ئىگىسى: arginakun

«ئوقۇتقۇچىلار سىرچىلىق قىلىۋاتىدۇ» نى ئوقۇغاندىن كېيىن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
خام شوخلا
تىللا
208
تۆھپە
70
UID
4844
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 12:39:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتنى چۈشەنمىگەن ئادەمنىڭ پىكر قاتناشتۇرۇش يولى يوق!ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەن بىھۇدە قىينىلۋاتقانلىقىنى مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن!بىڭسىڭىزبولسا شۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن،يۇقىرنىڭ بەرگەن پۇلى قېنى ھېچ بولمىسا بىر بوتۇلكا مىنىرال سۇ بولسىمۇ ئچسۇن بۇلار شۇ پۇلنىڭ پىرسەنتىگە دەپ باقتىمۇ؟!سىز شۇنداق قىلدۇرالامسىز؟

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
خام شوخلا
تىللا
208
تۆھپە
70
UID
4844
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 12:40:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راست، ئوقۇتقۇچىلارغا كېلىۋاتقان مۇنداق بىنورمال بېسىملار ئىچىدە  تەۋپىق ئەپەندى يا دۆلەت مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ كەسپ ئالمىشاتتى، يا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر بىلەن  بىرلىشىپ توپ  مال تارقىتىش دۇكىنى ئاچقان بولاتتى...

Rank: 3Rank: 3

تىللا
119
تۆھپە
64
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 23:03:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-سىنتەبىر خەۋەردە زۇڭلى ۋېنجىياباۋ ئالامەت ياخشى گەپ قىلدى.شۇنى تېپىپ ئاڭلاپ بېقىڭلار.

Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
8
UID
19742
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 11:59:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوي!!!...ھوي!!! ئىنساپ، خەق ئىنساپ! مۇئەللىملەرنىڭ قانۇنلۇق دەمئېلىشىدە يەنە كىمنىڭ ھەققى باركەن؟ بۇ مۇرەسسە قىلىدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، ئاقلايدىغان سەۋەبما تېخى؟!  ئەمىسە دۆلەت مەكتەپلەرگە بەرگەن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن پۇل نېمىشقا ھەر ماۋسۇم ئاخىرىدا ‹‹پارتا-ئورۇندۇق رېمونىتى، سىرلاش،...›› دېگەندەك  ناملار بىلەن قۇرۇق ھۆججەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەپ باقتىڭىزمۇ؟
توغرا.بۈگۈن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمى.مۇبارەك بولسۇن.بىراق بىز ((نورمال خىزمەت))قىلىۋاتىمىز.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1274
تۆھپە
866
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 15:43:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مۇشۇنداق قاقشىغانلارغا شۇ مەكتەپنى مۇدىرلىقىنى بەرسە شۇلار قانچىلىك قىلىپ كېتەر، ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قىلىۋىتەركىن تاڭ!

«يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلىمىش»

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1274
تۆھپە
866
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 21:44:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
almas123 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 12:06
مۇدىرلارنىڭ يۈرىكى شۇنداق چوڭمىدۇ؟
مەكتەپ مۇدىرىغا چې ...

يا ھەزرەت، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلىگەن ئىنكاستىن بىرسى يېزىلىپتۇ بۇيەردە. تەھلىل دىگەننى ئاباي يىگەن تاماقنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپلا ئەمەس، ئومۇمىي جەريانغا قاراپ، يىلتىزدىن بىلىپ ئاندىن يازمامدۇ،

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1274
تۆھپە
866
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 21:52:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
samandar314 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 14:33
تىما ئىگىسى  سىز راستىنلا شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرىنىڭ «بۆرە ...

مەكتەپ مۇدىرىغا بۆرەكچى كەتمەيدۇ.
ئاشۇنداق بۆرەكچىلىك قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغانلارغا باشقىلارنىڭ ئادەتتىكى سالام - سائەتلەرمۇ بۆرەكچىلىك قىلغاندەك بىلنىشىدۇ، ياكى بۆرەكچىلىك ماڭا ئاشماي مېنىڭدىن چوڭراق بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىدۇ.
مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ بېسىمىنى، يۈكىنى «ئاسمان بىلمەيدۇ يەر بىلىدۇ، سەن بىلمەيسەن مەن بىلىمەن» دىگەننى چۈشىنىدىغانلار، مۇدىرلىق قىلىپ باققانلار بىلىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1274
تۆھپە
866
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 21:56:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق سىلەرنى نارازى قىلغان مۇدىردىن نەچچىسى بار؟
ئۆزىنىڭ ھەدە سىڭىللىرىنى، يەنە بىر كىشىللىرىنى دەسمىي قىلىپ، مەكتەپتە ئىسمى بار جىسمى يوق ئوقۇتقۇچىلاردىن قانچىسى بار، بىلىدىغانلاردىن قانچىسى بار، مانا مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكى شىتات 18، ئەمەلى ئىش ئورنىدا تۇرالايدىغانلار 10-12 نەپەر، بۇنىڭغا نىمە دەيسىزلەر.  . . بۇنىڭغا نىمە باھا بېرىسىلەر . . . .  بۇنىڭغىمۇ يەنە شۇ مۇدىر ئەپەندى جاۋابكارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1055
تۆھپە
368
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 23:06:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق سىلەرنى نارازى قىلغان مۇدىردىن نەچچىسى بار؟
................
بۇ بىر مەكتەپ مۇدىرى سورايدىغان سوئال بولماي قاپتۇ.
.............
ئۆزىنىڭ ھەدە سىڭىللىرىنى، يەنە بىر كىشىللىرىنى دەسمىي قىلىپ، مەكتەپتە ئىسمى بار جىسمى يوق ئوقۇتقۇچىلاردىن قانچىسى بار،بىلىدىغانلاردىن قانچىسى بار،
............
'بۇنى ئەڭ ئاز دېگەندە  مەكتەپ مۇدىرى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىلىدۇ.
.........................
مانا مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكى شىتات 18، ئەمەلى ئىش ئورنىدا تۇرالايدىغانلار 10-12 نەپەر، بۇنىڭغا نىمە دەيسىزلەر.  . . بۇنىڭغا نىمە باھا بېرىسىلەر . . . .  بۇنىڭغىمۇ يەنە شۇ مۇدىر ئەپەندى جاۋابكارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
............
ئەلۋەتتە، مۇنداق چاكىنا ئىشلار خېلى مەۋجۇت بولسىمۇ، ھېچبولمىغاندا ئىش بېشى بولغان كىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەشكىلىي تارماقلارغا ئەھۋالنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ ياكى ئاشۇنداق ناكەسلەرنىڭ ئۇنۋان ۋە باشقا مەنپەئتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا مەلۇم تەدبىر قوللىنىپ ‹‹يولۋاسنى ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىش›› ياكى ‹‹كۈلۈپ تۇرۇپ ئىچىگە ئۇرۇش››تىن ئىبارەت تەدبىرلەر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا باش قاتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELTUGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 23:09  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1055
تۆھپە
368
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 23:25:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھۆرمەتلىك مۇدىر ئەپەندى، سىز مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئاقلاش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىسىز. نۇقتىئىنەزىرىڭىز خاتا بولغاچقا  توغرا گەپ قىلىۋاتقان ھەممەيلەنگە تاقابىل تۇرماقچى، يامانغا يانتاياق بولماقچى  بولىۋاتىسىز. ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ يەردە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يامان گېپى بولمىدى، پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىۋاتقان،ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ياكى تاڭلا تۆت كۈندىن كېيىن ۋە،ياكى تۇيۇقسىز بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىۋاتقان گەدەنكەش ناكەس مۇدىرلارنىڭلا گېپى بولىۋاتىدۇ.
   ئەگەر ھەر بىر مەكتەپ مۇدىرى مېنىڭ ئۇستازىم ۋە سابىق رەھبىرىم ئابدۇلئەھەد قادىر ئەپەندىدەك بولسا ئىدى. مەن ئۇنداق  مۇدىرلاردىكى ئالىيجاناپ قەلب ۋە مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ئېسىل روھىغا قانچىلىك داستانلارنى يازساممۇ ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 05:56, Processed in 0.068228 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991