كۆرۈش: 42228|ئىنكاس: 32

‹‹بۇ تاغ كىمگە ئوخشايدۇ››نىڭ جاۋابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
893
تۆھپە
360
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 17:25:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹بۇ تاغ كىمگە ئوخشايدۇ››نىڭ جاۋابى


     ‹‹ بۇ تاش كىمگە ئوخشايدۇ››دىگەن بىر پارچە سۈرەت مۇنبەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۆت كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 20مىڭغا يېقىن تورداش بۇ تېمىنى چەككىنىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ،مۇنبەردە يەنە بىر قىسىم تورداشلار بۇ تاشنىڭ سۇنۋۇكۇڭغا، ئىستالىنغا،لېنىنغا، ئۆزىگە  ئوخشايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنكاس يېزىپتۇ، بەزى  مۇنبەرداشلار ئۆزەمنىڭ جاۋاپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپتۇ، مەن ئالدى بىلەن بۇ تېمىغا قىزىققان،چەككەن ۋە ئىنكاس يازغان مۇنبەرداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

    ئەمدى‹‹بۇ تاش كىمگە ئوخشايدۇ››دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، مەن بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئازراق چۈشەنچە بېرىشىمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ،مەن 2011-يىلى 7-ئايدا فوتوگىراف تۇرسۇنمەمەت ئوسمان بىلەن بىرگە تۇنجى قېتىم چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جۇڭگو- قازاقسىتان چېگراسىدىكى چوغلۇق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدىغان، غايىۋى جەننەت دەپ تەرەپلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ تاغقا چوغلۇق گۈللىرىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن بارغان ئىدىم،شۇ يەردە ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ چارۋا- مال بېقىپ كېلىۋاتقان بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىدە چاي ئىچىۋاتقىنىمىزدا ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي بىزگە بۇ تاغدا بەش سىرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.

   1.تىك بىر سىزىققا توغرا كېلىدىغان كىندىك شەكىلدىكى تاغنىڭ ھاۋا بوشلىقىدا بەزى چاغلاردا بۇلۇتلار ئادەم، ئۇچار قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكلىدە كۆرۈنىدىكەن.

   2.كىندىك شەكىللىك تاغنىڭ توپىسىدا خىزىر سۈپەت بىر بوۋاينىڭ قورام تاشتىن تەبىئىي شەكىللەنگەن بىر ھەيكىلى بولۇپ، ھەيكەلگە سەپ سېلىپ قارىسىڭىز بوۋاينىڭ قۇچىقىدا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقنىڭ شېرىن ئۇيقىدا ئۇخلاۋاتقانلىقى، بوۋاينىڭ بوۋاقنى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرغانلىقنى كۆرىدىكەنسىز.شۇ يەردىكى چارۋىچىلار بۇ تاش ھەيكەلنى ماركىس، لېنىن،ئىسىتالىن،پۇتىن ياكى سىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بار بولغانلىقى ئۈچۈن‹‹خىزىر تاش››دەپ ئاتايدىكەن .

    3.تىك بىر سىزىققا توغرا كېلىدىغان تاغنىڭ پەس تەرىپىدە يەنە بىر تۈپ قارىغاي بار بولۇپ، بۇ قارىغايمۇ بۇ تاغدىكى باشقا قارىغايلارغا پەقەت ئوخشىمايدىكەن چۈنكى بۇ قارىغاينىڭ تۆپىسىدە موگوسىمان ئۆسكەن يوغان قالپىقى بولغاچقا شۇ يەردىكى چارۋىچىلار بۇ قارىغاينى ‹‹ئەرلىك قارىغاي››دەپ ئاتايدىكەن.تاغقا كېرىش ئېغىزىدا يوغان بىر تۈپ تاغ تىرىكى بار بولۇپ، بۇ تېرەككە سەپسېلىپ قارىسىڭىز ھامىلدار بولغان ئايالنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىكەن شۇڭا بۇ ئەتراپتىكى ھامىلدار بولمىغان ئاياللار،بالىسى توختىمىغانلار بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدىكەن،تاغ تېرىكىگە لاتا چېگىدىكەن،كىچىك بۆشۈك ياساپ بۆشۈك ئىچىگە قونچاق بۆلەپ تېرەككە ئاسىدىكەن،شۇ يەردىكىلەر بۇ تاغ تېرىكىنى‹‹بوغاز تېرەك››دەپ ئاتايدىكەن.‹‹بوغاز تېرەك››تىن تەخمىنەن 100مېتىرچە يىراقلىقتا بىر تەبىئىي بۇلاق بولۇپ، بۇ بۇلاقنى ‹‹شىپالىق بۇلاق››دەيدىكەن ھەم بۇ يەرگە بارغانلار بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بۇلاققا تەنگە پۇل تاشلايدىكەن.

   ئەسكەرتىش: بۇ گۈزەل ھەم رىۋايەت تۈسىنى ئالغان جىلغىغا كىرىش ئېغىزىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان ئىلىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر كېلاسسىك شائىرى سەككاكىنىڭ مازىرى بار بولۇپ، چاپچال ناھىيەسىنىڭ يۇلغۇن، سوپۇن بۇلاق،قاينۇق،ئىتىپاق، جاغىستاي قاتارلىق ئورۇنلىرىدىكى ئامما ھەر يىلى شائېرنىڭ مازىرى بار يەرگە كىلىپ،شائېرنى يات ئىتىپ نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈپ تۇردىكەن.     تۆۋەندە بۇ بەش سىرغا ئائىت سۈرەتلەرنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتتىم كۆرۈپ ھوزۇرلانغايسىلەر .                                                                                       


axik maxuklar-2.jpg


lenin baxlik tax.jpg


bogaz kargay.jpg


bogaz terak.jpg


sakkayi maziri.jpg


tabiat arkirili.jpg


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
893
تۆھپە
360
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 01:50:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹بۇ تاش كىمگە ئوخشايدۇ››نىڭ جاۋابى

‹‹بۇ تاش كىمگە ئوخشايدۇ››دىگەن  جاۋاپنىڭ تىمىسى ئېھتىياتسىزلىقىمدىن‹‹بۇ تاغ كىمگە ئوخشايدۇ››دەپ خاتا يېزلىپ قاپتۇ،مۇنبەرداشلارنىڭ ‹‹بۇ تاش كىمگە ئوخشايدۇ››دەپ تۈزتۈپ ئوقۇشىنى ئۈممۈت قىلىمەن.
ئەسكەرتىش:1-سۈرەت بۇلۇتتىن شەكىللەنگەن بالىسىنى باغرىغا بېسىۋاتقان ئانا.2-سۈرەت يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى چىڭ قۇچاقلاپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ كىلىشىنى كۈتىۋاتقان ھالەتتىكى‹‹خىزىر تاش››.3-سۈرەتتىكى ‹‹ئەرلىك قارغاي››.4-سۈرەتتىكى‹‹بوغاز تېرەك››.5-سۈرەت كېلاسسىك شائېر ساككاكىنىڭ مازىرى.6-سۈرەت شۇ تاغدىكى چۇغلۇق گۈللىرى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   吐鲁汗 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 02:01  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
529
تۆھپە
245
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 02:54:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇنكا بۇ چىگرا ئىغىزىغا مەنمۇ بارغان ئىدىم .. بۇلتۇر 8-ئايدا ... مەن پەقەت 800 يىل ئىلگىرى ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى يۇسۇپ ساككاكى مازىرىنى زىيارەت قىلىپلا كەپتىمەن ( يۈسۈپ سەككاكى سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى ساككاكى 1160-1228 يىلغىچە ياشىغان بولۇپ ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ، داڭلىق پىداگوگ  ۋە يازغۇچى ) .

ئۇ يەرنى سەككاكى مازىرى يەنى خونىخەي مازىرى دەپمۇ ئاتايدۇ ..

     ئۇ يەردە سىز دىگەندەك سىرلىق تەبىئەت موجىزلىرىنىڭ بارلىقىغا پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن...مازاردىن چۇشۇپلا شىنجاڭدىكى 1- دەرىجىلىك ئەڭ ساپ  مىنرال سۇ دەپ  ئىنىقلاپ چىققان ھىلىقى سىلرىق بۇلاقتىن سۇ ئىچىپ قايتىپ كەپتىمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 04:22  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
529
تۆھپە
245
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 02:57:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ قىزىق بولغىنى مازارغا قارايدىغان بىر سىرىق قوغدىغۇچى  يۇگۇرۇپ كىلىپ بۇ يەر دىگەن چىگرا ئىغىزى ....قالايمىقان سۈرەتكە تارتىشقا بولمايدۇ .... سەن بۇ مازارنىڭ سۇرىتىنى ئومرىڭدا توردا ۋە باشقا يەردە كۆرگەنمۇ ...دىمەك كورمىگەن ....سۈرەتكە تارتىشقا يول قويۇلمايدۇ ...چىگرا ئىغىز دىگەن مۇھىم دەپ قولۇمدىن ئاپراتنى ئىلىۋالغان ئىدى .....مەنمۇ بوش كەلمەي ...مىنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىجازەتنام بارغۇ ئەينا  دەپ  قولىدىن شاققىدە ئىلىۋالدىم ...ئارقىدىن ئاچچىقغىمدا سۈرەتكە تارىتسا نىم بولدىكىن بۇ تاغنى ، يا كۆتۇرۇپ كەتكىلى بولمىسا دەپ ئاچچىغىمدە 4 لەيلەن كىتىپ قالغان ئىدۇق ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 03:09  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
893
تۆھپە
360
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 03:13:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇياش ئەپەندى: بىزنىمۇ باشتا چىگىرا قوغدۇغۇچىلار تاغ ئىچىگە كىرگۈزمىگەن  ئىدى،چىگېرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدىكى بىرايلەن كىنىشكىمىزنى كۆرۈپ،سۈرەت تارتىش مەخسىتىمىزنى ئۇققاندىن كىيىن تاغ ئىچىگە كىرىشىمىزگە روخسەت قىلدى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   吐鲁汗 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 03:14  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1671
تۆھپە
800
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 03:38:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغان ئەپەندى سىزز بىڭتۇەندىن بولغاندىن كىيىن يىرىم ئارمىيە يەنى شۇ چىگرانى قوغدىغۇچى بولغاندىن كىيىىن سىزگە پۇرسەت  بىرىدۇ دە ! بىڭتۈەن بىلەن ئارمىيە دوسىتلىقى بارغۇ ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
529
تۆھپە
245
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 03:39:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

DSC03165_副本.JPG


DSC03144_副本.JPG


يەرلىك ئادەملەرنىڭ يەنە بايان قىلىنشچە ، مازارنىڭ تام قوروسىدا 800 يىللىق تارىخقا ئىگە چىنە خىش كىسەكلەر بولۇپ ، ھازىرغىچە پاقىراقلىقىنى يوقاتمىغان ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ چىنە ئەينەك خشىلارنى خاتىرە سۈپتىدە بىردىن بىردىن ئاسار ئەتىقدە سۈپىتىدە ئەكىتىدىغان بولۇپ ، بىراق ئەكەتكەن ساياھاتچىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئەتىسى ياكى بەك كىين قالدى دىگەندىمۇ ھەپتىگە قالماي ئەكىلىپ جايىغا قويۇپ قويدىكەن ، سەۋەبى شۇكى ئەينەك خشىنى ئەكەتكەن ئادەم شۇ كۇندىن باشلاپ قارا بسىپ جويلەپ پەقەتلا ئۇخلىيالمايدىكەن ، قۇلىقىغا چىقىرغان ئاۋازلار ئاڭلىندىكەن .. ...  ئەينەك خىشنى ئەكىلىپ قويغان كۇندىن باشلاپ ياخشى بولۇپ قالدىكەن ...

بۇنى يەرلىك  خەلق ماڭا شۇنداق دەپ بەرگەن .... ھەقىچان مىنىڭ ھەر تەرەپكە تويماي لاپ لاپ سىنچىلاپ قاراۋاتقىنىمدىن تازا بىر ئاچكۆز ساياھاتچىدىن بىرى كىلىپ قالدىمۇ نىمە بۇ يەرگە ،  ھەممىنى ئىلىپ كەتمىسۇن دەپ قورقۇپ كتىپ شۇنداق دىدىمۇ ياكى راستىنلا شۇنداقمۇ بۇنى بىلمەيمەن ....


DSC03132_副本.JPG


DSC03129_副本.JPG


DSC03125_副本.JPG




بۇلاق بىشىدىكى يەرلىك ئادەملەر ماڭا ئەگەر مۇشۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرۇپ مۇشۇ سۇنى ئىچىپ  ئۆيگە قايىتسىڭىز سىىزدە بار بولغان ھەر قانداق كىسەللىك ساقىيىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئاتتەك بولۇپ كىتىسىز ، ئايالىڭىمۇ بىر ئومۇر سەندىن باشقا بىر  ئەر زاتنىڭ يۇزىگە قاراپ سالمايدۇ دەيدۇ تىخى ... ..مەن ئۇلارغا مەن بويتاق بولغاندىن كىيىن  ئىچمەيلا بۇگۈن قايتاي دىدىم ....... قارىغاندا شىپالىق رولىمۇ بولسا كىرەك بۇ سۇنىڭ ......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 04:20  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
1532
تۆھپە
353
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 09:28:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاخ نىمدىگن سىرلىق ،مىنىڭ ئەجەپ  بارغۇم كەلدى،قاچانمۇ شۇ جايلاغا بېرىشقا نىسىپ بۇلا.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6750
تۆھپە
3409
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 10:08:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بوۋاي بىلەن قازاق بوۋاي ئانچە كۆپ پەرق قىلىپ كەتمەيدىغۇ-ھە! مەن قازاق بوۋايغا ئوخشىتىپ ساپتىمەن، دېمەك سەككاكى بوۋايغا يېقىن ئاپىرىپتىمەن نامىنى بىلمىسەممۇ


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2147
تۆھپە
1034
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 10:29:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 10:08
ئۇيغۇر بوۋاي بىلەن قازاق بوۋاي ئانچە كۆپ پەرق قىلىپ كە ...


    ئۇستاز ،  سەككاكى قازاق بولمىسا - يە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 10:50  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 18:20, Processed in 0.092572 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991