ئەسلى غاز قانچە؟
ئاسماندىكى بىر توپ غازدىن بىرى سوراپتۇ :
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يۈز غاز ، نەگە كېتىپ بارىسىلە ؟ مېنىمۇ ئېلىپ كەتسەڭلار؟
غازلار شۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ:
- بىز يۈز ئەمەس ، بىزگە بىزدەك قوشۇلسا ، ئۇنىڭغا يەنە بىزنىڭ يېرىمىمىز قوشۇلسا، يەنە يېرىمىمىزنىڭ يېرىمى قوشۇلسا، ئاندىن سەن قوشۇلساڭ يۈز بولىمىز . زادى بىز قانچە ، تاپقىنا ؟ ئاندىن ئېلىپ كېتىمىز دەپتۇ. ئەسلى غاز قانچە تاپالامسىز؟
قۇشقاچ قانچە؟ چىغ قانچە؟
بىرتوپ قۇشقاچ كېلىپتۇ،
چىغ ئۈستىگە قونۇپتۇ .
بىردىن قونسا ئېشىپ قاپتۇ بىر قۇشقاچ،
ئىككىدىن قونسا ئېشىپ قاپتۇ بىر چىغ .
قۇشقاچ قانچە ؟ چىغ قانچە ؟
قانچە يىلدىن كېيىن ؟
بىر بوۋاي بۇ يىل يەتمىش ياشقا كىرىپتۇ . ئۇنىڭ ئۈچ نەۋرىسى بولۇپ ، بىرىنچىسى يىگىرمە ياشتا ، ئىككىنچىسى ئون بەش ياشتا ، ئۈچىنچىسى بەش ياشتا ئىكەن ، قېنى ، تېپىپ بېقىڭ ، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن ئۈچ نەۋرىسىنىڭ يېشىنى قوشقاندا ، سالامەت ياشاۋاتقان بوۋىسىنىڭ يېشىغا تەڭ بولىدۇ ؟
قانچىسى ھايات؟
كېلىپ چۈشتى ئونبەش ئۆردەك كۆلچەككە ،
زايىت چىقىپ مىلتىق ئاتتى ئۆردەككە.
بىر پاي ئوقتا يىقىلىپتۇ ئاتىسى ،
ھايات قالدى شۇ كۆلچەكتە قانچىسى ؟
سىناپ بېقىڭ
ئوتتۇز ئاتنى توققۇز ئوقۇرغا جۇپتىن باغلىيالامسىز؟