تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4471|ئىنكاس: 13

ئىنسانلار راستىنلا كومپيۇتېردىن ئەقىللىقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
413
تۆھپە
136
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنسانلار راستىنلا كومپيۇتېردىن ئەقىللىقمۇ؟


      [ئامېرىكا «كەلگۈسىشۇناسلار» تور پونكىتى 12 - ئاۋغۇست ماقالىسى] گەرچە IBM شىركىتىنىڭ چوڭقۇر جاۋابىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىلىك كومپيۇتېرنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنى «ئەقلىي ئىقتىدار» لىق دىيەلمەيمىز. ئەمما، كېيىنكى ئەۋلاد ياكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كېيىنكى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىلىك كومپيۇتېرلار قانداق بولار؟
      ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەشتىن ئىلگىرى بىز بىر خىل مىليارد قېتىم ھېسابلىيالايدىغان ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇزىتىش نىسبىتىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئاددىي ئۆلچەملىك ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. بىز بىر خىل ئۆلچەملىك ئۆلچەش شەكلى ئارقىلىقلا ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەپ چىقالايمىز.
      سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئەنگلىيە ماتېماتىكى تورىڭ ۋە ئۇنىڭ نامى بېرىلگەن تورىڭ ئۆلچىمىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تورىڭ ئۆلچىشىدە ناتۇنۇش ئادەم بىلەن ماشىنا يېزىق ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ھۆكۈم قىلغۇچى كىمنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇيالمىسا، ياكى پەرقلەندۈرەلمىسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆلچەشتىن ئۆتۈشى كېرەك. يا ئۆتەلەيدۇ، يا ئۆتەلمەيدۇ، نەتىجە ناھايىتى بىۋاسىتە بولىدۇ.
      گەرچە بۇ خىل ئۆلچەش ئۇسۇلى ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىدارلىقلارنى بېكىتىشتە كۆپ ياردىمى بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارنى بىردىنبىر ئەقلىي ئىقتىدار تىپى دەپ قارىمايدۇ.
      دېلفىن ياكى ئورانگۇتانلار مۇنداق ئۆلچەشتىن مەڭگۈ ئۆتەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى خىل ھايۋانات ئەقلىي ئىقتىدارىنى خېلىلا جارى قىلدۇرالايدۇ ياكى نامايان قىلدۇرالايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سەۋىيەسى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.
      ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. چۈنكى كومپيۇتېر ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىدارغا يەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن، بىر خىل سۇنئىي ھەممىباپ ئەقلىي ئىقتىدارمۇ بەلكى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، تورىڭ ئۆلچىشىدىن ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئېھتىمال كۆپلىگەن جەھەتلەردە بىزدىن كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن.
      بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئادەملەرگە قارىتىلغان پىسخىكىلىق ئۆلچەش ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. گەرچە بىر قىسىم ئادەملەر شەخسلەرنىڭ ئەقلىي كۈچىگە نومۇر قويۇش ئىشىنىڭ زادى توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولسىمۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە بىز بۇ ئۆلچەشلەردىن ھەر خىل ئىرقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى خېلىلا چۈشىنىۋالدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۆلچەشنى ئىنسانلاردىن باشقىلارغا قوللىنىشقا بولمايدۇ. شۇڭا بىز بىر خىل ماشىنىلارغا ماس كېلىدىغان ئۆلچەش ئۇسۇلىنى قانداق ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك؟
      كۆپ يىللاردىن بۇيان ، كىشىلەر ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپلىگەن ئۆلچەش نەزەرىيەلىرى ماتېماتىكا جەھەتتە پۇختا ئەمەس. ئىنسانلاردىن باشقىلارغا قارىتا ئۆلچەش ئېلىپ بېرىش ھەمدە مەقسەتلىك ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۇلارنى باھالاپ نومۇر قويۇشتا، بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرىسلىق ۋەزىپىلەرنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىگە ئېنىق باھا بېرىشىمىز كېرەك.
      يېقىندا، ئىنسانلار خىرىس ۋەزىپىسىنىڭ رامكىسىنى يارىتىشنى قىياس قىلىپ چىقتى. خىرىس ۋەزىپىسى ماتېماتىكىدا پۇختا بولىدۇ. بۇ خىل ئۆلچەشنىڭ ئاساسى ئۇچۇر نەزەرىيەسى ۋە مۇرەككەپ نەزەرىيەلەرنى ئۆلچەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت، كونكرېتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خىرىس ۋەزىپىسىگە ماتېماتىكىنىڭ تارماق قىممىتىنى بېرىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلدا بىز ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن مەيلى ئۇ ھايۋانات، ماشىنا ياكى نەزەرىيە جەھەتتىكى تاشقى پىلانت ئادىمى بولسۇن، خىرىس ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ چىقىپ، ئاندىن نەتىجىسىگە نومۇر قويۇشىمىز كېرەك.
      بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا مۇنداق بىر مەسىلىنى قويىدۇ: ماشىنىلار ئىنسانلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقىي ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان كۈن يېقىنلاپ كەلدىمۇ - قانداق؟
      تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
95
تۆھپە
39
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسالغۇچې - ياسىغۇچىدىن ئەقىللىق بولىشى ناتايىن ؛


Rank: 2

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
75
تۆھپە
30
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئىشىپ كىتىپتۇ !!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1590
تۆھپە
610
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە كومپىيۇتىر خىلى كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز، شۇنداقتىمۇ ئادەمنىڭ كاللىسى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنى كەشىپ قىلغان،كومپىيۇتىر بولغان بىلەن شۇنى باشقۇرىدىغان ،مەشغۇلاتلارغا بۇيرۇق بىرىدىغان ئادەم لازىمدە


Rank: 1

تىللا
23
تۆھپە
13
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتېرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىگە ئادەملەر پەقەتلا يىتىشەلمەيدۇ ، ئۇ پەقەت ئالدىن كىرگۈزۈپ قويغان پىروگرامما بويىچە ئىشلەيدۇ . ئۇ تەپەككۇر قىلالمايدۇ ، ئەگەر ئۇ تەپەككۈر قىلالىسا ئۇنىڭغا قانداق پىروگرامما تۈزۈشمۇ بىر مەسلە بولۇپ قالىدۇ .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1264
تۆھپە
825
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wtajalli يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 16:46
ياسالغۇچې - ياسىغۇچىدىن ئەقىللىق بولىشى ناتايىن ؛

قوللايمەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1390
تۆھپە
514
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېرنى ئىنسان بارلىققا كەلتۈرگەن ، مانا مۇشۇلا ئىنسان ئەقىل - پاراسىتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرمامدۇ ؟


Rank: 1

تىللا
23
تۆھپە
13
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرىلىق ۋە تېزلىك جەھەتتە كومپىيوتېر يەنىلا ئىنسانلارنى بېسىپ چۈشىدۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
625
تۆھپە
318
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىساپلاش ۋە توغرىلىق جەھەتتە ئىنسانلاردىن تىز بولسىمۇ، كومپىيوتېر بۇيرۇق بەرگەندىلا ھىساپلايدۇ.ئۇنىڭ ئىنسانلارنى بېسىپ چۈشۈشى مۇمكىن ئەمەس.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
1095
تۆھپە
470
UID
312
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بولمىساق كومپىيوتىر قانداق بارلىققا كېلەتتى.بىز ئەقىللىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا  كەشىپ قىلىنغان


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-18 12:59, Processed in 0.082686 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991