كۆرۈش: 20230|ئىنكاس: 13

نىكاھتا غەلىبە قازانغۇڭىز بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
164
تۆھپە
98
UID
20801
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 12:12:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىكاھتا غەلىبە قازانغۇڭىز بارمۇ؟


1369-110R01Q31330.jpg


      بۇ ئالەمدە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى خۇشال - خۇراملىق ۋە بەخت ئىچىدىلا ئۆتكۈزگەن بىرمۇ  ئىنسان بولمىسا كېرەك، ھاياتلىق ئادەمگە بەزىدە شادلىق شارابى تەڭلىسە، بەزىدە قايغۇ خەنجىرى تەڭلەيدۇ، بىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغان تايچاق بولۇشنى خالىساقمۇ، ئەپسۇس تۇرمۇش بىز ئۈچۈن مەڭگۈ سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس، بىزنى ھەر خىل قىسمەتلەر ۋە خىرىسلار كۈتۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە يېرىم دۇنيا دەپ ئاتالغان ئاياللار دۇچ كېلىدىغان بېسىملار ۋە قىيىنچىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ.
      ئەي ئايال، سىزنىڭ مۇشۇ تۈگىمەس تۇرمۇش بېسىملىرىنى ئوڭۇشلۇق  يېڭىپ، نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا بىر پارلاق سەھىپە ئاچقۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىز مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىڭىز، ئۆزىڭىزنى يۇقىتىپ قويماسلىقىڭىز، ئۆزىڭىزدىن ۋاز كەچمەسلىكىڭىز كېرەك، سىز ھاياتلىقنىڭ مۈشكۈل تاللاشلىرىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭىزدا، تۇرمۇشتىن ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلىپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويغان چېغىڭىزدا، ھەتتا بېشىڭىزغا كەلگەن كۈنلەرنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھاياتىڭىزدىن ۋاز كەچكەن چېغىڭىزدا... سىزنى قۇتقۇزالايدىغان ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەم چىقمايدۇ، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم قەيسەرلىك بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىشىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن يول ئېچىشىڭىز كېرەك!

      ئاياللار قانداق ۋاقىتتا ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ بەختلىك بولىدۇ؟

      نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، سىز چىرايلىق توي كۆينىكى كىيىپ، يۈزىڭىزنى پەرىجىلەردە يېپىپ، ئاتا - ئانىڭىزنىڭ، يۇرت ئەھلىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، رەڭدار بېزەلگەن توي ماشىنىسىغا چىقىپ، كەلگۈسى ھەمراھىڭىزنىڭ ئۆيىگە قەدەم باسقان ئاشۇ مىنۇت سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ  گۈزەل، ئەڭ بەختلىك مىنۇتلار بولىدۇ، ئەنە شۇ  چىرايلىق كۆينەكلەر، چىرايلىق بېزەلگەن  ھۇجرا ئۆينىڭ ھەربىر جايلىرىغا بەخت يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بۇ يەردە قىزىرىپ، كۈلۈمسىرەپ  ئولتۇرغان سىز خۇددى رىۋايەتلەردىكى ھۆر - پەرىلەردەك گۈزەل، خۇددىي يېڭى ئېچىلغان گۈل بەرگىللىرىدىكى شەبنەم تامچىسىدەك پاك...
     سىز بىر قىزدىن ھەقىقىي بىر ئايالغا ئايلانغان ئاشۇ مىنۇتتا، بەخت ھەقىقەتەن سىزنى ساقلاپ تۇرارمۇ؟ بۇ ۋاقىتتا سىز پۈتۈن ئۆمرىڭىز خۇددىي مۇشۇنداق بەخت ئىچىدىلا ئۆتىدىغاندەك ھېس قىلىسىز، مۇشۇ ۋاقىتتا سىز مەيلى نىكاھىڭىزدىكى بىر ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلىنىڭ ياكى نىكاھىڭىزنىڭ قۇلى بولۇڭ، پارچە - پۇرات تۇرمۇش سىزگە ھاياتىڭىزنىڭ يەنە بىر بېتىنى ئېچىپ بېرىدۇ،  مۇشۇ ۋاقىتتا سىز ھەيرانلىق ئىلكىدە ھەقىقىي تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدە مۇنداق بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز، تويدىن ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى گۈزەل مۇھەببەت ئاخىرلىشىدۇ، سىز ئەسلىدە تۇرمۇش خۇددىي ئەتىرگۈلگە ئوخشاش گۈزەل ھەم رومانتىك دەپ ئويلايىتىڭىز، تويدىن كېيىن سىز تويدىن ئىلگىرى پۈتۈن مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلىغان، نۇقسانسىز، كېلىشكەن شاھزادىڭىزنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا تاماق يەيدىغان، ھاجەتخانىغا بارىدىغان بىر ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ مەڭگۈ ئۇنداق قاتۇرۇلغان، پاكىز ھالەتتە تۇرىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ چاچلىرىمۇ مەڭگۈ ئۇنداق پارقىراق، رەتلىك تارالغان ھالەتتە بولىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭمۇ كىرلەشكەن كىيىملىرىنى، سېسىق پۇرايدىغان پايپاقلىرىنى، مايلاشقان چاچلىرىنى، چاپاق باسقان، ئۇيقىدىن ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى، مەست ھالەتتىكى قورقۇنچلۇق ھالىتىنى، قۇسۇقلىرىنى، غەزەبلىك چىرايىنى... كۆرىسىز، مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قىلىشىڭىزنى، تۈزىتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغان ئىشلار.
      سىز ئەمدى ئانىڭىزنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ ئەركىلەيدىغان كىچىك قىزچاق ئەمەس، سىز ئاللىبۇرۇن بىر ئايالغا ئايلاندىڭىز، سىز ئەمدى تاماق ئېتىشىڭىز كېرەك، كىر - قاتلارنى يۇيۇشىڭىز كېرەك، ئېرىڭىزنىڭ، بالىڭىزنىڭ، قىيىن ئاتا، قىيىن ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىز كېرەك. قازان - قۇمۇچ، قاچا - قۇچىلار سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ، كۈندە يۈز بېرىۋاتقان چۈشىنىشمەسلىك، سۈركىلىشلەر تۇرمۇشىڭىزغا سىڭىپ كىرىپ، سىزنى پاراكەندە قىلىدۇ، بۇرۇنقى شېرىن - تاتلىق پاراڭلارنىڭ ئورنىنى ھەر خىل تالاش - تارتىشلار، پىلانلار ئىگىلەيدۇ، بۇرۇنقى يول قويۇشلار، مەسلىھەت سېلىشلار ئەمدى بۇيرۇققا ئايلىنىدۇ، تويدىن بۇرۇنقى پۈتۈن ھاياتىڭىز بىر كىتاب بولسا، تويدىن كېيىنكى ھەربىر كۈنىڭىز بىر كىتاب بولىدۇ، بۇ تۇرمۇش بىر مەكتەپكە ئوخشايدۇ، بۇ يەردىكى سىناقلار بىر - بىرىدىن قاتتىق، ئۆتەلمىسىڭىز قايتا ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى يوق، سىز بۇ يەردە رۇخسەت سورىيالمايسىز، خالىغانچە دەرس تاشلىيالمايسىز، كۆڭلىڭىز خالىمىسىمۇ، ھەتتا ئاغرىپ قالسىڭىزمۇ چوقۇم بۇ دەرسكە قاتنىشىشىڭىز كېرەك.
      تويدىن ئىلگىرىكى تۇرمۇشنى ئەرلەرنىڭ بىر مۈشكۈل كۈرىشىگە ئوخشاتساق، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش ئاياللارنىڭ قۇللۇق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى، تويدىن بۇرۇن مۇھەببەت ئۈچۈن ياشىغان بولسىڭىز، تويدىن كېيىن ياشاش ئۈچۈن ياشايسىز، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە نىكاھنى ھەقىقىي تۇتۇپ تۇرىدىغىنى يەنىلا مۇھەببەت.
      تويدىن ئىلگىرى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالىتىڭىزنى يىگىتىڭىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۈزىڭىزنى شۇنداق چىرايلىق ياسايسىز، تويدىن كېيىن پەقەت سىرتقا چىقىشنىڭ ئالدىدىلا ئانچە - مۇنچە ئۆزىڭىز بىلەن ھەپىلىشىپ قويىسىز. سىز نېمە ئۈچۈن ئۆيىڭىزگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىڭىزنى سېلىۋىتىپ، ئەڭ سەت، ئەڭ ئادەتتىكىچە كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ، چاچلىرىڭىزنى پاخپايتقان ھالدا ئۆيىڭىزدە مېڭىپ يۈرىسىز؟ بەلكىم بۇنداق قىلسام ئىش قىلىش قولايلىق، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى ئۆيدە كىيسەم كونىراپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئېرىڭىز سىزنىڭ بۇ ئۆمرىڭىزدىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىز تۇرسا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ سەت ھالىتىڭىزنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويامسىز؟ شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەككى، تويدىن كېيىنكى ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزگە مۇھتاج، سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز يۇقالسا ئۇ بەلكىم باشقا جايلاردىن گۈزەللىك ئىزدەپ قېلىشى مۇمكىن. گۈزەل ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئەرلەر  مەڭگۈ  بىر «مۈشۈك». ئەرلەرنى ئەسكى دىمەڭ، «بەز يېيىش» مۈشۈكنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى.
      نىكاھ خۇددىي بىر چەكسىز دېڭىزغا ئوخشايدۇ، سىزنىڭ ئائىلىڭىز مۇشۇ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن بىر كىچىك قۇلۋاق، سىز مۇشۇ قۇلۋاقنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، كېچە - كۈندۈز تىرىشىسىز، بەدەل تۆلەيسىز، لېكىن سىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قالىسىز، ئېرىڭىزنىڭ ئۆيدىكى چاغدا كۆرىدىغىنى سىزنىڭ ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىنكى چاچلىرىڭىز پاخپايغان، كۆزلىرىڭىز ئىششىق ھالىتىڭىز، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ پول سۈرتۈۋاتقان ھالىتىڭىز، چاچلىرىڭىز، يۈزلىرىڭىز مايلاشقان، پارقىرىغان ھالەتتە ئاشخانىدىن چىققان ھالىتىڭىز، بالىڭىز ئۆينى قالايمىقان قىلىۋەتكەندە ئىككى قولىڭىزنى بىلىڭىزگە تىرەپ تۇرۇپ بالىڭىزغا تۈكۈرۈكلىرىڭىزنى چاچرىتىپ تۇرۇپ چېچىلىۋاتقان «چىشى يولۋاس» تەك قورقۇنچلۇق ھالىتىڭىز... بولىدۇ. ئەرلەر نىكاھنى بىر خىل مەسئۇلىيەت دەپ ئويلىغاچقا، ئۇ نۇرغۇن ئىشلارنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ چىداپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. دەل مۇشۇنداق پەيتتە يەنە بىر كىچىك قۇلۋاق سىزنىڭ قۇلۋىقىڭىزغا ئاستا يېقىنلىشىپ كېلىدۇ، ئۇ قۇلۋاق شۇنچىلىك ئاددىي، لېكىن ئۇ ئىنتايىن يېقىملىق، ئىنتايىن گۈزەل، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى بىلەن ئېرىڭىزنى ئاستا - ئاستا ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېرىڭىزدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، مۇشۇ ئىككى قۇلۋاق ئارىسىدا ئېرغاڭلاشقا باشلايدۇ. بارا - بارا ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان ھالغا يېتىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا سىز ئېرىڭىزنىڭ ۋىجدانسىزلىقىدىن ئاغرىنىسىز، قارشى تەرەپنى ھارغۇچە تىللايسىز، قارغايسىز، يۈرىكىڭىز  پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىيدۇ، پۈتۈن دۇنيا سىز ئۈچۈن قاراڭغۇ تۇيۇلىدۇ، كۆڭلىڭىزدە «مەن ھەتتا ئۆزۈمنىمۇ ئۇنتۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتسام، بارلىقىمنى ئۇنىڭغا، بالىلىرىمغا ئاتاۋاتسام، ئۆزۈم يېمەي، ئۆزۈم كىيمەي ئۇنىڭغا، بالىلىرىمغا يېگۈزۈۋاتسام، كىيگۈزۈۋاتسام، ئۇ نېمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق  ۋىجدانسىزلىق قىلىدۇ...» دەپ ئويلايسىز، لېكىن سىز ئېرىڭىزنىڭ سىرتقا قارىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنىڭ ئۆزىڭىزدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايسىز، سىزنىڭ  دەل ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۆي تۇتقىنىڭىز دەل ئۇنىڭ سىرتقا قارىشىنىڭ سەۋەبى، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماي، خاسلىقىڭىزنى ساقلاپ، چىرايلىق كىيىنىپ، بۇرۇنقىدەك گۈزەل ھالىتىڭىزنى ساقلىسىڭىز، بۇرۇنقىدەك مۇلايىم بولسىڭىز ئۇ سىرتتىكى «بەز» لەرگە قاراپ قويارمىدى؟ توي قىلغاندىن كېيىن نەدىمۇ ئۇنداق جىق ۋاقىت بولسۇن؟ دەپ ئويلىشىڭىز  مۇمكىن، بۇ ئىشلار ئۆزىڭىزنىڭ تەبىئىتىگە باغلىق، كۈندە پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا 20 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىش ئېرىڭىزنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىنكى ئازابنىڭ دەردىنى تارتىشتىن كۆپ ئاسان ھەم كۆڭۈللۈك.
      نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا سىز چوقۇم ئۆز ئورنىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزنىڭ  مۇقىم خىزمىتى، تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشى، ئۆزىڭىزگە تەۋە دوستلىرىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىر تۇرمۇش رامكىڭىز بولۇشى كېرەك، سىزمۇ بىر مۇستەقىل ئادەم بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ نىكاھتىكى سېھرىي كۈچىڭىزنى نامايان قىلىڭ، سىز مەڭگۈ باشقىلارغا تايىنىپ ياشاپ بولالمايسىز، نىكاھ پەقەت سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ئۆزىڭىز بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا چوقۇم ئېرىڭىزگە ئەڭ يېقىملىق كۈلكىڭىزنى ئاتا قىلىشىڭىز كېرەك، ئۇ ھامان سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم.      ئالدى بىلەن سىز ئۇنىڭ مۇلايىم، كۈيۈنۈشنى بىلىدىغان ئايالى بولۇڭ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى پاكىز يۇيۇپ رەتلەپ قويۇڭ، ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرىڭىز بىلەن ئۇنى كۈتۈۋېلىڭ، ئۆيلەرنى پاكىز - رەتلىك تۇتۇڭ، ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇنىمۇ ئۆي ئىشلىرىغا ئاز - تولا ياردەم قىلدۇرۇڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈن خېلى زور بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىزنى بىلەلەيدۇ ھەم سىزنى قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.
      نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا سىزنىڭ يەنە بىر رولىڭىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئېرىڭىزنىڭ سىرداش دوستى بولۇش، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق يۈرەك سۆزلىرىنى سىزگە دېيەلەيدىغان بولسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىمەڭ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىڭ، ئۇنى قانداق ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دوستقا مۇھتاج بولسىلا بىرىنچى بولۇپ سىزنى ئويلايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئۇنى قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈڭ. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ سىلەرنىڭ دېيىشكۈدەك ھېچقانداق گېپىڭلار قالمىغان چاغدا، سىلەرنىڭ نىكاھىڭلار زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بولىدۇ.
      سىز يەنە ئۇنىڭ كىچىك قىزى بولۇڭ، ئازراق يولسىزلىق قىلسىڭىز، ئازراق بىشەملىك قىلسىڭىز ھېچقىسى يوق، لېكىن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭ، شارائىتقا، ئۇنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ ئىش تۇتۇڭ.      ئۇنىڭ قۇچىقىدا خالىغانچە ئەركىلەڭ، ئەر سىزنىڭ، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەركىلىيەلىسىڭىز، نازلىنالىسىڭىز، ياخشى خۇلقىڭىز بىلەن ئۇنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلالىسىڭىز، مانا بۇ سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزگە باغلىق، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ، سىز مۇشۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىزلا ،ئازراق تاقەت قىلالىسىڭىزلا چوقۇم ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
      سىز يەنە ئۇنىڭ ئانسى سۈپىتىدە ئۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چاغلاردا ئۇ تەرەپتە تۇرۇپ قىيىنچىلىقلارنى بىللە يېڭىڭ، ئۇنىڭ بىلەن قىيىن ئۆتكەللەردىن بىللە ئۆتۈڭ، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىڭىزنى، ئۇنى بىر ئۆمۈر قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
      ھەي ئايال! ئورنىڭىزدىن دەست تۇرۇڭ، ھەرگىزمۇ نىكاھ كارىۋىتىدا ھورۇنلۇق بىلەن يېتىپ قالماڭ!
      ھەي ئايال! ئورنىڭىزدىن دەست تۇرۇڭ، ھەرگىزمۇ يېنىڭىزدىكى بەختنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماڭ!
      ھەي ئايال! ئورنىڭىزدىن دەست تۇرۇڭ، قەدىمىڭىزنى تېزراق ئېلىڭ، باشقىلار سىزدىن ئۆتۈپ كەتمىسۇن!
بۇ تىمىنى مەن يازمىغان جۇمۇ،قايسى بىر توربەتتىن ئوقۇپ سىلەرگە سۇندۇم.(ئىسىمدە قالماپتۇ كەچۈرۈڭلار).

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
300
تۆھپە
162
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 14:33:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغان تايچاق بولۇشنى خالىساقمۇ، ئەپسۇس تۇرمۇش بىز ئۈچۈن مەڭگۈ سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس،    ئىسىل گەپ ئىكەن.


Rank: 4

تىللا
300
تۆھپە
162
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 14:43:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال بولماق ئۇنچە ئاسان ئەمەسكە جۇمۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
891
تۆھپە
576
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 14:54:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئايال ئىرىڭىزغا خىيانەت قىلماڭ ، ئەگەر ئۇنداق بولدىكەن ئۇ ، ئۇرۇق تۇققان ، تونۇش بىلىش سىزنى كەچۇرمەيدۇ ، خەلىق ئالدىدىكى ئوبرازىڭىز مەڭگۇ يوقايدۇ .
بۇ يەردىكى خىيانەت بولسا مال دۇنياغا قارىتىلمىغان بەلكى ئاشنا ئويناش ......... قاتارلىقلار .....!!!


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 4

تىللا
386
تۆھپە
189
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 15:14:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ياخشى پىكىرلەر ئىكەن ...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
989
تۆھپە
273
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 15:49:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ھەر بىر ئايال ئۇقۇپ تۇرسا بۇلامدۇ  ــ نىمە ؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 16:46:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رھمەت سىزگە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1470
تۆھپە
1139
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:40:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك بەكلا مۇھىم مەزمۇنلاركەن بولسا ئاياللار كۇپرەك كۇرسە  بولغىدەك.


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
364
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 18:28:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزئوقۇپ ئۇلارغا دەپ قۇيمىز بولمىسا  تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە بار دەپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalparas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 18:28  



Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
291
تۆھپە
194
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 18:50:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار شەرمى-ھايالىق،ئەخلاقلىق بولۇپ ئۆز ئىرىگە سەمىمى،سادىق بولۇپ،قىلچە خىيانەت قىلمىسا، ئەر كىشى
ئايالىغا ۋاپادار،كۆيۈمچان بولۇپ ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلسا نىكاھدا غەلبە قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 07:00, Processed in 0.103785 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991