تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 6953|ئىنكاس: 13

ئاجرىشىش قىلتىقى (دەرتمەن 119) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
104
تۆھپە
28
UID
2822
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاجرىشىش قىلتىقى


      ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر بوۋاي نيۇيوركتىكى ئوغلىغا تېلېفون قىلدى.
      - ئوغلۇم، ئەسلى سېنى پاراكەندە قىلماي دېگەن، بىراق بىر ئىشنى ئېيتمىسام بولمىدى، ئاپاڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتەي دەيمەن. بىز توي قىلغىلى 35 يىل بوپتۇ، مەن بۇ تۇرمۇشتىن جاق تويدۇم.
      - دادا، نېمە دەيدىغانسەن، - دېدى ئوغلى ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدا.
      - ئاپاڭ ئىككىمىز بىر - بىرىمىزنى كۆرەرگە كۆزىمىز قالمىدى، - دېدى بوۋاي، - بۇ ئىشنى تىلغا ئالغۇممۇ يوق، شۇڭا سېنى شياڭگاڭدىكى ھەدەڭگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئېيتىپ قويامدىكىن دېگەن ئىدىم.
      بوۋاينىڭ ئوغلى دەرھال ھەدىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتى، ھەدىسى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئاچچىقىدا چېچىلىپ سۆزلەپلا كەتتى.
      - ئۇلار بىر ئوبدان ئۆتۈۋېتىپ، نېمىشقا ئاجرىشىشنى ئويلاپ قالغاندۇ. بۇ ئىشقا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.
      ئۇ دەرھال بومبايدىكى ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، دادىسىغا:
      - سىلەر ئاجراشماي تۇرۇڭلار، ھېچبولمىغاندا ئىنىم ئىككىمىز ئۆيگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئاجراشماڭلار. ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، ئاڭلىدىڭىزمۇ، - دېدى.
      بوۋاي تۇرۇپكىنى جايىغا قويۇپ، ئۆرۈلۈپ مومىيىغا قارىدى ۋە:
      - ئەمدى بولدى، ئىش ھەل بولدى دېگەن گەپ، ھەر ئىككىلىسى بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىزگە قاتنىشالايدىغان بولدى، - دېدى كۈلۈمسىرگەن ھالدا.
      بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە ئادەم بەك ئالدىراش، ئەمما ئۆزىڭىز خالىسىڭىزلا چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئاتا - ئانىڭىزنى يوقلاپ كېلەلەيسىز ئەلۋەتتە....

      مەنبە: uycnr تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 09:45  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
رەنا
تىللا
349
تۆھپە
245
UID
21673
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى قىسقا ئەمما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ .رەھمەت .ھارمىغايسىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
610
تۆھپە
205
UID
404
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىقچى بوۋايكەن بۇ !


بۈگۈن توي قىلغىنىمىزغا تۆت يىل بوپتۇ، نېمانچە تېز ھە!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2149
تۆھپە
1136
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئەقىل ئىشلىتىپتۇ، بولمىسا بالىلار ئاتا-ئانىسنى يوقلىمايدىكەندە


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1390
تۆھپە
514
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           
                    ياشانغانلار  بالىلارنىڭ مېھرى- مۇھەببىتىگە مۇھتاج بولىدۇ ، لېكىن ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە ياشانغانلار بالىلارنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولالماي ، كۈنلىرىنى يىراقتىكى بالىلىرىنى سېغىنىش ، ئۇلارنىڭ ھال سوراپ ئۇرغان تېلىفونلىرىغا ئىنتىزار بولۇش ، قۇتلۇق كۈنلەرنى بالىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ ھايات خۇشاللىقلىرىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشقا ئىنتىلىش بىلەن ئۆتكۈزۋاتىدۇ .
ئەسەردىكى بوۋاي - مومايمۇ ئۆزلىرىنىڭ 35 يىللىق توي خاتىرە كۈنى  بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئىستىكىدە ، ئەنە شۇنداق ئۈنۈملۈك يالغان ھېكايىدىن بىرنى توقۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان .
ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزگە چەكسىز مېھرى- مۇھەببىتىنى بەردى ، ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، ھاياتنىڭ خىلمۇ - خىل سىناقلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى ، لېكىن ، نۇرغۇنلىرىمىز ئۇلار مېھرى- مۇھەببەتكە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا ، ئۇلار بىزگە بەرگەن مېھر - مۇھەببەتنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ بېرەلىدۇقمۇ ؟!


Rank: 4

تىللا
350
تۆھپە
84
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بولىدىغان  پىلان  ئىكەنغۇ


Rank: 2

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
95
تۆھپە
39
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەندەك ئاتا - ئانىمىزغا كۆڭۈل بۆلەلىسەك ياخشى بولاتتى ؛


Rank: 2

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
75
تۆھپە
30
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي........  راسلا تەربىييۋى ئەھمىيتى بار  تىمىكەن..


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1590
تۆھپە
610
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى قىززىقچى ئادەمكىنا ئۇ؟ شۇنداق دەپ بالىلىرى بىلەن بىر يۈز كۆرۈشۈۋالاي دەپتۇ-ھە، ھەممىسىنى بىسەرەمجان قىلىپ،    


Rank: 3Rank: 3

تىللا
142
تۆھپە
92
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي قول قويدۇم جۇمۇ .ما بوۋاينىڭ قاقۋاش لىقىنى توۋا .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-18 12:31, Processed in 0.080538 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991