سەۋرچانلىقنىڭ ئۈلگىسىدىن ئارىيە
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان جىمىس ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئېلان شىركىتىنىڭ لېدىرى ئىدى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش نۇتقىدا ئۇ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: قىيىنچىلىقتا قالغاندا سەۋرچان بولۇڭلار، ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭلار، ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار، ئاشۇ مۇھىت ئاخىرىدا سىلەرنى تاۋلاپ چىقىدۇ.
جىمىسنىڭ بۇنداق دېيىشىگە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى سەۋەب بولغانىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىر نېفىت شىركىتىگە قوبۇل قىلىنىپتۇ، ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى ئىش بېشى ئۇنىڭغا چىرايلىق ئورالغان بىر قۇتىنى تۇتقۇزۇپ، ئۇنى نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇرغىلاش جاھازىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، مەشغۇلات قىلىۋاتقان باشلىقىغا يەتكۈزۈشنى تاپىلاپتۇ. جىمىس قۇتىنى ئېلىپ ئىككىلەنمەيلا كىمىنىڭ ھەم ئېگىز، ھەم تار شوتىسىغا يامىشىپتۇ. ئۇ ھېرىپ مىڭ تەستە نىشانغا يېتىپ بېرىپتۇ، باشلىقى قۇتىنىڭ ئۈستىگە ئىسمىنى يېزىپلا، ئۇنىڭغا بۇ قۇتىنى يەنە پەستىكى ئىش بېشىغا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جىمىس ئۇچقاندەك چۈشۈپ، ئىش بېشىغا قۇتىنى تاپشۇرۇپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئىش بېشىمۇ قۇتىغا ئىمزا قويۇپلا، قۇتىنى يەنە باشلىقىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشنى ئېيتىپتۇ. جىمىس ئامالسىز يەنە ئۈستىگە چىقىپتۇ. لېكىن، باشلىقى بۇ قېتىممۇ قۇتىغا ئىمزا قويۇپلا ئۇنىڭغا بۇ قۇتىنى ئىش بېشىغا تاپشۇرۇشنى ئېيتىپتۇ.
جىمىس كۆڭلىدە بۇلار مېنى قەستەن قىيناۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. بەدىنى دېڭىز سۈيى چاچراپ چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن جىمىس ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، بۇ ئىشنى نېمىشقا تەكرارلاۋېرىدىغانلىقىنى سورىماپتۇ. ئۇ 10 - قېتىم قۇتىنى ئېچىشىقا بۇيرۇپتۇ.
جىمىس شۈبھىلەنگەن ھالدا قۇتىنى ئېچىپتۇ، قۇتىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن بىر ئىستاكان سۈت بار ئىكەن، جىمىسنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ.
- بۇلارنى سەن ئىچىۋەتكىن، - دەپتۇ باشلىقى.
بۇنى ئاڭلاپ جىمىس ئاچچىقىنى باسالماي، قۇتىنى دېڭىزغا چۆرۈۋېتىپتۇ ھەمدە باشلىقىغا سەت ئالىيىپ تۇرۇپ:
- بولدى، مەن بۇ يەردە ئىشلىمەيمەن، مېنى مۇشۇنداق ئەخمەق قىلامسىلەر؟ - دەپتۇ.
- بالام، بايا بىز سېنى مەشىققە سالدۇق، ئۇ ئادەمنىڭ سەۋرچانلىقىنى سىناش ئىقتىدارى مەشىقى، چۈنكى بىز ھەر كۈنى دېڭىزدا مەشغۇلات قىلىمىز، ھەر ۋاقىت خەتەرگە يولۇقىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا خىزمەتچىلەر سەۋرچان، خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇندىلا دېڭىزدىكى خىزمەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلالايدۇ، - دەپتۇ باشلىقى ئۈمىدسىزلىنىپ، - سەن سىناقنىڭ ھەممە باسقۇچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنىدىڭ، بىراق ئۆزۈڭ دەملىگەن قەھۋەنى ئىچەلمىدىڭ، تولىمۇ ئەپسۇس، ئەمدى كەتمەيمەن دېسەڭمۇ ئامال يوق، سېنى قوبۇل قىلالمايدىغان بولدۇق.
بۇ ئىش جىمىسقا قاتتىق تەسىر قىپتۇ. شۇ كەچۈرمىش ئۇنىڭغا سەۋرچانلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرۈپ، كېيىن سودىدا ئۇتۇق قازىنىشىغا تۈرتكە بوپتۇ.
سەۋرچانلىق ھەرگىزمۇ ئاجىزلىق ئەمەس، دورامچىلىقمۇ ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ گۈزەل ۋە يېتىش قىيىن بولغان ئارزۇ ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلاشتۇر. سەۋرچانلىقمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى نۇرغۇن قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، غەلىبىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ ۋە تىرىشىپ - تىرمىشىپ كېيىنكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ھەممە ئادەم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق رېئال تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋەرمەيدۇ، شۇڭا تۇرمۇشتا چوقۇم سەۋرچانلىقنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز لازىم.
مەنبە: uycnr تورى