دوختۇر تەربىيەلەش شەكلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ھەر دەرىجىلىك مېدىتسىنا مەكتەپلىرى ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان مېدىتسىنا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 600 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم دوختۇر بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىختىساسلىقلار ئىسراپ بولىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، جۇڭگو يېزىلىرىدا دوختۇر ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، مۆلچەردىكى نىسبەت بويىچە، جۇڭگودا ئاز بولغاندىمۇ 600 مىڭ ئومۇمىي كېسەللىك دوختۇرى تەقسىم قىلىنىشى كېرەك، بىراق نۆۋەتتە جۇڭگودا پەقەتلا 78 مىڭ دوختۇر بار، شۇنداقلا ساپاسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. (8 - ئاينىڭ 13 – كۈنىدىكى «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» دىن ئېلىندى)
بۈگۈنكى جەمئىيەتتە كەسىپ ئۆزگەرتىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتەلمەسلىك ناھايىتى نورمال ئىش، مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، كەسپ ئۆزگەرتكەن كىشىلەر كەسىپ ئۆزگەرتمىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، نەزەر دائىرىسى كەڭرى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك. بىراق، ئەگەر مەلۇم بىر كەسىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەخمىنەن %83 ىدىن كۆپرەكى كەسىپ ئۆزگەرتسە، بۇ نورمال ئەمەس، بۇ دۆلەتنىڭ مۇشۇ كەسىپتىكى مائارىپتا زور تۈركۈمدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئىسراپ بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقىنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنىڭمۇ ئىسراپ بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
زور تۈركۈمدىكى مېدىتسىنا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسىپ ئۆزگەرتىشىدىكى تۈپكى سەۋەب بولسا، ھازىر بار بولغان دوختۇر تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار، شۇنداقلا دوختۇرلۇق كەسپىنىڭ ئەمەلىي تەلىپىگە ماس كەلمەي، رەسمىي دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرەلمەيدۇ. دوختۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپ ئادەمنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى بىلەن ھەپىلىشىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىقى ناھايىتى ئېغىر، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن كامالەتكە يەتكەن تېبابەت تېخنىكىسى تەلەپ قىلىنىدۇ، لېكىن كامالەتكە يەتكەن تېبابەت تېخنىكىسى ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبىنىڭ جۇغلىنىشى ۋە تەسىراتىدىن كېلىدۇ. ھازىرقى مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ شەكلى نەزەرىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، كىلىنىكىغا سەل قارايدۇ، يېتەرلىك پىراكتىكا بازىلىرى يوق، مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، ھەتتا ئاناتومىيەدە ئۆلۈكمۇ ئىشلەتمەيدىغان بولغاچقا، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ كىلىنىكا تېخنىكىسىنىڭ «تۈجۈپىلەپ ئىشلىنىشى» گە كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى تەس. بۇنداق مېدىتسىنا كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قانداقمۇ چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ كۆزى چۈشسۇن؟
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، كەسىپ ئۆزگەرتىشتىكى سەۋەب كىرىم ئاز، بۇنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئالدىدا دەپ ئېيتقاندەك، دوختۇرلۇق كەسپى شوغۇللانغۇچىلاردىن ئۇزۇن مۇددەتلىك مول ئەمەلىيەت ۋە كامالەتكە يەتكەن تېبابەت ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، يېڭىلا مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولۇشى ناتايىن، ئۇلارنىڭ كىرىمى باشقا دوختۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نىسبەتەن تۆۋەنرەك، بىراق ئۇلارنىڭ كېيىنكى كۈنلۈكتىكى كىرىمى باشقا كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمىدىن خېلىلا كۆپ، چەت ئەللەردىمۇ مانا شۇنداق، مەسىلەن، داڭلىق دوختۇر، داۋالاش نوپۇزلۇق ئاپپاراتلىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلارنىڭ كىرىمى پۈتكۈل جەمئىيەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى يۇقىرى. ئاۋۋال تۆۋەن، ئاندىن يۇقىرى بولۇش داۋالاش كەسپى كىرىمىنىڭ بىر قائىدىسى. پەقەت ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋاملاشتۇرسا، ئاندىن كېيىنكى كۈنلۈكتىكى يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تەننەرخىدە بىرقەدەر زور خەۋەپكە تەۋەككۈل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كەسىپ ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ بەزىلىرى بۇ خەۋپنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ.
بىر جەھەتتىن، زور تۈركۈمدىكى مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى رەسمىي دوختۇرخانىغا كىرەلمەيدۇ ، يەنە بىر جەھەتتىن، ئاساسىي قاتلامدىكى سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا يوچۇق ناھايىتى چوڭ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېبابەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ بىر تۈرلۈك 380 نەپەر مېدىتسىنا تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتا كۆرسىتىلىشىچە، %80 ئوقۇغۇچى چوڭ شەھەرلەردە قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى خالايدىغانلار %20 كىمۇ يەتمەيدىكەن. ئەڭ ئېغىر مەسىلە بولسا، يېزىلاردا ئومۇمىي كېسەللىكلەر دوختۇرى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. نۇرغۇنلىغان مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن «ئۆزىنى چەتكە ئېلىش» ىدىكى سەۋەب بولسا: ياخشى تېخنىكا يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ، ياخشى ئىشتات يوق، كەلگۈسىدە ئىلگىرىلەش سەرمايسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئاپپاراتلىرى «ئومۇمىي كېسەللىكلەر دوختۇر» لىرىغا، يەنى دىياگنوز ئۇسۇلى بىلەن ئادەتتىكى كېسەللىكلەرنى، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنى، شۇنداقلا ئادەتتىكى جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان «كۆپ تەرەپلىمە» دوختۇرلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق. مۆلچەردىكى نىسبەت بويىچە، جۇڭگودا ئاز بولغاندىمۇ 600 مىڭ ئومۇمىي كېسەللىكلەر دوختۇرى تەقسىم قىلىنىشى كېرەك، بىراق نۆۋەتتە جۇڭگودا پەقەتلا 78 مىڭ دوختۇر بار. ھازىرقى مېدىتسىنا مەكتەپلىرىنىڭ بىلىم نۇقتىسىنى ئىلغىشى ناھايىتى ئىنچىكە، ناھايىتى تار، ئاساسىي جەھەتتىن ئاساسىي قاتلامغا ئومۇمىي كېسەللىكلەر دوختۇرى تەربىيەلەشنى ئويلاشمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى خالىسىمۇ ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە – داۋالاش تەلىپىگە ماسلىشىپ كېتىشى ناھايىتى تەس.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ دوختۇر تەربىيەلەش ئۇسۇلىمىزنى جەزمەن تەڭشەپ ، ئىككى جەھەتتىن تەڭ قول سېلىش كېرەك. بىر جەھەتتىن رەسمىي دوختۇرخانىلارنىڭ مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلىنىپ، «ئاز بولۇش، ساز بولۇش» تەك تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش، مېدىتسىنا مائارىپىنى «قابىلىيەتلىكلەشتۈرۈش»، سانى ئاز، سۈپىتى ياخشى، پىلانلىق تەربىيەلەنسە، بىر ئوقۇغۇچىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، نىشانلىق ھالدا ئومۇمىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشلىتەلەيدىغان قىلىپ، دوختۇرلۇق بىلەن شوغۇللاندۇرۇش كېرەك. يەنە ئاساسىي قاتلام داۋالاش خادىملىرىغا كەسپى لايىھە بېكىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ راۋان بولغان يۇقىرى ئۆرلەش يولىنى ئېچىپ بېرىپ، مۇۋاپىق، ھەتتا ياخشى بولغان تەمىنات ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ مېدىتسىنا كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشلىشىنى جەلپ قىلىش لازىم.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن