمما، يامانغا يانتاياق بولىدىغان ھەر قانداق كىشىگە نەپرەتلىنىمىز.
   مەنمۇ ئەلۋەتتە 21 يىللىق ئوقۇتقۇچى، 10يىللىق سىتاژغا ئىگە ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىسى. ھېچنېمىنى بىلمەي تۇرۇپ جاھىللارچە گەپ يورغىلىتىۋاتقىنىم يوق.پەقەت ھوقۇقىمىزغا شىلتىڭ ئاتقانلارغا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى دەۋالدىم.

Rank: 2

تىللا
55
تۆھپە
18
UID
1405
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:09:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
samandar314 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 23:01
مۇنۇ تىمىنى يوللىغان ئادەمنىڭ كاللىسى سەل ئاغرىۋاتامد ...

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
سىز پاھىشخانا ئاچامسىز!؟
دىمەكچى بولغىنىم مىنى شۇ سىڭىللىرىڭىزنىڭ قىشىدا ئۇچىرتىپ قالغان چىغى دەپ قالدىم!!!؟

ئاساسى گەپكە كەلسەك،مەنمۇ بىر خەلق ئوقوتقۇچىسى ئىدىم:مەلۇم ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلى
مەن ھازىر مەلۇم بىر يەرلىك ئىستانسىدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتىمەن.سىزنىڭچە بولغاندا تەۋپىق ئەپەندىم
ئەينى چاغدىكى شارائىت ناچار بولغىنى ئۈچن جاپا تارتىىشى بەرھەق: ھازىرقى ئوقوتقۇچىلار شارائىت
ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئىجىمائى پائالىيەت ، ئەمگەك...لەرگە قاتناشماي ئوقوغۇچىلارنى كىچىكىدىن
تارتىپلاجاپا-مۇشەققەتنى يىڭىشنى ئەمەس!ھورونلوققا يىتەكلەپ راھەت-پاراغەتكە كۆندۈرۈپ قويسا بولىدىكەن-ھە؟

   ھىم!...ھازىرقى مائارىپنىڭ قولىدىن نىمە ئۈچۈن ئاقنانچى،ئوغرى، تەييارتاپ، ئانىسىنى قاخشىتىدىغان
كۆيۈمسزلەرنىڭ چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم!  سەۋەپ مائارىپ تۈزۈلمىسىدىلا ئەمەس
ئوقوتقۇچىلاردا ئوخشايدۇ ، بالىلار جاپاغا چىداش روھىنى ئەنە شۇ ئۇستازلىرىدىن ئۈگەنمىسە يەنە
كىمدىن ئۈگىنىدۇ.

مىنىڭچە بولغاندا ، مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن ،ئەمەلدارلىق سورونىدىكى چىرىكلىكتىن قاخشاشنىڭ ئورنىغا
بىرەر قىتىم مەن نىمە قىلدىم؟ مەن ئوقوغۇچىلىرىمغا ، ئوقوغۇچىلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا، مىللەتكە يۈز كىلەلەيمەنمۇ دەپ ئۆزىمىزدىن سوراپ باقسام بولاتتى

ھىلىمۇ ئىسىمدە: مەن ئوقوتقۇچىلىق قىلغان مەكتەپتە 70 كە يىقىن ئوقوتقۇچى بار بولوپ ھەقىقى ئوقوغۇچىغا كۆيۈنىدىغان ئوقوتقۇچى 20 مىگىمۇ يەتمەيىتتى، قالغانلىرى بىر سائەت دەرىستە قول سائىتىگە 10 قىتىم قاراپ ۋاقىتنىڭ تىزرەك توشىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى.  ئوقوغۇچىلارغا كىتاپنى سىزدۇرۇپ قويۇپ دوگما يادلاتقۇزاتتى....
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
قوشومچە قىلىپ سىزگە ئىتسام، مەنمۇ سىزنىڭ نىمە قىلدىغىنىڭىزنى بىلمىدىم، ھەم سورىمايمەن
لىكىن پاھىشخانىنى تىلغا ئالغىنىڭىزنى كۆرۈپ سىزنىڭ بىر تىتىقسىز ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم
چىرايلىق مۇنازىرە بولىۋاتقاندا بۇنداق سىڭلىڭىز ئىشلەيدىغان جاين ىتىلغا ئىلىپ پەش قىلىپ يۈرمىسڭىز بولاتتى شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن مۇنازىرە قىلغاندا ئىغىزغا دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن

Rank: 2

تىللا
78
تۆھپە
32
UID
24827
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 00:40:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELTUGH يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 17:30
ھوي!!!...ھوي!!! ئىنساپ، خەق ئىنساپ! مۇئەللىملەرنىڭ قانۇن ...

مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى قوللايمەن. قارىغاندا بەزىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسە كىرەك...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1055
تۆھپە
368
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 15:16:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەرگىنەكۈن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بەزى مەسىلىلەر مائارىپىمىزدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت.  بۇ  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۆلەمدە تېزلىك بىلەن تولۇقلاش ئارقىلىق ئىش تاپالمىغانلارنى زورلاپ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىپ قويغاندىن كېلىپ چىققان بىر سەلبىي نەتىجە. يەنە بىر تەرەپتىن پىلانلىق تۇغۇتنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ ئەتىۋارلىق خانزادىلەرنى ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە تەربىيەلەشمۇ باش قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە!
   ئەمما،بۇ يەردىكى گەپ يەنە شۇ يەردىكى: مۇئەللىملەر جىسمانىي ئەمگەك قىلسا بولمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلار  بېسىم ئىچىدە، ھوقۇقى دەپسەندە بولۇپ تۇرۇپ، تەتىلىنى، ئارام ۋاقتىنى مەجبۇرىي قۇربان قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق جىسمانىي ئەمگەك قىلسا بولمايدۇ ھەم قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك! بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان خىتابنامە!
    بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ شارائىت تولۇق ھەم ھەممە نەرسە بار بولغاندىكىن ئەمگەك قىلساق بولمايدۇ، دېگەنلىك  مەنە چىقمايدۇ ،  ئەلۋەتتە!
  گوست802،گەپ-سۆزدە ئىلمىي بولۇپ مۇنازىرىگە قاتنىشىڭ. بولمىسا مۇشۇنداق كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELTUGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 15:21  

Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
8
UID
26430
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 16:33:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى  سىز راستىنلا شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرىنىڭ «بۆرەكچىسى» ئىكەنسىز.
مەنمۇ بىر خەلق ئوقوتقوچىسى، سىزنىڭچە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقوتقوچىلارنى مەكتەپنىڭ قۇرلۇشلىرىنى سىرلاشقا، ئوت چوپلىرىنى يۇلۇشقا سالسا قانداقمۇ شۇ ئوقوتقوچىلار خاتىرجەم خىزمەت قىلالايدۇ؟
بىر گەپنى دەپ قوياي ھازىر «تەۋپىق ئەپەندى» ياشىغان دەۋىر ئەمەس. ئۇ دەۋىر بىلەن ھازىرقىنى سىلىشتۇرماڭ. سىزنىڭ مەكتىۋىڭىزنىڭ شارائىتى شۇنداق بولسا مەنمۇ ئاغرىنماي.
سىزنىڭچە مەكتەپتىكى ئۇششاق ئەمگەكلەرنى ئوقوتقوچىلار قىلىپ تۇگىتىش كىرەك، ئوقوغوچىلارنى سىنىپتىن چىقارماي تامىقىنى ئەكىرىپ بىرىپ ياۋاشلىق بىلەن ئوقوتوش كىرەك شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە سىز دىگەن ئوقوغوچىلارنىڭ جاپا مۇشەقەتنى يىڭىش ئىرادىسىنى سىزنىڭ ئويىڭىزگە ئاپىرىپ تىكلەمدۇق؟ ........
ئوقوتقوچىلار دەرىس ئوتوش، تاپشۇرۇق تەكشۇرۇش، پىلان تۇزۇش، ئارخىپ ئىشلەش...... قاتارلىق ئىشلاردىن باشقا يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىشى كىرەك؟.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 05:59, Processed in 0.066857 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991