‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››نىڭ يېڭى نۇسخىسى ھەققىدە
ھەمدۇللا ئابدۇرەھمان ئىمام
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئىلمىي خادىملارنىڭ نەچچە يىل جاپالىق مېھنىتىنىڭ مېۋىسى تولۇقلاپ تۈزۈلگەن ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ›› يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى .
بىر مىللەت تىلىنىڭ مۇكەممەلرەك ئىشلەنگەن ئىزاھلىق لۇغىتى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا زور ئىش ھېسابلىنىدۇ . ئىنسانلار تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالغا تايىنىپ بىر – بىرىنى چۈشىنىدۇ ، ھېسسىيات ئالماشتۇرىدۇ . شۇڭا تىلنى توغرا چۈشىنىش ، توغرا قوللىنىش تولىمۇ مۇھىم . تىل بىر مىللەتنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس خەزىنىسى . ھەر قانداق بىر تىلدا شۇ تىلنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان لۇغەت فوندىدىن باشقا ، كونىرىغان سۆزلەر ، تارىخىي سۆزلەر ، كەسپىي سۆزلەر ، دىيالېكتىك پەرقلەر ، قېلىپلاشمىغان تەركىبلەر ھەتتا خاتا قوللىنىشلارمۇ مەۋجۇت بولىدۇ . بۇ ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش ، كىنو – تىياتېر ، رادىيو – تېلېۋىزىيە ، ئاخباراتچىلىق ، نەشرىياتچىلىقتا ، قىسقىسى شۇ تىلنى قوللانغۇچى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئالاقىلىرىدە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ . بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، ئەدەبىي تىلنىڭ سۆز بايلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، ئۇنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەتراپلىق ھەم تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ، ئىملا، گىرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكىلىق نورمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر قورال كىتابنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر . بۇ قورال كىتاب ئىزاھلىق لۇغەتتۇ ر.
لۇغەت تۈزۈش ، جۈملىدىن لۇغەتچىلىك خاتاسىز ، چۈشىنىشلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي خىزمەت . شۇڭا ، كىشىلەر لۇغەتنى ‹‹ خاتالىقلاردىن خالىي ، ئېۋەنسىز ›› بولىدۇ دەپ قارايدۇ . شۇ سەۋەبتىن ، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ لۇغەتكە ، بولۇپمۇ ئىزاھلىق لۇغەتلەرگە بولغان ئىشەنچ – ئەقىدىسى باشقا كىتاب – ماتېرىياللارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ ھەم كىشىلەر ئىزاھلىق لۇغەتلەردە يېزىلغانلىرىغا ۋە ئېيتىلغانلىرىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ ، ئىزاھلىق لۇغەتلەردە ئېيتىلغانلىرىنى مۇتلەق توغرا ، شەكسىز دەپ بىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر ئىزاھلىق لۇغەتتىن پايدىلىنىدۇ ۋە يازغان ئەسەرلىرىدە ئىزاھلىق لۇغەتلەردىن نەقىل كەلتۈرىدۇ ھەم ئۇنى ئۈلگە قىلىدۇ . شۇڭا ، لۇغەتنى قولنىڭ ئۇچىدىلا تۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ .
تولۇقلاپ تۈزۈلگەن ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ›› ھازىرغا قەدەر تۈزۈلگەن ئىزاھلىق لۇغەتلەر ئىچىدىكى پۇختىراق ئىشلەنگەن ، چوڭ جەھەتتىن يەككە سۆزلۈكلەر ئاساس قىلىنغان ۋە لۇغەتلەر ئىچىدە دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ ، تۈزۈلۈشى بىر قەدەر پۇختا ، تولۇقراق ھەم تۈجۈپىلىنىپ ئىشلەنگەن لۇغەت ھېسابلىنىدۇ . بۇ لۇغەتكە 60 مىڭغا يېقىن تۈپ سۆز ، ياسالما سۆز ، قاتقان سۆز ۋە بىر قىسىم تۇراقلىق بىرىكمىلەر ، دىيالېكىت سۆزلەر ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇر مىللىي ھۈنەر – كەسىپ ئاتالغۇلىرى كىرگۈزۈلدى . مەزكۇر لۇغەتتىكى ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىلىرىگە ئىزاھ بېرىشتە ، مۇمكىنقەدەر ئاممىباب بولۇش ، ئەتراپلىق بولۇش ، چۈشىنىشلىك بولۇش ، ئېنىق بولۇش ، ئىخچام بولۇش ، سىستېمىلىق بولۇش ، ئىزچىل بولۇش ، تەپسىلىي بولۇش ھەم ئىلمىي بولۇش قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىنىپ ، لۇغەتنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلد ى.
ئۇنىڭدىن باشقا ، مەزكۇر لۇغەتنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە لۇغەتنىڭ ئاخىرىغا ‹‹ئۇيغۇر تىلىدىكى قوشۇمچىلار››، ‹‹خەلقئارا تاۋۇش بەلگىلىرى ››، ‹‹ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەر بىلەن خەلقئارا تىرانسكرىپسىيە بەلگىلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ››، ‹‹ يۇلتۇزلار ۋە بۇرجلار ››، ‹‹ يىگىرمە تۆت مەۋسۇم ››، ‹‹ قەمەرىيە ۋە شەمسىيە كالېندارى بويىچە ئايلارنىڭ ناملىرى ››، ‹‹ قىتئەلەر ، مەملىكەتلەر ، رايونلار ۋە ئۇلارنىڭ پايتەختلىرى ، مەركەزلىرى ۋە پۇللىرى ››، ‹‹ ئۆلچەم بىرلىكلىرى ››، ‹‹ ئاتوم ئېغىرلىقى جەدۋىلى ›› قاتارلىق مەزمۇنلار بېرىلدى .
بىر مىللەت تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى شۇ مىللەت تىلىدىكى سۆزلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەم ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ ، شۇنداقلا ئۇ شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر مىللەت كىشىلىرىنى شۇ تىل مەركىزىگە ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . شۇڭا ، ئۇنىڭدا شۇ تىلدىكى ھەممە سۆزلەر يېشىپ بېرىلىدۇ ، شەرھلىنىدۇ ، سۆز مەنىلىرى تۈرلۈك شەرتلىك بەلگە ، پاكىتلىق مىساللار بىلەن دەلىللىنىپ ، بىر پۈتۈن تىل لېكسىكىسى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىلىد ۇ. ئۇنىڭدا يەنە بىر مىللەتنىڭ ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل لېكسىكىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان بەزى دىيالېكت سۆزلەر ئەدەبىي تىل لېكسىكىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ ، بۇ ئارقىلىق بىر مىللەت ئۈچۈن ئورتاق بولغان سۆزلەر قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ، ئۆلچەملەشتۈرۈلىدۇ ، ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ ھەم بېيىتىلىدۇ . بۇلار يېڭىدىن تۈزۈلگەن‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› دە تولۇق ئەكس ئېتىلدى.
شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى ، بىر مىللەت تىلىنىڭ مۇكەممەلرەك ئىزاھلىق لۇغىتىنى تۈزۈش ئاسان ئەمەس. چۈنكى ، لۇغەتچىلىك چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك خىزمەت . تىل پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك – تۈمەن ھادىسىلەرنى ئۆزىدە دائىم ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، لۇغەت بىر دۆلەتنىڭ ، يەنى بىر مىللەتنىڭ تىلى ، مەدەنىيىتى ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ، ھازىرقى تەرەققىيات باسقۇچى ، تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆرسەتكۈچ ئەينەكلىك رولىنىمۇ ئوينايدۇ . مۇكەممەل بىر لۇغەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىر دۆلەت ، بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى لۇغەتچىلىك تەتقىقاتى ۋە ئىش ئەمەلىيىتىدە چېنىقىشىمىز تازا يېتەرلىك بولدى دېيەلمەيمىز ، مۇشۇ نۇقتىدىن ، قايتا نەشر قىلىنغان نۇسخىدىمۇ خاتالىق ، يېتىشسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر لۇغەتتە ساقلانغان نۇقسان ۋە يېتىشسىزلىكلەر ھەققىدە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز .